تۇتقۇندىكى شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تەقدىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

2016-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» دېگەن نامدا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى يولغا قويدى. 2016-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈشكە مەسئۇل خادىملاردىن ئوبزورچى يالقۇن روزى، شائىر ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىق 5 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

كېيىنچە دائىرىلەر رەسمى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ «دەرسلىك كىتابلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرورلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىدا جاۋاپكارلىقى بولغانلىقى» ئۈچۈن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل يالقۇن روزىنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈشكە مەسئۇل باشقا خادىملاردىن شائىر ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىدى.

شائىر ۋاھىتجان ئوسماننى يېقىندىن بىلىدىغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن شىۋېتسىيەدىكى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، تۈركىيەدىكى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە ۋاھىتجان ئوسمانىڭ تۈركىيەدىكى قىزى ئايقانات ئوسمان قاتارلىقلار يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «شائىر ۋاھىتجان ئوسمانغا ئەركىنلىك» پائالىيتىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى شائىر ۋاھىتجان ئوسماننى يېقىندىن تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان دوستى ۋاھىتجان ئوسماننى 2013-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاھىتجان ئوسمان ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتايدا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. 2013-يىلى ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتى سانىلىدىغان «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇ ئىشلىگەن «قىرلىق ئىستاكان»، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق تېلېۋىزىيەفىلىملىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانىكەن.

ئەينى چاغدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي مىللەتلەر تىل مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ۋاھىتجان ئوسماننىڭ شۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئالىمجان ئەپەندى كېيىنكى چاغلاردا ۋاھىتجان ئوسماننىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقىتىش ئوبېيكتىغا ئايلانغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىلىم ئىگىلىرى دەرسلىك كىتاب سەۋەبىدىن «تېرورچى» ئاتىلىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدىغان ئەھۋالنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تۈركىيەدىكى قىزى ئايقانات ئوسمانمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دادىسىنىڭ 2016-يىلى 10-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەرنى دەسلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تىزىملىكى» دىن بىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئايقانات ئوسمان يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسىنى «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن ھۆكۈمەت خەۋىرىنى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ئاخبارات يىغىنىدىن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دادىسى تۇتقۇن قىلىنغان 4 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالماي قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زيارىتىمىز ئاخىرىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دېرموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان شائىر ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1963-يىلى 1-ئاپىرىلدا كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان شائىر ۋاھىتجان ئوسمان 90-يىللاردىلا ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىدىكى غوللۇق شائىرلارنىڭ بېرى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2001-يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. 2002-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان. 2006-يىلىدىن باشلاپ تاكى قولغا ئېلىنغىچە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك تۈزۈش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.

1985-يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان بولۇپ، 40 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ، ناخشا قىلىنىپ ئېيتىلغان. «ئاۋازلىق ئوقيا»، «قىرىق بىر يۈرەك» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.