ئۇيغۇرلارنى «داشقازان تامىقى» ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش
2024.03.21
«داشقازان تامىقى» دېگەن سۆز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلانغان خىتاينىڭ كوممۇنالاشتۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدا «داشقازان» لاشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى دىنسىزلاشتۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ۋاسىتىسىگە ئايلانماقتا.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدىلا 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئون مىڭ دانە «ياشانغانلار ئاشخانىسى» تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدا يېمەك-ئىچمەك كەسپى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يېتەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ياشانغانلار خالىسا ئۆيلىرىدە، خالىسا ئاشخانا، رېستورانلاردا خالىغان يېمەكلىكلىرىنى يېيىش شارائىتىغا ئىگە. ئۇ ھالدا خىتاي نىمە ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا «ياشانغانلار ئاشخانىسى» قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟
بىز بۇ يەردە خىتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدە سۆزلەشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن «ياشانغانلار ئاشخانىسى» نىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى. ئاتالمىش «ياشانغانلار ئاشخانىسى» بولسا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشخانا بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىردىكى كوپىراتىپ ئاشخانىسى بىلەن جەھەتتە ئوخشاش مەنىگە ئىگە. دېمەك، بىز ئۆتكەنكى ئوبزورلىرىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر ئېلىدا كوپىراتىپلارنىڭ قايتا تېرىلىشىغا ئەگىشىپ، «ياشانغانلار ئاشخانىسى» نىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇقەررەر بىر باغلىنىشنىڭ بولغانلىقىدا گەپ يوق. ئۇنداقتا، بۇ باغلىنىشنىڭ كەينىدە زادى قانداق مەقسەت يوشۇرۇنغاندۇ؟
گەرچە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا «ياشانغانلار ئاشخانىسى» دىن ئىبارەت «داشقازان تامىقى» نى يولغا قويۇدىغانلىقىنى تېخى يېقىندىن بۇيان تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا «داشقازان تامىقى» ئومۇملاشتۇرۇلغىلى بىر قانچە يىللار بولغان. يەنى، خوتەندە مودا بولغان «خوتەن ئاشخانىسى (和田大食堂) » بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. «خوتەن ئاشخانىسى (和田大食堂) » تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپ تاكى 2022-يىلىغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا 104دانە، ئۈرۈمچىدە 19 دانە، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە 4 دانە، بېيجىڭدا 1 دانە تارماق ئاشخانا ئېچىش دەرىجىسىگە يەتكەن. بىر يىلنىڭ ئىچىدە بىر ئاشخانىنىڭ يۈز نەچچە تارماق ئاشخانا ئېچىش ھالىتىگە يېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەت تەس. ئەمما بۇ ئاشخانا دۆلەت ئىگىلىكىدە بولغاندا ئىشلار مانا مۇشۇنداق قولايلىشىدىغان گەپ. ئەمما مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تارتىۋېلىشىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىدۇر. تەمىنلەش-سېتىش كوپىراتىپلىرى، يېزا-ئىگىلىكىدىكى ھەر خىل كوپىراتىپلارنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش-سېتىش زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە كېرەكلىك ئاشلىق، كۆكتات، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ ئەرزان باھادا ئىشلىتىش ھوقۇقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تەبىئىي ھالدا «خوتەن ئاشخانىسى» دەك «داشقازان تاماقخانىلىرى» تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى بازاردىن سىقىپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، كارخانىچىلار ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ مەقسىتى يالغۇز ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنى «داشقازان» لاشتۇرۇش بىلەن توختايدىغاندەك ئەمەس. بەلكى بۇنىڭ كەينىدە تېخىمۇ چوڭ غەرەزلەرنى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
مىسالغا ئالساق، خىتاينىڭ «جىخۇ تورى (知乎)» تورىدا بۇ يىل 3-مارتتا «غۇلجا كوچىلىرىدا مۇسۇلمانچە بەلگىسى بار ئاشخانا ئۇچرىمايدۇ» ناملىق بىر يازما ئېلان قىلىنغان. يازمىدا ئىلى ئوبلاستىغا تەۋە كۈيتۇن شەھىرى كوچىلىرىدا مۇسۇلمانچە بەلگىسى بار ئاشخانىلار بارلىقىنى، ئەمما ئوخشاشلا ئىلى ئوبلاستىغا تەۋە بولغان غۇلجىدا بولسا، مۇسۇلمانچە بەلگە ئېسىلغان ئاشخانىلارنى ئۇچرىتىش بەك تەسلىكىنى يازغان. شۇنداقلا 2005-يىلى يەرلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان يېمەك-ئىچمەكنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ 2024-يىلىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى، شۇڭا رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ساياھەتچىلەر ۋە خەلققە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. ئاخىرىدا يەنە، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا «خەلقئارانىڭ شىنجاڭغا بولغان خاتا قاراشلىرى» نى يوقاتقىلى بولماستىن، تېخىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىمۇ قوشۇپ قويۇلغان.
يەنە بىر مىسالدا، ئوخشاشلا خىتاينىڭ «جىخۇ تورى (知乎) » دا «ئۇيغۇر ئاغىنىلەر، سىلەر مەن بىلەن بىر قېتىم خىتاي ئاشخانىسىغا بېرىپ، خىتايچە تاماق يېيىشنى خالامسىلەر؟ » دېگەن نامدا بىر يازما ئېلان قىلىنغان. يازما ئىگىسى خىتايلار ئارىسىدا «ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە كۈچلۈك خىتاي مىللەتچىلىكى» بىلەن تونۇلغان كىشى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇسۇلمان» لىقى بىلەن ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا قارشى ئىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى «كوممۇنىست» لاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئىككى مىسالدىن شۇنداق خۇلاسە قىلالايمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئەھۋالى ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتۈرۈلۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. ھەتتا بۇ ھادىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىلىق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى دىلشات مەتنىيازنىڭ «يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئويلىنىش ۋە تاللاش» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 2018-يىلىغا باغلاشقىمۇ بولىدۇ. دىلشات مەتنىياز ئۇ ماقالىسىدە خىتاي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە تاماق يېگەندە دۇچ كېلىدىغان مۇسۇلمانلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى پەش قىلىپ، خىتايلاردىن ئالاھىدە بولۇۋېلىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ تەنقىدلىگەن.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-2018-يىللىرى خىتاينىڭ «مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈش (发声亮剑) » ھەرىكىتى تازا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن چەك-چېگراسىنى ئايرىپ، مەيدانىنى بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنغانىدى. بەلكى بۇ ۋەجىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەتتا ئىسلام دىنىدىنمۇ چەك-چېگراسىنى ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن چوشقا گۆشى يېيىشكە، خىتاي ئاشخانىلىرىدا تاماق يەپ، قەلبىنى ئىپادىلەشكە، ھەتتا يۇقىرىقىدەك مەيدانىنى بىلدۈرۈپ يازما ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان.
دېمەك، يۇقىرىقىدەك ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە مەجبۇرلاشلار نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» ىدا ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يادرو قىلىش تەشەببۇسى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ غالجىرلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ۋاقىت خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى «داشقازان» لاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كوللېكتىپلاشتۇرۇش، داشقازانلاشتۇرۇش، كوممۇنالاشتۇرۇشلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى باش نىشان قىلغان دېيىشكە ھەقلىقمىز. بولۇپمۇ ئاتالمىش «ياشانغانلار ئاشخانىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىلتىزلىرى بولغان ياشانغانلارنى يوقىتىش، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېزدىن يوقىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يولدۇر!
***ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