ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جىددىي قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-08-26 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جىددىي قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 25-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىتالىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، نورۋېگىيە ۋە گېرمانىيە بولۇپ 5 غەرب دۆلىتىدە زىيارىتىنى باشلىغان. بۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى ئاپىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم غەرب ئەللىرىدە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-ئاۋغۇست ۋاڭ يى ئىتالىيەدىكى زىيارىتىدە ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دې مايو بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەتتە بولغان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 25 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان. ۋاڭ يى 26-ئاۋغۇست ئىتالىيەدىن ئايرىلىپ گوللاندىيەگە كەلگەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى 25-ئاۋغۇست مەخپىي تۇتۇلغان بۇ زىيارەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى مەتبۇئاتتىن كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. بۇ نامايىشلارنىڭ بىرى بۈگۈن گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلغان.
گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ناھايىتى ھاياجانلىق ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بەلگىلىمىدىكىدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئورۇندا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالىمۇ يىراقتىن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى. بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئوبۇل قاسىم ھاجىممۇ نامايىش توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەتە 27-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.