خىتاينىڭ «ۋىرۇس كرىزىسىدىن كېيىن نورماللاشقان» لىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.03.15
wuxen-wirusi.jpg ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
Social Media

جېجياڭ ئۆلكىسى 24-فېۋرال ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 98. 6 پىرسەنت ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى، «سەيشىن» تورىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بېيجىڭ تەرەپ جېجياڭدىكى سودا-ساھەسىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنى كۆزىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، يەرلىك رەھبەرلەر توك سەرپىياتىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ئۈچۈن چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى يېقىپ قويۇش، سانائەت ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دائىم ماڭدۇرۇپ قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا سانائەت ئورۇنلىرى خىزمەتچىلەرنىڭ يوقلىمىسىغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىپ، ئۇنى خۇددى ھەمىمە ئادەم ئىشقا كەلگەندەك قىلىپ ياساپ چىققان.

مەركەزدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋۇخەندىكى دېزىنفېكسىيە ۋە تاماق يەتكۈزۇش مېخانىزمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى پۈتۈن دىققىتىنى ئۇلارغا مەركەزلەشتۈرگەن.

نۆۋەتتە «كورونا ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان. بۇ ۋىرۇس شۇندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا يامرىغان ۋە يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر ئەڭ ئاز دېگەندە 168 مىڭ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 6 مىڭ 492 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ۋۇخەن شەھىرىنى زىيارەت قىلغان. بەزى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق ۋىرۇس ۋەھىمىسى يوقاپ، نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس خىتايدىن باشقا ئىران، ئىتالىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئەللەردە بىر قەدەر ئېغىر كرىزىس ياراتقان. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.