«4-ماي ياشلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ياشلىرى «شىنجاڭغا بېرىش» قا چاقىرىق قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.04
«نوپۇس مۇستەملىكىسى» دىن تۇغۇلغان پىكىرلەر: ئۇكرائىنا ۋە ئۇيغۇرلار تارىم نېفىتلىكىگە كۆچۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشتا. 2003-يىلى 14-سېنتەبىر، تەكلىماكان.
REUTERS

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىتاينىڭ ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى» باش ئوبزۇرچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ياشلىرىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدىكى خىتاي پىدايىلىرىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، «شىنجاڭغا بېرىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە» چاقىرغان ۋە بۇنى خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۈيۈك ۋەزىپە دەپ ئاتىغان.

ئوبزۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرىدا بىر تۈركۈم خىتاي ياشلىرى ‹شىنجاڭغا بارايلى، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايغا بارايلى› دېگەن يۈكسەك ئىرادە بىلەن، يۈك-تاقىلىرىنى ئېلىپ، يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا قۇملۇقنى بوستان قىلىش، شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشتەك مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بۈگۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى-خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى پىدا قىلالايدىغان ئاشۇنداق ئىرادىلىك ياشلار كېرەك».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى قايتا جانلاندۇرۇش» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى 50-، 60-يىللاردا بولسۇن ياكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە بولسۇن، خىتاي ياشلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈركۈملەپ ئۇيغۇر رايونىغا ماڭدۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن.

سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇ مەزگىلدە خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۆزى خالاپ ئەمەس، مەجبۇرىي يوسۇندا ۋە تەشكىللىك ئۇسۇلدا ئۇيغۇر رايونىغا بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوبزۇردا قىلىنغان چاقىرىقتا، 90-يىللاردىن ۋە 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان خىتاي ياشلىرىنىڭ «شىنجاڭغا بېرىش يولىدا ھەرگىز ئارقىغا يانماسلىقى» كۈچلۈك تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى ھەر قانداق ۋاقتتىكىدىن بەك ئېغىر، دۇچ كېلىدىغان قارشىلىق، زىددىيەت ۋە خەتەرلەر ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك كۆپ» دېيىلگەن ھەمدە خىتاي ياشلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، «مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بېغىشلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكىرى خىتايدا جان باقالمىغان خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن يەنە ئىچكىرى خىتايغا كېتىۋاتقان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

بۇ ئوبزۇردا يەنە «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى» غا تۆھپە قوشقان خىتاي ياشلىرىدىن بەزىلىرى مىسال ئېلىنغان بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئېنىرگىيە، سانائەت، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ساھەلىرىدە تېخىمۇ كۆپ تايانچ كۈچلىرى، مەمۇرىيەت قاتلىمىدا تېخىمۇ كۆپ ياش كادىرلار بولۇشى كېرەك» دېگەن تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ئوبزۇردا ئومۇمەن خىتاي ياشلىرىغا «خىتاينىڭ ئىستىقبالى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، بۇ ئىستىقبالنىڭ ئاچقۇچى بولغان شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا» دېگەن مەقسەت ئېنىق بىلدۈرۈلگەن. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە نېمە؟ ئۇلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئاۋۋال بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ۋەتەنگە بولغان ئىگىدارچىلىق، ھەقدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، ئۆز مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئاسارەتتە قالغان ئەھۋالدا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىھۇدە تالاش-تارتىش بىلەن ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى خوراتماي، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا داۋاملىق ئاڭلىتىشى، بۇ مىللەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.