«ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن دۇنياۋى شوئارنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 70 يىل بولغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپلىگەن دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىغا قارىماستىن ئىزچىل داۋام قىلىشى، دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا كۆپلىگەن سوئاللارنى قويۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىل سوئاللارنىڭ بىرى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان 31-ئىيۇلدىكى دۇنياۋى نامايىشتا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى نامايىش ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى 29-ئىيۇلدىكى جۈمە خۇتبىسىدە ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىنى ئەيىبلەش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.
«شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاينىڭ يالغانچىلىقى جانلارغا زامىن بولماقتا» دېگەندەك شوئارلار بىلەن باشلانغان نامايىش 31-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە غەزەپ ساداسىنى ياڭراتتى. نامايىشقا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىش شوئار توۋلاش ۋە نۇتۇق سۆزلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە داۋام قىلدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئارسلان ھىدايەت ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەمدە بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش پائالىيىتىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» ھەركىتىنىڭمۇ ئەنە شۇ مەقسەتتە بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك رېئاللىق ۋە پاكىتلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە قارار ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا يېقىندىن تۈرتكە بولۇۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا يېقىندىن ھەمدەم بولغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان يالغۇز قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «خىتاي ھازىر داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغىنى يوق. ئۇ ھازىر ئىسلامغا ۋە دۇنياغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ خىل قىرغىنچىلىققا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرنىلا ئەمەس، يەنە دۇنيانىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگىمۇ تۆھپە قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپكە ھەممىلا كىشىنىڭ ئاۋاز قوشۇش ۋە قوشۇلۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئىمران خان ۋە مۇھەممەد بىن سالمانغا ئوخشاش دىكتاتورلار بۇ زۇلۇملارغا كۆز يۇمغان بىلەن دۇنيانىڭ، مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا كۆز يۇممايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىش پائالىيىتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىرمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىرنەچچە يىل داۋام قىلىش جەريانىدا بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەبىھلىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى، ھازىرىنى ۋە كەلگۈسىنى ئۈزېل-كېسىل يوقىتىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «بۇ زۇلۇملار ھازىر لاگېر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزى ئالىقاچان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ بولغانلىقتىن لاگېر تېشىدىكى كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا ئازاب چەكمەكتە» دېدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلغان ھالدا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە تەھدىتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئالىقاچان چېگرا ھالقىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرگىمۇ قارا سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك، سان جەھەتتە كۆپ بولغان خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ قىرغىنچىلىققا قارشى بولغان ھەقىقەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە مىليونلارچە ئۇيغۇر ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىۋاتقاندا بارچە ئۈممەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ياردەمدە بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن ۋاين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى خالىد بەيدۇن (Khaled A. Beydoun) يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىدىكى تۈپلۈك مەزمۇنلاردىن بولغان لاگېر ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن، ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى ئۆچۈرۈش قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «سىلەر شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇ جايدىكى لاگېرنى ۋە تۇتقۇنلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭلار. ئۇلار بىزدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسى سان جەھەتتە ئارقىمىزدىكى بۇ رەزىل ئەلچىخانىنىڭ ئىگىسىدىنمۇ كۆپ. ئەمما بىز ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا خىتايدىن قورقۇۋاتىمىز،» دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يەمەن، كەشمىر، ئافغانىستان قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتىن گۇماندا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆز بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «قۇرئان» دىكى «ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. نەپسى-خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار» (4:135) دېگەن ئايەتنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىملىقىنى، بۇ خىلدىكى تېخىمۇ كۆپ ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە ھەرىكەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نامايىش ئارىلىقىدىكى نۇتۇق سۆزلەشكە لاگېر شاھىدلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، لاگېر مەھكۇملىرىنىڭ تۇغقانلىرىدىن قەلبىنۇر غېنى، رىزۋانگۈل نۇرمەمەت، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامايىش ئارىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى توۋلىنىپ تۇرغان شوئارلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى زىلزىلىگە سالدى.

نامايىش ئارىلىقىدا پروفېسسور خالىد بەيدۇن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى: «بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۇنياسىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ توختىماستىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمىز. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇۋاتقاندا، مۇسۇلمانلار دۇنياسى سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالدى. بۇنداق ئەھۋالدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئەمەس، ئەكسىچە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى بۇ مەسىلىدە تولۇق ئويغىتىش بەكمۇ مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر غايەت زور ئالدامچىلىق بىلەن دۇنياغا يالغان سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› بىلەن نىقابلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ يالغاننى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن بۇيان دەپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.»
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇلھەكىم ئىدرىسمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئويغىتىشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەشكە يېقىندىن كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ئارسلان ھىدايەت بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتە مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. .
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىق ئاساسىدىكى ئاممىۋى ھەرىكەت گەۋدىسى بولۇپ، بۇنىڭغا 100 دىن ئارتۇق ئىسلام تەشكىلاتى ئاۋاز قوشقان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلار جائامىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ھەمدە ئۇلارنى بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ئۈنۈملۈك ھەركەتلەردە بولۇشقا دەۋەت قىلىش ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇلار داۋاملىق ھالدا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارماقتا ئىكەن.