ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان زۇلۇم ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى بىر قىسىم غەرپ ھۆكۈمەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى زور تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى ۋىكى شۈنىڭ باش ئاپتورلۇقىدا ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد ۋە تەتقىقاتچى داريا ئىمپيومباتو بىرلىكتە تەييارلىغان «زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى قانداقتۇر بىرەر شەخس ياكى ئىدارە-ئورگان ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەندىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگىچە بولغان بىر پۈتۈن ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىش بىرلىكى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانلىقى تەپسىلى پاكىتلار، سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە سىخېما-جەدۋەللەر ئارقىلىق شەرھىلەپ چىقىلدى.
باش ئاپتور ۋىكى شۈ بىلەن بولغان سۆھبەتتە قانۇن ۋاستىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانداق رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تېمىلاردىن بىرى بولدى. يەنە كېلىپ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىنى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» دەپ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ قىسىم سورۇنلاردا كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور تۇتقۇن ۋە لاگىر سىستېمىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا دائىر بىر قاتار قانۇن ۋە نىزاملارنى تۈزۈپ چىققان. بۇ قانۇن-نىزاملاردا تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا چېتىلىپ قالغانلارغا جازا بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. ھالبۇكى بۇ «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» دېگەن مەزمۇنلار ئاللىقاچان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر ئورنىشىپ كەتكەن كۈندىلىك ھاياتقا دائىر ھادىسىلەر بولۇپ، بۇ قانۇن-نىزاملاردا ئاشۇ خىل ھادىسىلەرنى «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» دەپ ھۇجۇم قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. بۇنىڭ بىلەن مىللىي كىملىك، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە باغلىنىپ مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ خىلدىكى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نىڭ قۇربانى بولۇپ لاگىرلارغا يوللانغان.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ۋىكى شۈ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ رايون ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە ھەرقانداق كىشى بۇ گەپنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنە سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ دوكلاتتا بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ئىسپاتلار قاتىرىسىغا كۆرسىتىلدى. يەنە كېلىپ بۇ دوكلاتتا بىز تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەمدە ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ھەرقايسى رايونلۇق ساقچىخانىلارغا بەلگىلىك ساندىكى ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ھەققىدە سان چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ساننى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قانۇن ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى قانداق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسىمى دەل مۇشۇنداق قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەقدىرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭ يېشىل چىراق يېقىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ياڭ فاسېندەك نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى لاگىرغا قاماش ئارقىلىق ياشلارنى كۆزدىن يوقىتىشنى باشلاپ بەرگەن بىر كىشى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشلىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن سۆزلىيەلىگەن. كېيىنچە ئۇ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆستۈرۈلۈپ باشقا كادىرلارغا ئۈلگە بولغان. ئەمما قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى شوئارلار ھەممىلا جاينى بىر ئالغان. ئەمىلىيەتتە بولسا بۇنى ئىككى يۈزلىمىلىكنىڭ مىسلىسىز پەللىگە چىققان بىر تىمسالى، دېيىشكە بولىدۇ.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىستېمىلىق لاگىر قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىدا ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان. بولۇپمۇ «پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىش» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە، ھەرقايسى شەھەر-ناھىيەلەردىن تاكى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگىچە بولغان پارتىيە كومىتېتلىرى سىستېمىلىق زۇلۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا نازارەتچى بولغان. ئەمما دوكلات ئاپتورلىرى توپلىغان پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تىزىملىكى بارلىق بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ خىتاي بولۇشى، ئىككىنچى قولنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىدەك بىر ئورتاق رېئاللىقنى كۆرسەتكەن. «ئوقۇمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايتا تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزسەك ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەيدىغان «قايتا تەربىيەلەش نەزىرىيىسى» نىڭ ئىجادچىسى ياڭ فاسېننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە ئۆستۈرۈلۈشى، ياۋ نىڭ ۋە ئەركىن تۇنىيازدەك قىسقا مۇددەتكە بولسىمۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلىم ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان كىشىلەرنىڭ لاگىر سىستېمىسىنى كېڭەيتىشكە جان-جەھلى بىلەن «تۆھپە قوشۇشى»، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك «پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشنى بىلمەسلىك زور نومۇس» دەپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان كىشىنىڭ ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەنلىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەنە بىر ئىجتىمائىي رېئاللىقنى بەكمۇ جانلىق نامايەن قىلىپ بەرگەن.
