ئادرىيان زېنىز: «ۋولكېس ۋاگېننىڭ باياناتى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدىكى خاتا ۋە ساختا ئۇچۇرلارغا تايانغان!»

0:00 / 0:00

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 19-سېنتەبىر كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ۋولكېس ۋاگېن (Volkswagen) ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا بۇ باياناتتا ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا ساختىلىق بارلىقى ھەمدە كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا، ۋولكېس ۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئەھۋالى ھەققىدە قولغا چۈشكەن ھۆججەتكە ئاساسەن، ۋولكېس ۋاگېن شىركىتىنىڭ باياناتىدىكى بەزى مەزمۇنلارنىڭ كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان خاتا ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ۋولكېس ۋاگېن شىركىتى 2023-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ئۈستىدە قىلىنغان ئىقتىسادىي تەپتىشكە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۆلچىمى قوللىنىلغانلىقى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىنغانلىقى ھەم بۇلارنى بىر تەجرىبىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش شىركىتىنىڭ تاماملىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلار كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئىكەن.

ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 2013-يىل شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋولكېس ۋاگېن شىركىتى جەمئىي 197 ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ 47 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىكەن. ۋولكېس ۋاگېن يەنە 2015-يىلدىن 2019-يىلغىچە تۇرپاندا ماشىنا سىناق قىلىش يولى ياسىغان. بۇ تۈرگە مەسئۇل شىركەت ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قېتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى نازارەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ۋولكېس ۋاگېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، 2023-يىل 6-ئايدا بۇ زاۋۇت ئۈستىدە ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلمىغان. ئەمما 2023-يىل 12-ئايدا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، «ئىقتىسادىي تەپتىش داۋامىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى ياكى خىزمەت شارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەسىلە بايقالمىدى» دېگەن.

2024-يىل 8-ئايدا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» پوچتىدىن نامسىز بىر خەتنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شېنجېندىكى «لياڭما ئادۋوكاتلىق ئورنى» يازغان ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى يوللانغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە بۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، دۇنيادا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ھەمدە بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنى پاش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز 71 بەتلىك بۇ دوكلاتقا ئاساسلىنىپ، ۋولكېس ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا باشقىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان خاتا ۋە ساختا ئۇچۇرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدىغان يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئاشكارىلانغان بۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدىكى يېڭىلىق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەت ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدۇر، سىز بۇنىڭدىن ۋولكېس ۋاگېننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش توغرۇلۇق بەرگەن ئاخىرقى باياناتى بىلەن بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىغا باھا بېرەلەيسىز. بۇ يەردە بىر مۇنچە يوچۇقلار بار. ئالدى بىلەن، بۇ ئىقتىسادىي تەپتىشتە SA8000، يەنى ئىجتىمائىي جاۋابكارلىق ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئۆلچىمىدە بايان قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق كۆرسەتكۈچلەر باھالانمىغان؛ شۇنداقلا ئۇنىڭغا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى چىقارغان ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك 11 تۈرلۈك باھالاش ئۆلچىمى› قوللىنىلمىغان. يەنى بۇ دوكلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە بېرىلگەن باھا ناھايىتى پۇچەك. زىيارەت قىلىنغان ئىشچىلاردىنمۇ بۇ مەسىلە بىۋاسىتە سورالماي، پەقەت ‹سىلەر شۇنداق ئىشنى كۆردۈڭلارمۇ ياكى قىلدىڭلارمۇ› دېگەندەك ئادەتتىكى سوئال سورالغان. ئىشچىلار ئۇنىڭغا ‹بىز زاۋۇتتا زوراۋانلىق كۆرمىدۇق› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار يەنە رېئال ئامىللارنى، مەسىلەن، ئىشچىلار خالىغان چاغدا ئىشتىن چۈشەلەمدۇ، ئۇلار بۇ ئىشقا ئۆزى خالاپ كىرگەنمۇ-يوق دېگەنلەرگە باھا بەرمىگەن. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا قوللانغان مېتود ناھايىتى خاتا ۋە كەمچىل».

ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي تەپتىش داۋامىدا ھېچقانداق بىر خادىم ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە گەپ سورىمىغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملار ئۈستىدە قىلىنغان زىيارەتلەر نەق مەيدان كامېرالىرى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنغان، يەنى خىتاينىڭ بۇنى بىۋاسىتە تەقىپ-نازارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ مەخپىي نام قوللىنىشىغا يول قويۇلمىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئىقتىسادىي تەپتىشتە ئىشچىلارنى زىيارەت قىلىش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان.

ۋلكېس ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ھەققىدە يېزىلغان ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا يەنە، زاۋۇتنىڭ ئىشچىلارنى پائالىيەتكە تەشكىللىگەنلىكى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلغانلىقى» يېزىلغان. ئادرىيان زېنىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بولۇپ، ۋولكېس ۋاگېننىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ھەمدەم بولۇشى ئۇنىڭ بۇ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن.

يەنە بىر شۈبھىلىك نۇقتا بولسا، ۋولكېس ۋاگېن شىركىتى ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشلىرى ئۈچۈن شېنجېندىكى لياڭما ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن توختام تۈزگەن. بۇ ئورۇننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش ھەققىدە ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ئىكەن، بۇ مۇلازىمەت ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئېلان-تەشۋىقات بەرمىگەنىكەن. ئادرىيان زېنىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنى تەييارلىغۇچىلاردىن ئىككىسى خىتاي ئادۋوكاتلار ئىكەن. ئۈچىنچى شەخس ئەنگىلىيەلىك كىلىۋ گرېنۋود (Clive Greenwood) لياڭما ئادۋوكاتلىق ئورنىغا 2023-يىل 10-ئايدا قېتىلغان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا قوللىنىلغان مېتودنىڭ خىتايغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دوكلاتقا ئىمزا قويمىغان ھەم ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تۈزەشكىمۇ قاتناشمىغان. كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ Linkedin دىكى ھېسابىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. خىتاي ئادۋوكاتلار ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشچىلارنى زىيارەت قىلغاندا، شېنجېندىكى باش شىتابى بىلەن بىۋاسىتە كامېرا ئارقىلىق ئالاقە باغلىغان. ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھېچقانداق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلمىغان بۇ ئادەملەرنىڭ بىر نەچچە ئىشچىنى سۆزلىتىپلا زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىنى، زاۋۇتنىڭ بولسا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە رىئايە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ساختىلىقتۇر، كىشىنى قايمۇقتۇرۇشتۇر، ھەتتا خاتالىقتۇر».

ئادرىيان زېنىز يەنە ۋولكېس ۋاگېننىڭ بۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىغا ئاساسەن بايانات بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ۋالكېس ۋاگېن بۇ ئىشتا ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان، ھەتتا ئېلان-تەشۋىقاتمۇ قىلمىغان بىر شىركەتكە بۇ ئىشنى ھاۋالە قىلغان. گەرچە ئۇلار بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنى قىلمىغان بولمىسىمۇ، ۋولكېس ۋاگېن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەندى. ۋولكېس ۋاگېننىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى بىرەر ئادەمنى ياللاپ ئىشلىتىپ، ئۇ نېمىدېگەن بولسا شۇنى قوبۇل قىلىش. بۇنداق ئىقتىسادىي تەپتىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك. ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا يەنە تىل خاتالىقى، مېتود خاتالىقى، ئۇقۇم خاتالىقى دېگەندەك خاتالىقلار بەك تولا، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى دېگەن ھەرگىز بۇنداق بولمايدۇ. ۋولكېس ۋاگېن بۇ دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم كۆرگەن بولۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇلار بۇ دوكلاتنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر باياناتنى بېرىپ قويۇپلا ئىشنى تۈگەتكەن گەپ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ۋە تالاش-تارتىشلارنى تۈگىتىش. ئەمما ۋولكېس ۋاگېننىڭ ھېچنېمىگە قارىماي بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتا يولغا باشلايدۇ».

بىز ۋولكېس ۋاگىن شىركىتىدىن ئادرىيان زېنىزنىڭ بۇ دوكلاتىغا بولغان ئىنكاسىنى ئېلىش مەقسىتىدە خەت يازغان ۋە تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ، ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدۇق.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ دوكلاتىدا لياڭما ئادۋوكاتلىق ئورنى تەييارلىغان ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئەتراپلىق ھەم پاكىتلىق بايان قىلغان، SA8000 ئىقتىسادىي تەپتىش ئۆلچىمىدىن خەۋىرى يوق ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغانلىقىنى پاش قىلغان ھەمدە ۋولكېس ۋاگېندەك دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا شېرىك بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.