ئىچكىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ جازا لاگېرلىرىدىكىگە ئوخشاش ھايات كەچۈرمەكتە

0:00 / 0:00

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چىڭداۋدا دېڭىز ئارمىيىسى خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن ۋەكىللەر كېلىپ قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش سىياسىتى پۈتۈن چىڭداۋنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلانغان ۋە ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش بۇ تەدبىرنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان.

بۇ يىل 2-ئايدا، شەندوڭدىكى بىر شىركەت باشلىقى ساقچى تەرەپنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇيرۇقتا «شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ، شىركەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئىشچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش كۆرسىتىلگەن. شىركەت خوجايىنى بۇ ئىشچىلاردىن ئايرىلسا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان. ساقچى تەرەپ بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنى شىركەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، جەرىمانە ئورنىدا 40 مىڭ سوملۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سىم توسۇقلارنى مەجبۇرى ئالغۇزغان.

مەزكۇر شىركەت ئۆزىدە ئىشلەۋاتقان 50 نەپەر ئۇيغۇرنى يۇرتىغا قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ساقچى تەرەپ ئۇيغۇرلار يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بېلىتى، كىملىكى، رەسىملىرىنى ساقچىغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە يوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

شەندوڭدىكى يەنە بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرمۇ يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىش تېرىپ باقمىغان، خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇپلا قالماي، تىرىشچان ۋە چىقىشقاق كىشىلەر ئىكەن. ئەمما ئۇلار دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتىغا قايتۇرۇلۇشى ئەمەسكەن. ئۆتكەن يىلى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىمۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ۋە يېرىمى قايتىپ كېلەلمىگەن. بۇ قېتىم ھېچكىمنىڭ قايتىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.


مۇخبىرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدا ئىشلىگەن ھەرقانداق ئۇيغۇر يۇرتىغا قايتقان ھامان يا تۈرمىگە ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىكەن.
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئىچكىرى خىتايدىكى تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتۇپ ئەكېلىپ تۈرمىلەرگە ياكى لاگېرلارغا قاماپ بولغان.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېنىقلا ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«خىتايدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دېڭىز ئارمىيە خاتىرە كۈنىدە مەجبۇرى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى» ناملىق بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكىگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جازا لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن پەرقى يوقكەن. خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدىكەن. ئۇلار داۋاملىق نازارەت ئاستىدا تۇرىدىكەن. ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقالمايدىكەن. بىر قېتىم 2 نەپەر ئۇيغۇر بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شىركەت خوجايىنى ئۆزى بېرىپ، مەسئۇل بولۇپ ساقچىدىن قايتۇرۇپ چىققان.

مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشلەمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدىكەن. ھەر كۈنى كەچ 40 مىنۇت خىتاي تىلى ۋە كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ئۆگىنىدىكەن. ھەر دۈشەنبە ئەتىگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كومپارتىيىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىدىكەن. قەسەم بەرگەن سىن كۆرۈنۈشىنى ساقچىغا يوللاپ بېرىشى شەرت ئىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان تېلېۋىزور قاناللىرىنىلا كۆرەلەيدىكەن. پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلەرنى نازارەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، تۈرمىلەرگە قامىلىشى مۇمكىن ئىكەن.