گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسقا خەت يېزىپ ۋاڭ يىغا ئوچۇق گەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەنىدى. ئۇ 1-سېنتەبىر گېرمانىيەدىكى زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك پارلامېنت ئەزالىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسقا بىرلەشمە خەت يېزىپ، ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا ئوچۇق گەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى «پارلامېنت ئەزالىرى خايكو ماستىن خىتايغا ئوچۇق گەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتې باۋزې، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى گۇيدې جەنسې، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مىخائېل براند قاتارلىقلار گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسقا بىرلەشمە خەت يازغان. ئۇلار خېتىدە خىتاينىڭ «خەلقئارا قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭدا ئادالەتسىز سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ يالغان، ئويدۇرما تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، پۇلنى يەمچۈك قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنى ئالداۋاتقانلىقىنى، غەرب دېموكراتىيەسىنى قارىلاۋاتقانلىقى، كەمسىتىۋاتقانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار قامالغان ئېنىقسىز تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقاش مەسىلىسى چوقۇم ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم» دېگەن.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ 29-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ماس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشى لازىم» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە يەنە خىتاينىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن «ئىشەنچلىك بىر ھەمراھ بولۇش سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنىڭ بارغانسېرى روشەن ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىن تېخىمۇ زور ئىمتىيازلارنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، خوڭكوڭدىكى مۇستەبىتلىكنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتكەن. ئۇلار خېتىدە گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ ھازىر ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشىنى، قېلىپلىشىپ قالغان دىپلوماتىك ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئاڭلايدىغان تىل بىلەن ئوچۇق گەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى چوقۇم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ماستىنمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى غەربىي ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئاستىلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىياننىڭ چېگراسىنى تارايتماقچى» ناملىق خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ بۇ زىيارىتى سىمۋول خاراكتېرلىك بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يىرىكلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن غەربكە يەمچۈك تاشلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغان. ۋاڭ يى خىتاي ئۆزىگە ئەڭ يېقىن سانايدىغان، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دې مايو ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئارقىدىنلا خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ۋاڭ يىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغان. ئۇ نورۋېگىيە زىيارىتى مەزگىلىدىمۇ خوڭكوڭ مەسىلىسى تۇمشۇقىغا ئۇرۇلغان. گوللاندىيە ھەم فىرانسىيەدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تۈرلۈك سوئاللار ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن.
ۋاڭ يىنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن ئانالىزلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغانلىقىنى تىلغا ئالغان «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ نورۋېگىيەدە زور سەلبىي تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىدە گېرمانىيە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. گېرمانىيەنىڭ خۇئاۋېي ۋە 5G تور ئېقىمىنى تېخى سىقىپ چىقىرىۋەتمىگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولالمىغان ئاجىزلىقى دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىدە تۇرماقتىكەن.
گېرمان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى قىيىنغا توختايدىكەن. چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەم كورونا ۋىرۇسى بىلەن، ھەم ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەمما ماسنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار توغرىسىدا زادى قانچىلىك كەسكىن تەلەپپۇزدا زۇۋان سۈرۈشىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىكەن.
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرىلا گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئېغىر بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق ئالدىنقى كۈنلىرى بايانات ئېلان قىلىپ ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى چوقۇم كۈنتەرتىپكە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. د ئۇ ق بۈگۈن 31-ئاۋغۇست كەچتە ميۇنخېندىن يولغا چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ۋە بېرلىندىكى ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 1-سېنتەبىر كۈنى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ۋاڭ يىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇشقا ھازىرلانماقتىكەن.
0:00 / 0:00