ئالمۇتادا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ياد ئېتىلدى
2022.12.16
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ساۋۇت موللاۋۇتوفنىڭ 90-يىللىقىغا بېغىشلانغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئۇيۇشتۇردى.
«ئەدەبىيات-ئۆمرىنىڭ مەزمۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندى ۋە مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەندى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، مەرھۇمنىڭ كەسىپداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يۇمىلاق ئۈستەلگە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى باش مۇدىرىنىڭ ئىلىم بويىچە ئورۇنباسارى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى غالىمجان دۈيسېن كىرىشمە سۆز بىلەن ئاچتى. ئۇ ئالىمنىڭ شەرقشۇناسلىق، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىدىكى ئورنىنى يۇقىرى باھالاپ، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئىنستىتۇت رەھبەرلىكى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئاندىن ساۋۇت موللاۋۇتوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتىگە بېغىشلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلغان تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار، تارىخچىلار، ئىلىم ساھەسىنىڭ باشقىمۇ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى، بۇ جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، يەنى 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىۇتى ھەم ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى.
ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى خالمىنەم مەسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ساۋۇت موللاۋۇتوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى بىلەن بىر قاتاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىندى. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. چۈنكى بىز ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ياش بولغانلىقتىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا قاتناشقان، ئۆز ۋاقتىدا ساۋۇت ئاكا بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى قىزىقارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىمىسەممۇ، لېكىن بۇ ئىنستىتۇت شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلانغاندا ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ شاگىرتى بولغانىدىم. شۇنىڭ ئارقىسىدا مەن كاندىدات دوكتورلۇق ئىلمىي دەرىجىسىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. مەزكۇر دۈگىلەك ئۈستەلدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز توغرىلىق ھېكايىلەرنى، ئەسلىمىلەرنى تىڭشاپ، قاتتىق تەسىرلەندىم».
خالمىنەم مەسىموۋا بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ساۋۇت موللاۋۇتوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خالمىنەم مەسىموۋا ئومۇمەن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «راست، كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش بۇ ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ئايرىم مەسىلە. ھەقىقەتنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى، ئەپسۇسكى، بۇنىڭدىن 20-30 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان كۆپلىگەن كادىرلىرىمىز ئىقتىسادىي ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەرگە بولا باشقا ئىشلارغا ئالمىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ بىزگە سېزىلەرلىك بىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە كادىر كەملىكى بايقالماقتا».
ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كاتىپى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كلاسسىك ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ساۋۇت موللاۋۇتوفنىڭ ئىسمىنى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. مەن 1988-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئىشقا كەلگىنىمدە ساۋۇت ئاكا باشقۇرۇۋاتقان مەنبەشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئورۇنلاشقان ئىدىم. شۇ چاغلار ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن ۋاقتى ئىدى. ئىنستىتۇتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئىلمىي مەركەزلەر، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش بولغان. بۇ يەردە يەنە بىر تەكىتلەيدىغان نەرسە شۇكى، ئۆز ۋاقتىدا تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ، ئىلمىي دەرىجە ئېلىشىدا بولۇپمۇ ساۋۇت موللاۋۇتوف ۋە مەخمۇت ئابدۇراخمانوف چوڭ رول ئوينىدى. ئەپسۇس، كېيىنكى بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى ئارىدىكى ئالاقىلەر تامامەن توختاپ قالدى».
ھاكىمجان ھەمرايېف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئىچىدە مۇرات ھەمرايېف، ساۋۇت موللاۋۇتوف ۋە باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتۈك مۇتەخەسسىسلىرى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساۋۇت موللاۋۇتوف ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى 19-ئەسىر شائىرى بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغانىكەن.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېچىلغانىدى. خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھۋالى، باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش ساھەلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئىنستىتۇتنىڭ تۇنجى مۇدىرى، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف 1991-يىلى نويابىردا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر نەچچە قېتىم ئىنستىتۇتنى يېپىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇش تەكلىپلىرى بېرىلغان بولسىمۇ، ئىنستىتۇت 1996-يىلغىچە ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان. غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنستىتۇتقا ئۇنىڭ ئىسمى بېرىلگەنىدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 80 نەچچە ئادەم خىزمەت قىلغان بۇ ئىنستىتۇت بارا-بارا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھازىرقىدەك يوق ھېسابتىكى كىچىككىنە مەركەزگە چۈشۈرۈلگەن ۋە 80-يىللاردىكى گۈللەپ ياشنىغان ئۇيغۇرشۇنسلىق ھازىرقىدەك خارابلاشقان باسقۇچقا كىرگەنىدى.