ئىلى ئوبلاستلىق يۇقۇمنى تىزگىنلەش شىتابى: «كارانتىننىڭ بوشىتىلىشىغا تېخى بالدۇر»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس قايتا پارتلىغاندىن كېيىن، يۇقۇم ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر غۇلجا، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قامال قىلىش ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇلغانىدى. بەزى جايلاردا كۆچمە داۋالاش سۇپىسى ۋە كارانتىنم مەزكىزى بىرلەشتۈرۈلگەن كابىنكىلىق بىر يۈرۈش ۋاقىتلىق دوختۇرخانا قۇرۇشمۇ يولغا قويۇلغان.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان، رايوندا 14 بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋە 3 ۋاقىتلىق دوختۇرخانا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككى كابىنىتلىق ۋاقىتلىق دوختۇرخانا قوزغىتىلغان. ئۇنىڭ كۆلىمى 7700 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، ئاساسلىقى يېنىك ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان بىمارلارنى داۋالايدىكەن.

12-ئاۋغۇست «سوخۇ تورى» تارقاتقان خەۋەردە دېيىلىشىچە، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى جىددىي تەشكىللەپ، غۇلجا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ بوش يېرىدە 36 سائەت ئىچىدە بىر كابىنىتلىق دوختۇرخانانىنى قۇرغان. بۇ بىرىنچى نۇقتىدا جەمئىي 520 كارىۋات بار ئىكەن. ئارقىدىنلا ئىككىنچى نۇقتا غۇلجا خەلق باغچىسىدىكى دېجىڭ ۋاقىتلىق دوختۇرخانىسىمۇ 40 سائەت ئىچىدە قۇرۇپ چىقىلغان، ئۇ 6200 كۋادرات مېتىرلىق بوش زاۋۇت بىناسىدا قۇرۇلغان، ئۇنىڭدا 600 دىن ئارتۇق كارىۋات بار ئىكەن.

نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرى خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كارانتىن تەدبىرلىرى ئەڭ قاتتىق يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائ‍ىرىلىرىنىڭ 21-ئاۋغۇست تاراتقۇلارغا ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر غۇلجا شەھىرىدە 106 ئورۇندا ئاتالمىش كارانتىن نۇقتىسى قۇرۇپ، 12 مىڭ 26 كىشىنى ئايرىپ كارانتىن ئاستىغا ئالغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ خۇددى ۋۇخەن ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا قوللانغان بۇ خىل ۋاقىتلىق كابىنكىلىق دوختۇرخانا، گەمىلىك كارانتىن ئورنى، ئايرىۋېتىش نۇقتىلىرى قاتارلىق جىددىي كارانتىن ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ قامال قىلىشى، ئىجتىماىي تاراتقۇلاردا ئەڭ زور ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

دائىرىلەر غۇلجا قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر جايلاردا قۇرغان بۇ خىل كارانتىن نۇقتىلىرىدا، مىكروبسىزلاندۇرۇش ئۆيى، قۇتقۇزۇش ئۆيى، ھاجەتخانا ۋە مۇنچا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن كارانتىن نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇ ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، «تىك-توك» تا غۇلجا شەھىرىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا قۇرۇلغان كارانتىن كۆچمە دوختۇرخانسىنىڭ ئىچى تارتىلغان بىر قىسقا سىن كۆۈرۈنىشى تارقالدى.

ئۇنىڭدا بۇ كارانتىن ئورنىدا ئادەم سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلىكى، كارانتىنغا ئېلىنغان ئىنسانلارنىڭ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ ئوچۇق چوڭ مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپسىزلىكى، بىمارلارنىڭ ماسكىسىز يۈرۈۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋىدىيوغا يېزىلغان سۆزلەردىن بىمارلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى 80 يۈەن خەلق پۇلى ئۆلچىمى بىلەن بىكىتىلگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئەمەليەتتە كىشلەرگە تاماقنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ پاش بولدى.

