خىتاي 10مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر رايونىغا «شىنجاڭغا ياردەم» كادىرلىرى يۆتكەش پىلانىنى يولغا قويغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.09.19
uyghurgha-yotkesh-xitay-teshwiqati.jpg تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرىمى كۆرسىتىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئەتراپىغا يىغىلغان خىتاي ساياھەتچىلەر. 2014-يىلى 1-ماي، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» ۋە «شىنجاڭغا ياردەم» كادىرلىرىنى يەنىمۇ كۆپلەپ يۆتكىمەكچى بولغانلىقى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» دە 14-سېنتەبىر كۈنى «ئىختىساسلىقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى» سەرلەۋھەلىك ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 10 مىليارد يۈەنلىك «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش فوندى» تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ مەبلەغ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەنىمۇ كۆپ «ئىختىساسلىقلار» ۋە «شىنجاڭغا ياردەم» كادىرىنى يۆتكەپ كېلىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزور ماقالىسىدە، «ئىختىساسلىقلار» قوشۇنىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، «مەيلى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ياكى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن، بىز ئىختىساسلىقلارغا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق» دېيىلگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىليارد يۈەنلىك «ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش فوندى» تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» ۋە «شىنجاڭغا ياردەم كادىرلىرى» نى كۆپەيتىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە يەنە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

نيۇ-يوركتا ياشايدىغان تۇڭگان مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بۇ زېمىننى خىتايلاشتۇرۇش. يەنى بۇ زېمىننىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت چەمبىرىكى›نىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش.»

ما جۈ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كادىرلىرىنى يۆتكەش پىلانىغا قارىتا خىتاي جەمئىيىتىدىكى بۇنى قوللاش كەيپىياتىغا جىددىي دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ئىقتىسادىدا ۋە مالىيەسىدە ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ زور مىقداردىكى مەبلەغنى بۇ ساھەگە ئاجرىتىشى، خىتاي خەلقىنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر تەرەپتىن، خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان چوڭ خىتاي بىرلىكى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ما جۈ ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقا زىيارىتىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىدە «شىنجاڭ ئىستىراتىگىيەسى» نى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، 10 مىليارد يۈەنلىك ‹ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش فوندى›نىڭ تەسىس قىلىنىشى، شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە رايوننى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدە بەرگەن يوليورۇقلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە جەنۇبىي ئافرىقادىن خىتايغا قايتىشىدا ئۇنىڭ بىرىنچى بېكىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈرۈمچى شەھىرى بولدى. ئۇ رايوندىكى سىياسەتلەر ھەققىدە يەنە بىر قاتار يېڭى يوليورۇقلارنى بەردى. شى جىنپىڭ تەستىقلىغان بۇ مەبلەغنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بۇ تۈر جىددىي يولغا قويۇلدى. بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى تۇپراقلىرىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوق قىلىشنى خىتاينىڭ فاشىشتىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىياسىي نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلىدىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ جىددىي كۆپەيتىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار رايونغا يۆتكەۋاتقان ئاتالمىش ‹ئىختىساسلىق› لىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياكى ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلاردۇر. بۇ ئەھۋال يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئالدىنقى يىللاردىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغاندەك، نۇرغۇنلىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قەدەر كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىچە نازارەت ئاستىغا ئېلىشى تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹ئىختىساسلىقلار پىلانى› بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.»

«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسىدە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا يۆتكەپ كېلىنىدىغان ئاتالمىش خىتاي «ئىختىساسلىقلار» ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ «گۇرۇپپىلاشقان» ھالدا يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسىي ۋىلايەت-ئوبلاست، ناھىيە ۋە يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتكوملاردا «بىرىنچى قول رەھبەر» (一把手) لىك ۋەزىپىسىگە قويۇلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا «پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان ۋە پارتىيەگە سادىق كادىرلار قوشۇنى» بەرپا قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ماقالىدە تەكىتلەنگەن «كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا ۋە خىتاي خەلقىگە ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان كونا تەشۋىقات ئەنئەنىلىرىدىن ئىكەن.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «شىنجاڭغا ياردەم» دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالان-تاراج سىياسىتى ۋە رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پەردازلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تېڭ بياۋ سۆزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: «رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزى دېگەندەك ‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش» نى مەقسەت قىلغان ئەمەس، شۇنداقلا ‹ئىختىساسلىقلار كىرگۈزۈش ئارقىلىق رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش› نىمۇ كۆزلىگەن ئەمەس. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› دېگىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا خىتاي ھازىر ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش›، ‹ۋەتەننى سۆيۈش›، ‹شى جىنپىڭ ئىدىيەسى› دېگەنلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، دىنىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش ‹ئىختىساسلىقلار› ۋە ‹شىنجاڭغا ياردەم كادىرلىرى› نامىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى نوپۇسىنى ئازايتماقچى بولۇۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ‹شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى› نىڭ ماھىيىتى دەل شۇنىڭدىن ئىبارەت».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.