2017-يىلدىن كېيىن شىددەت بىلەن كۆپەيتىلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىتايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مائارىپى
2022.05.13

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ 12-13-ماي كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، 2022-يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ياشلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە 2022-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان ياشلارنىڭ 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا ۋە پراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسى» نىڭ 12-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە، 2017-يىلى باشلانغان «پىدائىيلار مائارىپقا ياردەم بېرىش»، «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» يېڭى ئەندىزىسى بويىچە، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا ئاتالمىش «ياردەم» ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» ئۈچۈن قىلغان قەسەملىرى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش «ياردەم» نامىدا ئەۋەتىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە، بولوپمۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «غەربىي رايونغا ياردەم» ياكى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئەۋەتىلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي مائارىپى ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچلىق» نىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى شاللاپ، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىشنى شىددەت بىلەن تېزلەتكەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 13-ماي كۈنىدىكى خىتايچە خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن: «شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئاساسلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىندى. جەنۇبىي شىنجاڭنى نۇقتا قىلىپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار يېزا مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىلدى. ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات قىلىپ، ئىلگىرىكى نوپۇس ۋە رايون چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاندى، سىياسىي-ئىدىيەۋى ساپا مەسىلىسى ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىندى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بويىچە، ئاپتونۇم رايونىدا ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانى تەسىس قىلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 2021-يىلغىچە پۈتكۈل ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە بىڭوتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھالدا ئوقۇتقۇچىلار سانى 377 مىڭغا يەتكۈزۈلدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇنىدا، ھەرقايسىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تېزلىكتە شاللىۋېتىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يەنە نۇقتىلىق تۇتقۇن ئوبېيكتىغا ئايلانغان ئىدى.
لاگىر شاھىتلىرىدىن گولاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۆزى 1990-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئىشلىگەن ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ھەر خىل باھانىلەردە شاللىۋېتىلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.
ئامېرىكادىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ئادۋوكات تېڭ بىياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل باھانىلاردا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى شىددەت بىلەن كۆپەيتىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغان سىياسىتى ئىكەن.
تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ئالدىنئالا پىلانلانغان ۋە قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن سىياسىي پىلان. بۇ ھەرگىزمۇ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان سىياسەت ئەمەس. بۇنىڭ نۇرغۇن يىللار ئىگىرىلا پىلانلانغان سىياسەت ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ يەردە بۇ پىلاننىڭ ‹يىغىۋېلىش لاگىرلىرى›، يەنى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، دېسەك بولىدۇ.»
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنىڭ جىددىي دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكىنى تەكىتكىدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا جەمىيەت ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› مەسىلىسىگە نۇقتىلىق دىققەت بەردى. بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى رايوندا ‹ئېرقىي قىرغىنچىلىق› يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تىل، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش ھەركەتلىرى يېتەرلىك دىققەتكە سازاۋەر بولالمىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› غا قامالغانلارنىڭلا ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشى بولماستىن، بەلكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىش، ئانا تىلىدا مائارىپ تەرببىيەسى كۆرۈش، ئۆز مەدەنىيىتىدە ياشاش ھەقلىرىنىڭمۇ يوقىتىلغانلىقى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى مائارىپ سېپىدىن شاللاۋېتىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇشتىكى ئاخىرىقى مەقسەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنى تىل، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش، پىلانلىق ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.