خاننا بۇردوف: «مەن بۇ يىل سېنتەبىردە كۆرگەن ئۇيغۇر دىيارى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى دوڭ كۆۋرۈككە جايلاشقان «خەلقئارالىق چوڭ بازار» نىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى. 2019-يىل ئۆكتەبىر.
ئۈرۈمچى دوڭ كۆۋرۈككە جايلاشقان «خەلقئارالىق چوڭ بازار» نىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى. 2019-يىل ئۆكتەبىر.
Oqurmen teminligen

ئەنگلىيەدىكى نيۇ-كەسۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى خاننا بۇردوف خانىم رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن نيۇ-كەسۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت. ئىلگىرى مەن خىتايدا خىزمەت قىلغان ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگەنگەن. مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹قوش تىللىق مائارىپى› سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. مەن خىتايدا تۇرۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدىم، 2009-يىلى قەشقەرگە باردىم. 2011- ۋە 2012-يىللىرى مەخسۇس ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگىلى باردىم.»

سوئال: سىزنى ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىقتۇرغان سەۋەب نېمە ئىدى؟

جاۋاب: 2009-يىلى ساياھەت ئۈچۈن تۇنجى قېتىم قەشقەرگە بارغىنىمدا قەشقەر شەھەر ئىچىدە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بىر كوچىدىن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يەنە بىر كوچىغا تۇيۇقسىز ئۆتۈپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا خۇددى باشقا بىر دۆلەتنىڭ چېگراسىنى ئاتلاپ ئۆتكەندەك بىر ئوخشىمايدىغان مەنزىرە پەيدا بولدى. بۇنداق تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مەنزىرە ھەم خىتاي تىلىدىن تامامەن پەرقلىق بولغان بىر تىل مېنى جەلپ قىلدى. چىرايىمۇ، كىيىنىشىمۇ، يۈرۈش تۇرۇش شۇنداقلا ھېچنېمىسى خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان بۇ سىرلىق جاينى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش ئۈچۈن مەندە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشىمىغان يۇرتلارنى ئايلاندىم. قەشقەر، يەركەن، تۇرپان، خوتەن، ئاقسۇ، قۇمۇل، كورلا دېگەندەك ئوخشىمايدىغان جايلارنى زىيارەت قىلدىم.

سوئال: سىز ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمۇ بېرىپ باقمىغان ھەم كۆرۈپ باقمىغان جايلارنى كۆرۈپسىز؟

جاۋاب: ئۇيغۇر دوستلىرىممۇ داۋاملىق شۇنداق دەيدۇ، ئۇلار سەن بىز كۆرمىگەن يەرلەرنىمۇ كۆرۈپسەن دەپ كېتىشىدۇ.

سوئال: بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىڭىز ھەققىدە توختالسىڭىز، بۇ قېتىم نېمىلەرنى كۆردىڭىز، يەنى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا نېمىلەرنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟

جاۋاب: ئۈرۈمچى بىر چوڭ شەھەر، بۇ شەھەردىكى كونتروللۇق باشقا جايلاردىكىدەك، يەنى ناھىيە ۋە يېزىلاردىكىدەك قاتتىق ئەمەس. مەسىلەن، ئاقسۇغا بارغىنىمدا، شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىمەن دېسەم ساقچى ئاپتوبۇس بېكەتتە «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدى، بارغان جايىمدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ئەگىشىپلا يۈردى. قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن دېگەندەك جايلار شىمالدىكى شەھەرلەردىن قاتتىقراق باشقۇرۇلۇۋېتىپتۇ. بۇ قېتىم غۇلجىغىمۇ باردىم، غۇلجىدىمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش ساقچىلارنىڭ توسۇشى ياكى سوراق قىلىشىغا ئۇچرىمىدىم. كۆزىتىشىمچە، ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەردە كونتروللۇق كىچىك شەھەر ناھىيەلەرگە قارىغاندا بىر ئاز بوشراق ئىكەن. شىمالدا جەنۇبقا قارىغاندا بوشراق ئىكەن. ھازىرقى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردىكى ئۇچۇرلار ئاساسەن 2018-يىلىغا تەۋە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىدىن باشلاپ، چەتئەللەرنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى، مۇخبىر ۋە ساياھەتچىلەرنى كىرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بەزى ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ. مەسىلەن 2018-يىلى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممە يېرىدە بار بولغان كىملىك تەكشۈرۈش ساقچى پونكىتلىرى، تېلېفون تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى بۇ قېتىم مەن كۆرمىدىم. بەلكىم چەت جايلاردا بولۇشى مۇمكىن.

سوئال: سىزنىڭچە، بۇ خىتاينىڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا قاراتقان كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى بوشاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، كوچىلاردىكى ساقچىلارنىڭ بۇلتۇرقىدەك كۆپ بولماسلىقى، ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىكلەرگە بولغان توسۇپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئازايتىلىشى، خەلقئارالىق زىيارەتچىلەرگە «بۇ ساقچى دۆلىتى ئەمەس» دېگەندەك تەسىرات بېرىشنى مەقسەت قىلغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى بۇرۇن بارغىنىمدا ساقچىلارنى ئارقامغا سېلىپ قويغان بولسا، بۇ قېتىم پەقەتلا يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىشنىڭ ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان كامېرالار ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما مېنىڭچە ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، نېمىلا بولمىسۇن، بىر خىل كۆرۈنمەس بېسىمنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

سوئال: دوستلىرىڭىزنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا مەھەللە كومىتېتلىرىدا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ھەر قانداق مەھەللە ئولتۇراق رايونلىرى قورشاۋغا ئېلىنغان. كىشىلەرنىڭ كىرىش-چىقىشى ۋە ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 3 چوڭ دەرۋازا قۇرۇلغان ھەم پوست قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قورۇغا ۋە بىناغىمۇ يۈز تونۇش سىستېمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىكەن. مەن ئائىلىۋى زىيارەتلەرگە پوستلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن رۇخسەت بىلەن كىردىم. شۇنداقتىمۇ ئۇلار مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ساقچى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مەن پەقەت بىر ساياھەتچى سۈپىتىدە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم بۇ. ئەمما شەھەر ئاھالىسى بولۇپ ئۆز شەھىرىدىن چىقالماي، يەنى بىر ئۆيگە ۋە بىر شەھەرگە نەزەربەند قىلىنىپ ياشاۋاتقانلارنىڭ قانداق بېسىم ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس. چۈنكى ئەتە يەنە نېمە بولىدىغانلىقى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار شۇنداقتىمۇ بۇ بېسىملار ئاستىدا نورمال ھايات كەچۈرۈشكە، ھەر بىر كۈنىنى نورمال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.

سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت