ۋولكىسۋاگېن خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى سودا پائالىيىتىنىڭ كېلەچىكىنى سۆزلەشمەكتە
ئەلۋەتتە، بۇ بىر نوقۇل بىر سىياسىي مەسىلىلا ئەمەس، چۈنكى يېڭى دەلىللەر ۋولكىسۋاگېننىڭ 2023-يىلى 1-ئايدىن بېرى يولغا قويۇلغان گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-02-20 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
گېرمانىيەنىڭ «خاندېلسبلات» گېزىتى 14-فېۋرال گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى سودا شېرىكى بولغان «شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى» بىلەن بىرلىكتە 2019-يىلى ياسىغان تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېننڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشقا چاقىرىش چۇقانلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا ۋولكىسۋاگېن رادىيومىزغا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى شېرىكى بىلەن «شىنجاڭدىكى سودا پائالىيىتىنىڭ كېلەچىكىنى سۆزلىشىۋاتقانلىقى» نى ئاشكارىلىدى. «خاندېلسبلات» نىڭ خەۋىرى ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنزنىڭ تەييارلىغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا، تۇرپاندىكى مەزكۇر ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەربىي فورما كىيدۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئائىت رەسىملەرنى ئاشكارىلىغان.
ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، بۇ رەسىم ئاپتوموبىل سىناق مەيدانى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ۋولكىسۋاگېن 15-فېۋرال رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «ۋلكىسۋاگېن گۇرۇھى نۆۋەتتە كونتروللۇقى بىزدە بولمىغان ‹شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى-ۋولكسۋاگېن› (SAIC-Volkswagen) ئورتاق سودا ھەمكارلىق تۈرى بىلەن شىنجاڭدىكى ئورتاق ھەمكارلىقتىكى سودا پائالىيىتىنى سۆزلىشىۋاتىدۇ» دېگەن. لېكىن باياناتتا، شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاپ، خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش يۈز بەرگەن بۇ رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش ياكى چىقماسلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ھاننو شەدلېر (Hanno Schedler) نىڭ ئېيتىشىچە، «خاندېلسبلات» نىڭ خەۋىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمىدىكى يېڭى بىر ساھەنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.
ھاننو شەدلېر 16-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانى قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئەڭ يېڭى دەلىللەر ھەممىگە مەلۇم بولغان شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ يېڭى بىر ساھەسىنى ئېچىپ كۆرسەتتى. »
ھاننو شەدلېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى تەتقىقاتى گېرمانىيەدىكى «لۆنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورنى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ئالامىتى بايقالمىغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى «ھەيران قالارلىق» دەرىجىدە رەت قىلماقتىكەن.
ھاننو شەدلېر مۇنداق دېدى: «لۆنىڭنىڭ دوكلاتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە رەت قىلىندى. بۇنىڭدىكى يېڭىلىق شۇكى، بۇنىڭدا ۋولكىسۋاگېن بىلەن ئۇنىڭ سودا شېرىكى بولغان SAIC (شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى) نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان بىۋاسىتە باغلىنىشىدۇر. بۇ گېرمانىيە ‹خاندېلسبلات› گېزىتىنىڭ زېنز ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاشكارىلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ يېڭى ساھەسى.»
ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائەت ماگناتى بولغان BASF شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە، ئۆزىنىڭ كورلادىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» بىلەن بولغان بۇ ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىشنى قارار قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. BASF، «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» خادىملىرىنىڭ 2018-يىلى ئۇيغۇرلارنى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەم ئائىلىلىرىنى نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېيىن، ھەسسىدارلىق تۈرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ۋاشىنگتوندىكى «يەرشارى ئادىل ئەمگەك-خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى مۇنبىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگرامما دىرېكتورى ئالىسون گىلنىڭ (Allison Gill) كۆرسىتىشىچە، ئۇلار يىللاردىن بېرى شىركەتلەرگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ساقلىنىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەنىكەن.
ئالىسون گىل 16-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتىكى بىرلەشمە تەشكىلاتلار يىللاردىن بېرى، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونى مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنىڭ بىردىن بىر يولىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ رايوندا شىركەتلەرنىڭ ياكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلماسلىق مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى، بۇ رايوندا ئىشەنچلىك تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ياكى باشقا نازارەتچىلىك قىلىش ئىمكانلىرىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. »
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋولكسۋاگېن يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رېئاللىقىغا «قەستەن كۆزىنى يۇمۇۋالغان» بولۇپ، ئۇ يېڭى ئاشكارىلانغان دەلىللەرگە «ھەيران قالمىغان» .
ئالىسون گىل مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى يىللاردىن بېرى سۆزلەپ كەلدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ھۆججەتلەشلەشتۈرۈلگەن. رايوندا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، بۇنىڭ يادرولۇق قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق تالاش-تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. شۇڭا، ۋولكىسۋاگېننىڭ يەنى بۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ماڭا ھەيران قالارلىق تۇيۇلمىدى. چۈنكى، ۋولكىسۋاگېن بۇ ئېھتىماللىقلارغا بىپەرۋالىق قىلدى ياكى قەستەن كۆزىنى يۇمۇۋالدى. شۇڭا، ئۇ ۋەزىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەك. »
لېكىن ۋولكىسۋاگېن باياناتىدا، تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ خىتايدىكى ئورتاق ھەمكارلىق شېرىكى بولغان SAIC ۋە خىتايدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر سىناق مەيدانى ھەققىدە SAIC بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، «تۇرپاندىكى سىناي مەيدانىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالامىتى بايقالمىغان». ئۇلار «ئەگەر يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقسا ياكى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشسە، بۇنى بۇرۇنقىدەك دەرھال تەكشۈرىدىكەن ۋە ياكى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشنىڭ بىر پۇرسىتى ھېسابلايدىكەن. »
لېكىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» دىكى ھاننو شەدلېر، بۇنىڭغا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك ۋولكىسۋاگېننىڭ مۇھىم ھەسسىدارى بولغان تۆۋەن ساكسونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشى، چۈنكى تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىغا ئائىت يېڭى دەلىللەر بۇنىڭ يالغۇز سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بىر قانۇنى مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېچىپ بەرگەنلىكى، ۋولكىسۋاگېننىڭ گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ بىر نوقۇل بىر سىياسىي مەسىلىلا ئەمەس، چۈنكى يېڭى دەلىللەر ۋولكىسۋاگېننىڭ 2023-يىلى 1-ئايدىن بېرى يولغا قويۇلغان گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، بۇنىڭغا قارىتا ۋولكىسۋاگېن شىركىتى، باش دىرېكتور بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھەر بىر مەسئۇل كىشى خەلق ئاممىسى ۋە سىياسەتچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. »
ھاننو شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئالاقىدار شەخسلەر «خاندېلسبلات» گېزىتىگە شىركەتنىڭ كۆپ قىسىم مەسئۇللىرىنىڭ بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغانىكەن. لېكىن «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ 2029-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىدىكىلەر ئۇلارنىڭ شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى SAIC بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى 2029-يىلى توشىدىغانلىقى، «ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئۇنىڭ SAIC بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېگەن ئەندىشە بارلىقىنى ئېيتقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قېلىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ چاقىرىقلارنىڭ ۋولكىسۋاگېنغا بەك چوڭ تەسىر قىلمىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېن تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى بېسىمغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتايغا يەنە 5 مىليارد ياۋرولۇق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.