ۋولكسۋاگېن مۇنازىرىسى گېرمانلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قايتىدىن ئەسلەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.02
volkswagen-bash-shitabi-germaniye.jpg ئاپتۇموبىل شىركىتى ۋولكسۋاگېننىڭ باش شتاب بىناسى. 2021-يىلى 9-دېكابىر، ۋولفىسبۇرگ، گېرمانىيە.
AP

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ۋولكسۋاگېن زاۋۇتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان ۋولكسۋاگېننىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى رالف براندشىتېتتېرنىڭ 16-17-فېۋرال كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى گېرمانىيە جامائىتىگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىشكە سەۋەب بولدى.

27-فېۋرالدىن باشلاپ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ خۇسۇستا كۆپلىگەن ماقالە، ئوبزور ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD دا «تالاش-تارتىش ئىچىدىكى خىتاي تىجارىتى: ۋولكسۋاگېن ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرماقتا» ناملىق ئوبزۇر، NDR تېلېۋىزىيە قانىلىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: ۋولكسۋاگېن شىنجاڭدىكى زاۋۇتىدىن مەسىلە تاپالمىدى» ناملىق خەۋەر، «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدا «ۋولكسۋاگېن خىتاينىڭ غەربىدىكى زاۋۇتىنى قوغدىماقتا» ناملىق ماقالە، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دا «ۋولكسۋاگېننىڭ زاۋۇتىدىن چاتاق چىقمىغان» ناملىق ماقالىلار ئېلان قىلىندى.

«سودا ئۇچۇرلىرى» گېزىتىدا 28-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تالاش-تارتىشتا قالغان زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ۋولكسۋاگېن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشتە قېيىن ئەھۋالدا قالدى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «رالف براندشىتېتتېر ۋولكسۋاگېن گورۇھىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى. بۇ شەھەر خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى شىنجاڭ رايونىغا جايلاشقان. خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇستەبىت كوممۇنىستلارنىڭ بۇ رايوندا شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇنى دۇنيادىكى بۇ ئىككىنچى چوڭ ماشىنا سودىگەرلىرى ئۈچۈن ‹پىلىكى تارتىلمىغان بومبا› دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت دوكلاتلار ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدىن ماشىنا بىلەن يۈرگەندە 15 مىنۇتلۇق يىراقلىقتا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر قامالغان چوڭ بىر جازا لاگېرى بار ئىكەن. بۇ خۇسۇستىكى ئۇچۇرلارغا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىن ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇنىڭ دوكلاتلىرىدىنمۇ ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكى ئىكەن.

N-TV تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس: ۋولكسۋاگېننىڭ خىتايغا مەسئۇل رەھبىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى» ناملىق ئوبزۇردا مۇنداق ئىبارىلەر يەر ئالغان: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ئۆتكەن يىلى بۇ رايوندا ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق سۆزلىمەكتە. ۋولكسۋاگېننىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى توماس ستېگ ‹بىز ھەقىقەتەنمۇ بۇ دوكلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن زور ئەندىشە ھېس قىلدۇق ھەمدە ئۇنى ئىنتايىن ئىنچىكە تەتقىق قىلدۇق. بىز بۇ مەسىلىگە ئەزەلدىن سەل قارىمىدۇق ۋە ئۇنىڭغا يېنىك مۇئامىلىمۇ قىلمىدۇق. ئەمما شۇنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئىپادىلەش كېرەككى، ۋولكسۋاگېن گورۇھى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە سەل قارىمايدۇ ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشكە يول قويمايدۇ› دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.»

ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭلىق بىلەن ۋولكسۋاگېننى ئەيىبلەشتىن توختاپ قالمىغان. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رالف براندشىتېتتېرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى ۋە ۋولكسۋاگېننى ئاقلاپ بايانات ئېلان قىلىشى، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىمۇ كۈچەيتكەن.

«مەركۇر» كۈندىلىك گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دەلىل يوق: ۋولكسۋاگېن ئۇيغۇر رايونىدىكى زىددىيەتلىك زاۋۇتىنى ساقلاپ قالماقچى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ 29 پىرسەنتى ئاز سانلىق مىللەت، بۇنىڭ ئىچىدە 17 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئىكەن. رالف براندشىتېتتېر 16-17-فېۋرال كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ئاشخانىسىدا كۆرۈشكەن 7 ئىشچى قاتارىدا خىتاي، ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بار ئىكەن. ئۇلار «ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن رازى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ۋولكسۋاگېن بىلەن خىتاي تەرەپ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت توغرۇلۇق تۈزگەن توختام 2030-يىلىغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ، ۋولكسۋاگېننىڭ بۇ توختامغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. بۇ دېگەنلىك، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خەلقئارادىكى كۈچلۈك بېسىملارنى نەزەرگە ئالغان تەقدىردىمۇ، ۋولكسۋاگېن ئۆز ئالدىغا بۇ زاۋۇتنى تاقايمەن ياكى يۆتكەپ كېتىمەن دېيەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ 50 پىرسەنت پايچېكى خىتاينىڭ قولىدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.