بۇ ھەقتە ۋىكى شۈ مۇنداق دەيدۇ. «مۇشۇنىڭ ئۆزىدىكى رېئاللىق بىزگە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا غايەت زور دەرىجىدىكى ئىرقچىلىق ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ھازىرقى ئەھۋال ئەمەس. بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. كېيىنچە بۇنىڭ خىتاي جەمىيىتىدىكى دائىملىق مەسىلىگە ئايلىنىشى كېلىپ چىققان. شۇڭا ئۇيغۇر جەمىيىتى باستۇرۇش ئوبېكتى قىلىنىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىككىنچى قولنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەس بولۇپ قېلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كەتكەنلىكى ئەمىلىيەتتە ئۇنچە ھەيران قالغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەكمۇ جانلىق بىر مىسالى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان بۇ ماكاننى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇ جايدىكى ‹ئاپتونومىيە ھوقۇقى› نى ھېچكىم كۆرگىنى يوق. باياتىن سىز تىلغا ئالغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنمۇ ئەڭ يۈكسەك ساداقىتىنى نامايەن قىلغان بولۇشىغا قارىماي ئىككىنچى قول بولۇشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلىغاندا غەرپ دۇنياسىدىكى ئېنگلىز تىللىق جامائەتنى ئاساسلىق نىشان قىلدۇق. شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان لاگىر سىستېمىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ چەتئەللەرگە سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردۇق.»
ۋىكى شۈ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ۋە يۇقۇرى سەۋىيىلىك يازمىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملىقىنى پاش قىلىش بىلەن غەرپ دۇنياسىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. بىز ئۇنىڭدىن «مۇھاجىرەتتە شۇنچە كۆپ خىتاي زىيالىسى بولسىمۇ، ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ ۋىكى شۈ چىقمايدۇ؟» دەپ سورىدۇق. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ «سەركەردىلىرى» دىن بولغان ۋېي جىڭشېڭغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپ رەھمەت! مەن بۇنى بىر تۈرلۈك تەقدىرلەش، دەپ چۈشىنىمەن. ئەمما مەن باشقا شەخسلەر ھەققىدە سۆز قىلىشتىن كۆرە يەنىلا ئۆزۈم توغرىسىدا توختىلاي. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر 2018-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراشقا باشلىدى. بولۇپمۇ مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە بىرنەچچە پارچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل پاراكەندىچىلىك تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. ئەمما مەن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمەن. مەن ئىلگىرىمۇ ‹نيو-يورك ۋاقتى› گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ خىل ئىشلار بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرى مېنىڭ ئاغزىمنى يۇمدۇرالمايدۇ. چۈنكى مەن خىتاي ھەققىدىكى ھەقىقەتنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى سۆزلەيمەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يازمىلار مېنىڭ ئاساسلىق قەلەم تەۋرىتىش دائىرەم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۆلەۋاتقان بەدەللەر بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ‹دۆلەتنىڭ دۈشمىنى› دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما مەن بۇنىڭغا ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى مەن توغرا ئىش قىلىۋاتىمەن. ئەمدى سىز تىلغا ئالغان چەتئەللەردىكى خىتاي زىيالىلىرىغا كەلسەك ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلالماسلىقىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى مەن چۈشىنىمەن. مېنىڭچە بۇنىڭدا ئىككى تۈرلۈك ئەھۋال مەۋجۇت: بىرى، خىتايدىكى زىيالىلار ئۇچۇر كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدۇ. يەنە بەزىلەر مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكتىن نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. يەنە بىرى، چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئەركىن جەمىيەتتىكى خىتاي زىيالىلىرى ماھىيەتتە يەنىلا غايەت زور دەرىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى كونتروللۇقىدا ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىدىغان، خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇھاجىرەتتىكى بۇ خىتاي جامائىتىنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ياقلاپ سۆز قىلىش ماھىيەتتە ئۇلارنى ئۆز توپى ئىچىدە ‹خائىن› غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مېنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن خىتاي دوستلىرىممۇ ئاشۇ خىل قىسمەتتە ياشاۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنى جەمىيەت نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، باشقا كۆپلىگەن جەھەتلەردىمۇ كۆپلىگەن قۇربانلارنى بېرىشكە ئېلىپ بارىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، «زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» سەرلەۋھىلىك دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتقا ئوخشاش ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.