2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىزچىل تۈردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى زېدىلەپ كېلىۋاتقان ئۇنتۇلماس قىسمەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى مۇتتەھەملەرچە ھۇجۇمنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىش قىلىشى، ئەمما ئۇلارنىڭ قوراللىق خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ كېچىدىكى پىلىموت ئوقلىرىغا يەم بولۇپ كېتىشى، ئارقىدىنلا مىڭلىغان ياشلارنىڭ مۇشۇ ئىشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت تەلەپ قىلىشنىڭ قىلچىمۇ ئاقماس بىر مەنتىقە ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى.
شۇ سەۋەبتىنمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى بۇ ماتەم كۈنىنى ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2024-يىلىدىكى پائالىيەتنىڭ بىر مەزمۇنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئەكس ئەتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تەشكىللىشىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىسىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ھەر دائىمقىدەك «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلاندى. شۇنىڭدەك نامايىش جەريانىدا ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلەرنى ئەسلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتنى جاراڭلىق شوئار ئارقىلىق ئىپادىلەش مۇھىم مەزمۇن قىلىندى. جۈمە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نورمال ئىش بېجىرىدىغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلچىخانا بىناسىدىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق ئىدى.

پائالىيەت جەريانىدا لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات، زۇبەيرە شەمسىدىن قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە تەبىئىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋەھشىي دۈشمەن ئالدىدا «بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىش» شەكلىدىكى قارشىلىقىنىڭ توختاپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان شەخسلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نامايىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا يېقىن ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ياشلارنى بۇنداق پائالىيەتلەرگە جەلپ قىلىشنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئەينى ۋاقىتتىكى پاجىئەلەردىن بىخەۋەر ھالدا ياشاۋاتقانلارنى بۇ ھەقتە ساۋاتقا ئىگە قىلىش، شۇنىڭدەك ياشلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن مىسران دولان (Misran Dolan) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نامايىشتىكى بۇ خىل يوشۇرۇن قۇدرەتنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى:
«2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. بولۇپمۇ ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكنىڭ يارقىن مىسالىدۇر. يەنە كېلىپ بۇ پاجىئە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا مۇھاجىرەت ھاياتىدا بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى خاتىرىلەشتىن سىرت يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئادالەت ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ياشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ لاگېرلار باشلانغان 2016-ياكى 2017-يىللىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. »
بۇ قېتىمقى نامايىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا تەشكىللىگەن كۆپلىگەن نامايىشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئورتاق غەزەپ-نەپرىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى.