خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ دېتاللىرىنى يوشۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچار قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭدا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى، چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋىرۇس مەركىزى بولغان ۋۇخەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ۋىرۇسنىڭ دېتاللىرىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەسلىكى ئۇلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتىكەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا دائىر دېتاللارنى يوشۇرۇشىدەك بۇ خىل خاھىشى دۇنيانى تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكس ئازار 25‏-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا ئالاقىدار ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيۋاتقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە ئامېرىكا بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئالېكس ئازار بۇ سۆزلەرنى كېڭەش پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيونىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا «خىتاي ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر دۆلەتنى جاۋابكارلىققا تارتىشى، بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكىدەك ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەك» ئىكەن. كېڭەش پالاتاسىنىڭ 25‏-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئالېكس ئازار خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدىكى ئىپادىسى، ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى تەسىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئالغان تەدبىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ۋە بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتا كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئەمەلدارى دوكتور نەنسى ئاگاھلاندۇرۇپ، «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت يۇقۇم يۈز بېرەمدۇ-بەرمەمدۇ؟، دېگەن مەسىلە ئەمەس. بەلكى، قاچان يۈز بېرىدۇ ۋە قانچە ئادەم ئېغىر يۇقۇملىنىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدۇر» دېگەنىدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو، بۇنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ مەنبەسى خىتايدەك ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان بىر دۆلەتكە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمدارلارنىڭ سانىنى قانچە، دەپ ئېلان قىلسا قىلسۇن، لېكىن ھەقىقىي ساننىڭ ئۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىپادىسى مەزكۇر ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىشىمىز بەك مۇرەككەپ، چۈنكى بىز بۇ خىل يۇقۇمغا بىزگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە ئوبرازىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستىبدات دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا بىز بۇ خىل يۇقۇمغا دۇچ كېلىۋاتىمىز.»

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىكى ئىپادىسىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشنىڭ ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېلان قىلىشىنى، شۇنداقلا خەلقئارالىق ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ژۇرنالىستلارنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ بۇرۇن سارسقا يول ئاچقان بولسا، ھازىر كورونا ۋىرۇسىغا يول ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇچۇرنى چەكلەش ئەجەللىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە تەبىئىي خادىملارنىڭ ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سۆزلىشىگە يول قويسا خىتاي دائىرىلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر ۋىرۇسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايدۇ» دېگەن.

بەزى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ۋىرۇسنىڭ دېتاللىرىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشى، ئۇلاردا كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بولغان گۇماننى كۈچەيتمەكتىكەن. ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى مەمەت ئېمىن ئەپەندى 26‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى ئامېرىكىدا كورونا ۋىرۇسى بىئولوگىيەلىك قوراللارغا چېتىلامدۇ؟ دېگەن گۇماننى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى شەپەرەڭ دېيىلسىمۇ، لېكىن شەپەرەڭدىكى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇشىدا قانداق ئامىل ھالقىلىق رول ئوينىدى، دېگەن سوئال ئىكەن. ئۇ، ئوتتۇرىدىكى بۇ ھالقىلىق ئامىلنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مىنىستىرى ئالېسك ئازارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 59 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ 14 نەپىرى باشقىلار بىلەن ئالاقىدە، 3 نەپىرى ۋۇخەندە، 42 نەپىرى «ئالماس شاھزادە» ناملىق ساياھەت پاراخوتىدا بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانىكەن. نۆۋەتتە ئاقساراي، دۆلەت مەجلىسىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشقا 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاق ساراينىڭ 24‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ پۇلنىڭ «ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلىق ئىشلىرىنى قوللاش، زۆرۈر تېببىي لاۋازىماتلارنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.