يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوفنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ سومباتخېي شەھىرىدە ئۆتكەن تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇ ھەققىدە ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقىلىپ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى قاتتىق خۇشال قىلغانىدى.
«زاكون قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى دۇنيا مۇسابىقىسىدە غالىبىيەت قازاندى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىگە 14 مەملىكەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقانىكەن. قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى نارىمان قۇربانوف «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئورۇندىغان گىمناستىكىلىق مەشىقلىرى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى ئورۇننى خارۋاتىيەلىك روبېرت سېلىگمان، ئۈچىنچى ئورۇننى ئالبانىيەلىك ماتۋېي پېتروف ئىگىلىگەن.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىگە يەنە بىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئىلياس ئەزىزوفمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.
قازاقىستاندىكى ئىناۋەتلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى «قازاقىستان 24» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «نارىمان قۇربانوف: ئالتۇن مېدال-بۇ مەن ئىنتىلگەن نەرسە ئىدى» ناملىق ماقالىدا نارىمان قۇربانوف «ئولىمپىك قازاقىستان» تەنھەرىكەت تورىغا سۆھبەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن بۆلۈشكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋاباغا قارىماي، مۇسابىقە ئىنتايىن ياخشى، يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭغا قاتنىشىشمۇ ئىنتايىن قالتىس بولدى. شۇنچە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈڭنىڭ قىلغان ئىشىڭنى كۆرسىتەلەيسەن. ئالتۇن مېدال-بۇ مەن شۇنچە ۋاقىت ئىنتىلىپ كەلگەن نەرسە ئىدى، مەن ناھايىتى بەختلىك».
بىز نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ ئۆزىنىڭ ۋېنگىرىيەدىن ئۇچۇپ كېلىپ، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بىر مېھمانخانىسىدا «ئايرىم تۇتۇپ تۇرۇش» بۆلمىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە يەنە نەچچە ۋاقىت بولىدىغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بىز تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
نارىمان قۇربانوف 2-4-ئۆكتەبىردە ئۆتكەن مۇسابىقىگە 60تىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى ۋە كارانتىن سەۋەبىدىن بىز ئۈچ ئاي ئۆيدە ئولتۇردۇق ۋە شۇ جەرياندا ھېچبىر تەييارلىقسىز قالدۇق. ئومۇمەن تەييارلىققا ئىككى ئايدىن ئاز ۋاقىت قالغانىدى. بۇ كەسپىي گىمناستىكىچى ئۈچۈن ناھايىتى ئاز قەرەل بولسىمۇ، بىز ئۆزىمىزنى ئايىماي، تەييارلىنىپ، مۇناسىپ نەتىجە كۆرسەتتۇق. مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى مەن ئالدىنقى قاتارلىقلار تىزىمىغا كىرگەنلىكىمنى ھەم ئالتۇن مېدال ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەنىدىم. مەن بۇنىڭغا تەييار بولدۇم ھەم ئۆزۈمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى كۆرسىتەلىدىم. مۇكاپات بېرىش پەيتىدە مەن ناھايىتى مەغرۇرلاندىم. مېنىڭ بوينۇمغا ئىككى مەرتەم ئولىمپىك چېمپىيونى ئالتۇن مېدالنى ئاسقاندا، چوڭ مەيداندا بىزنىڭ تۇغنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلدىم. مەن ئۇيغۇرلىرىمنىڭ بىزنىڭ غالىبىيىتىمىزگە خۇشال بولغىنىدىن تەسىرلەندىم. ھەم ناھايىتى پەخىرلەندىم. مەن جانكۆيەرلەرگە ۋە ئادەتتىكى تاماشىبىنلارغا شۇنچىلىك بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن خۇشالمەن».
نارىمان قۇربانوف كېلەچەكتىكى مۇسابىقىلەردە يەنە شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنىڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىنماي مەشىقلىنىدىغانلىقىنى، يەنىمۇ كۆپ ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشىپ، خەلقىنى، ۋەتىنىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، نارىمان قۇربانوف 1998-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بەش يېشىدىن تارتىپ گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوفمۇ گىمناستىكا ساھەسىنىڭ ماھىرى بولۇپ، ئوغلىنىڭ تەنھەرىكەتچى بولۇشىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. نارىمان قۇربانوف كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كېيىنكى يىللاردا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگىمۇ ئارىلاشقان. ئۇ 2018-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا، شۇ يىلى سلوۋېنىيەنىڭ كوپېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، 2019-يىلى ئىتالىيەنىڭ نېاپول شەھىرىدە بولغان ئوقۇغۇچىلار-ياشلارنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى بويىچە 30-قېتىملىق يازلىق دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.
بىز يەنە ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئىلياس ئەزىزوفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ نەتىجەمگە رازىمەن، چۈنكى پۈتكۈل قابىلىيىتىمنى كۆرسىتەلىدىم. ‹ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت› بويىچە ئورۇندىغان مەشىقلىرىمدە مەن يىقىلىپ، ئۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدىم. مەن ئەمدى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى بىلىمەن ھەم كېلەچەكتە شۇلار ئۈستىدە يەنە ئىشلەيدىغان بولدۇم. مۇسابىقە ئالدىدا بىز تۆت ھەپتىلىك تەييارلىقتىن ئۆتتۇق ۋە بۇ جەھەتتە كۆپ مەشىقلەندۇق. مەن گىمناستىكىنىڭ ‹ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت› ۋە ئەركىن تۈرى بويىچە مەشىق قىلدىم. ئەركىن تۈر بويىچە مېنى مەشقاۋۇلۇم ئالېكساندىر گرېبېنكوف تەييارلىدى. بۇ، نەتىجە بېرىپ، مەن كۈمۈش مېدالغا ئىگە بولالىدىم. مېنىڭ تەنھەرىكەتچى بولۇشۇمغا بولۇپمۇ ئاتا-ئانام كۆپ ياردەم قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ مىننەتدارلىقىم چەكسىز. شۇنداقلا مەشقاۋۇللىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
ئىلياس ئەزىزوف 1999-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم يەتتە يېشىدىن تارتىپ گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ نۇرغۇنلىغان ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ 2019-يىلى سلوۋېنىيادە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەشقاۋۇل مەخمۇت ئىسكەندەروف گىمناستىكا بويىچە كۆپلىگەن دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مۇھىم ۋە چوڭ خەلقئارا مۇسابىقە، دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقە. بىز ھازىر نۆۋەتتىكى دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. نارىماننىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا يوللانما ئېلىشى ئۈچۈن يەنە ئىككى دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئېلىشى لازىم. ئەگەر شۇنىڭدىن ئۆتسە، ئۇ شەرتلىك ھالدا 2021-يىلى توكيودا ئۆتىدىغان يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ يىلى باكۇ شەھىرىدە دۇنيا مۇسابىقىسىدە نارىمان ئۈچلۈك قاتارىغا ئۆتسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىزلا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئويۇن توختىلىپ، ئۇلار ئۆيگە يېنىپ كەلدى. قاتاردا بولىدىغان مۇسابىقىمۇ توختىتىلدى. ئەلۋەتتە، نارىمان قۇربانوف ۋە ئىلياس ئەزىزوفنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ئۇتۇقلىرى بىزنى قاتتىق خۇشال قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە شۇنداق ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن چېمپىيونلار يېتىشىپ چىققانىكەن. ھازىرمۇ ئاسىيا، دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئەنە شۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتمەكتىكەن.
0:00 / 0:00