مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان ۋولكسۋاگېننىڭ يەنە بىر «يېغىرى» ئېچىلدى
2024.09.20

يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن (VW) نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى بەزى زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، 30 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇش؛ 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تېز چۆكۈشى تۈپەيلى ئاپتوموبىللىرىنى ساتالماي، خىتايدىكى يەنە ئىككى زاۋۇتىنى تاقاشقا مەجبۇر قېلىشتەك مۈشكۈل بىر ئەھۋالغا يۈزلەنگەن ئىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىلگەن «ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى» نىڭ مەزمۇنلىرى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، ۋولكىسۋاگېنغا نىسبەتەن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك بىر زەربە بولغان.
19-سېنتەبىر گېرمانىيەدىكى مەشھۇر سىياسىي ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «ئەينەك» (Der Spiegel) ژۇرنىلىدا «ۋولكسۋاگېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ئوبزور، ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىدا «ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى كەمتۈكلۈكلەر بىلەن تولغان» ناملىق ئوبزور، «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتىدە «ۋولكسۋاگېننىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى ئېنىق» ناملىق ماقالە ھەمدە «N-TV» تېلېۋىزىيە قانىلىدا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان ۋولكسۋاگېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى نۇقسانلار بىلەن تولغان» ناملىق ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە ھېچقاچان ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان چېتىشلىقىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئاقىۋەتتە بولسا ساختىلىققا تولغان «ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى» ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زور غۇلغۇلىلارنىڭ قوزغىلىشىغا ئاساس سالدى.
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى» نىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ياخشى بىر ئەھۋال بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قارا داغلىرى بولغان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا بولۇشى توغرا ئەمەسكەن ھەمدە گېرمانىيە ئەسلىدە باش بولۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى چىقىشى لازىمكەن.
«ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ «ۋولكسۋاگېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالىسى مۇنداق كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان: «ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى 2013-يىلى خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى SAIC شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ بىر زاۋۇت قۇردى. بەلكىم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور تالاش-تارتىش قوزغىغان بىر زاۋۇت بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھاكىمىيىتى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەجبۇرلىماقتا. يىللاردىن بۇيان شۇنداق بىر سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى: ۋولكىسۋاگېن ئۆز زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى چەتكە قاقالامدۇ؟»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ خۇسۇستىكى يازمىلار گېرمانىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكە بولماقتىكەن ھەمدە ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرىدىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
ۋولكسۋاگېننىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان بۇ يازمىلار گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ۋولكىسۋاگېنغا بولغان سەلبىي قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولسىمۇ، ئەمما ۋولكسۋاگېننىڭ ئۆزىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان «ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى كەمتۈكلۈكلەر بىلەن تولغان» ناملىق ئوبزوردا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ۋولكىسۋاگېن چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر قالغان چاغلىرىدا، گويا 3 خىل مەشھۇر مايمۇننىڭ رولىنى ئالىدۇ: بىرى، كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، زۇۋان سۈرمەي تۇرۇۋالىدۇ ياكى ھېچنەرسە دېمەيدۇ».
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئوبزور ۋە ماقالىلەردە بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «ئەينەك»، «ZDF» ۋە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان 71 بەتلىك «ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى» بولسا ۋولكسۋاگېننىڭ يېغىرىنى ئوبدانلا ئېچىپ بەرگەن.