ئايرىپ كارانتىن قىلىنغان كەپىلىك كارانتىن نۇتىلىرىغا قامالغان ئاممىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىغا قۇرۇلغان، ئايرىپ كاترانتىن قىلىش نۇقتىلىرى تارتىلغان يەنە بىر قىسقا ۋېدىيودا، تەنتەربىيە مەيدانىغا قاتار تىزىلغان كۈك رەڭدىكى بۇ كەپىلەرنىڭ داق يەرگە قۇرۇلغانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كەپىلەرنىڭ ئىچىدە ھەتتا ھاجەتخانىمۇ يوقلۇقى، نورمال ياشاش مۇمكىن بولمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دائىرىلەرنىڭ كارانتىن نۇقتىلىرىنى «يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك»، «ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك» ۋە «تۆۋەن دەرىجىدىكى خەتەرلىك» دەپ 3 دەرىجىگە ئايرىغانلىقى، يۇقىرى ھەم ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك نۇقتىلاردا «تۇراقلىق باشقۇرۇش» نى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغانفدا، غۇلجادا 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇنداق ئورۇنلارغا 3 دەرىجىگە ئايرىلىپ كارانتىن قىلىنغان، غۇلجا شەھىرىدە تەلەپكە بىنائەن كارانتىن نۇقتىلىرىدا ساغلاملىقنى نازارەت قىلىش، يادرولۇق كىسلاتا تەكشۈرۈشى، شەخسىي قوغدىنىش، يېپىق باشقۇرۇش ۋە كۈندە ئىككى قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، «ئ‍ون خىل كېسەللىك ئالامىتى» نى سۈرۈشتە قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كارانتىن نۇقتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جايلاردا قۇرغان مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىلىرىدىن ئاشكارلانغان ئەھۋاللارغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار تارقالماقتا. بۇ ئىنكاسلاردا خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ھالدا يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلىدىغان كارانتىن نۇقتىلارنىڭ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھېچقانداق رولى بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە كوللېكتىپ يۇقۇملىنىپ قېلىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىپ قېلىش ۋە ۋىرۇسنىڭ سىرتقا يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مەيلى ئائىلىلەردە سولىنىپ كارانتىن قىلىنىۋاتقانلار ۋە ياكى ئوخشىمىغان كارانتىن نۇتىلىرىغا قامالغانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەقەتلا ھۈكۈمەتنىڭ تەدبىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى، كارانتىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان مەھەللە كومىتېت خادىملىرىنىڭ يۇقۇمدىكى ۋەزىپىسىنى زورلۇق-زومبىلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى پاش بولماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىندا تارقالغان خىتايچە سۆزلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال، غۇلجادىكى مەلۇم مەھەللە كادىرىنىڭ بىر كىشىنى ئۆيىدىن مەجبۇرىي كارانتىن نۇقتىسىغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا، زورلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىنى ئۆلتۈرىۋەتكەمنلىكىدەك ۋەھشىلىكىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ غۇلجانىڭ ۋېرۇس تارقىلىش سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلدىن بۇيان 2-قېتىم قايتا قامال قىلىنىشىدۇر. ھازىر غۇلجادا كىشىلەرنىڭ قامال قىلىنىۋاتقانلىقىغا 20 كۈندىن ئاشتى. بىز قامالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتتىن قاچان قۇتۇلىدىغانلىقى، غۇلجادىكى قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، يەرلىك دائىرىلەرگە تېلىفون قىلدۇق. ئىلى ئوبلاستلىق يۇقۇمنى تىزگىنلەش قوماندانلىق شىتابىغا ئۇرغان تېلىفونىمىز ئۇلاندى. تېلېفون ئالغان خادىم ئۇيغۇر رايوندا كارانتىننىڭ بوشىتىلىشىغا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىر: يۇقۇم بىر قەدەر كونترول قىلىندى دېيىلمەكتە، بۇ قېتىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتتىق تەدبىرلىرى قاچان بىكار قىلىنىدۇ؟

خىتاي خادىم: ھازىر تېخى بۇنىڭغا بىر نېمە دىمەك تەس. تېخى بالدۇر.

مۇخبىر: كارانتىن قىلىنغانلار قاچان قويۇپ بېرىلىدۇ؟

خىتاي خادىم: ئوخشىمايدۇ، قىزىۋاتقانلار بار، تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىۋاتقانلار بار. ئۇنىڭ خېسۇەن (كىسلاتالىق تەكشۈرۈش) نەتىجىسىگە باغلىق.

مۇخبىر: ئۆيدە كارانتىن قىلىۋاتقانلارچۇ؟

خىتاي خادىم: ئۇنى مەھەللە كومىتېتىدىن سوراڭ.

بۇ قىسقا جاۋابتىن كېيىن تېلېفون ئۈزۈلدى.

ئۇنىڭ بايانلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقانلىقى، قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكىدەك ئۈنۈمىنىڭ ئۇنچىلىك كۆرىنەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دوختۇرى لى فەن: «يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭى يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت بىمارلىرىنىڭ سانى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، يۇقۇم دەسلەپتە كونترول قىلىندى» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدا-24 ئاۋغۇست ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى خەلقئارادا داۋاملىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىجتىماىي تاراتقۇلاردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەقىقىدە تارقاتقان تەشۋىقاتلىرىدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەر، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.