جەمىل ھەسەنلى بىلەن سۆھبەت: «شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ھەركىتى» (3)

0:00 / 0:00

ئەزەربەيجان باكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى جەمىل ھەسەنلىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: ستالىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ھەركىتى» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا بىخ سۈرۈشتىن رەسمىي قوراللىق قوزغىلاڭ باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن خەلق ھەرىكىتى دەسلەپكى قەدەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى ۋە خىتاي مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي قارا نىيىتى زىچ بىرلەشكەنلىكتىن تېزلا جىمىقتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىگە سادىق بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ مىلىتارىست شېڭ شىسەي بولسا ئ‍ۆزىگە كۈچلۈك بىر ئارقا تىرەكنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان رايونى ياپونىيە ياكى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشە بىكار قىلىنغان. بۇنىڭ ئىپادىسى بولسا شېڭ شىسەينىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەكس ئەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا «شىنجاڭ ئۆلكىىسى ھازىر رۇسلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر رايونغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەندەك شىكايەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نەنجىڭدىن ئەۋەتىلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن بىرلىكتە «بۇ رايوننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋېلىش نىيىتى يوق» دېگەن مەزمۇندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. ئەنە شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى لازار كاگانوۋىچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زور بىر تۈركۈم سوۋېت كادىرلىرى، جۈملىدىن ئابدۇللا سىراجىدىنوۋ، ئىمىنوۋ كەرىم، مەشۇر روزىيېۋ، ئەھمەد رەھىموۋ قاتارلىق كومۇنىستلار سىياسىي خىزمەت، ئىقتىسادىي سىستېما ۋە باشقا ساھەدىكى خىزمەتلەرگە «ياردەم» بېرىش ئۈچۈن موسكۋادىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

شېڭ شىسەي ئەنە شۇ تەرىقىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلىپ تۇرۇپ، ئون يىلغا يېقىن ئۆز ئورنىنى شۇنچىلىك مۇستەھكەملىگەنكى، ھەتتا نەنجىڭدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنى ئورنىدىن قوزغىتىشقا ئامال قىلالمىغان. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشلەر بۇ ھالنى دەسلەپكى قەدەمدە بۇزۇپ تاشلىغان.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا جەمىل ھەسەنلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي ئالىقاچان موسكۋانى زىيارەت قىلىپ سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى ئېلىپ بولغان ئىدى. شۇڭا 1930-يىللىرىدىن باشلاپ ‹شىنجاڭ ئۆلكىسى› دەپ بىلىنىۋاتقان بۇ رايون ئەمەلىيەتتە ئالىقاچان موسكۋانىڭ باشقۇرىشىدىكى بىر ئۆلكىگە ئايلىنىپ بولغان. ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئىدارىلەرنى خىتايلار ئەمەس، بەلكى موسكۋا باشقۇرىدىغان بولغان. ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيەسى ستالىنگرادقا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىدى ھەمدە سوۋېت ئارمىيەسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. شېڭ شىسەي بۇ ھالنى كۆرگەندىن كېيىن ‹سوۋېت ئىتتىپاقى تۈگەشتى› دەپ ئويلاپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزدىن ئۆزىنىڭ سوۋېتكە قارشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. جۈملىدىن موسكۋادا ئ‍وقۇغان ھەمدە رۇس قىزىغا ئۆيلەنگەن بىر قورساق ئ‍ىنىسىنى مەخپىي ئۆلتۈرۈپ بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنى رۇسلارغا ئارتىپ قويدى. ئارقىدىنلا مۇشۇنى باھانە قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى كەسكىنلىك بىلەن تازىلاشنى باشلىۋەتتى، شۇنىڭدەك بارلىق سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. بۇ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلاتتى. 1943-يىلى مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر دېكانازوۋ ئۈرۈمچىگە مەخپىي زىيارەتكە كېلىپ شېڭ شىسەيدىن ‹خاتالىقىنى تونۇش› نى تەلەپ قىلدى. ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ستالىن ئاخىرقى ھېسابتا شېڭ شىسەينى ئېسىدىن چىقمىغۇدەك قىلىپ ‹جازالاش› قارارىغا كەلدى. شۇ يىلى ماي ئېيىدىكى سىياسىي بيۇرونىڭ بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىنىدا شېڭ شىسەيگە قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلق ھەرىكىتىنى قوللاش ھەققىدە قارار ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزدىن ئىشلەش ھەققىدە بۇيرۇق يوللاندى. ئەنە شۇ تەرىقىدە ستالىننىڭ شېڭ شىسەينى مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈرۈش ھەركىتى باشلاندى.»

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، سوۋېت كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان شېڭ شىسەينىڭ بىرلا يۇمۇلاپ سوۋېت كومپارتىيەسىگە قارشى چىقىشى يەنە بىر ياقتىن دۇنياۋىي تەرتىپ ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. 1944-يىلى ماي ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرىي ۋاللېس موسكۋا سەپىرىدە ستالىن ۋە مولوتوۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يول ئالغان. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل دوستلۇققا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ شېڭ شىسەي ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل «قوش تونۇش» نىڭ نەتىجىسىدە ستالىننىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن «ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي رايونىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەركىتىنى باشلاش» ھەققىدە قارار ئېلىنغان. ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتە بولسا «شەرق ھەقىقىتى» ۋە «قازاق ئېلى» ناملىق گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىتىلغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق مىللىي ئازادلىق ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ھەسەنلى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بۇنىڭ جەريانى قوش قاتلامدا راۋاجلاندۇرۇلدى. بۇنىڭدىكى بىرىنچى مەسىلە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تازا يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. نېمىشقا دېگەندە بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ بەش-ئالتە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خىتايلار بارلىق ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەملىكە قاتارىدا مۇئامىلە قىلاتتى. يەرلىكلەر بولسا بۇنىڭدىن نارازى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دەل مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلاندى ھەمدە قوزغىلاڭ ۋاقتىنى 1944-يىلى 7-نويابىر كۈنى قىلىپ بېكىتتى. نېمە ئۈچۈن بۇ كۈننى بېكىتىدۇ؟ چۈنكى بۇ كۈن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنى. ئۇلار ئىلگىرى ئوخشاش بولغان خاتىرە كۈندە ئىراننىڭ ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنى سوۋېت ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلىغان. ئەمما بۇ ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىپ ئەمەلگە ئاشماي قالغان. بۇ ھال شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئاشۇنداق مەزمۇندا قايتا تەكرارلاندى. ئەمدى يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەل مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ‹سىياسىي ئېھتىياجى› دىن پايدىللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان. چۈنكى ئ‍ۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز ۋەتىنىنى مۇستەقىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سەركىلەر تاشقىي ياردەمنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كوممۇنىزىمنىڭ چېگراسىنى تېخىمۇ شەرقتىكى رايونلارغا كېڭەيتىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىككىلەنمەيلا ياردەم مەنبەسى قىلىپ تاللىغان. بۇ ھال غەرپ دۇنىياسى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆلەڭگىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭەيتىش، دەپ قارالغان؛ خىتاي ئۈچۈن بولسا ئۆز قولىدىكى بىر پارچە زور تېرىتورىيەنى يوقىتىشتىن دېرەك بەرگەن؛ ئۇيغۇر سەركىلەر ئۈچۈن بولسا ۋەتەننى ئازاد قىلىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارالغان. شۇڭا بۇ مەسىلىنى بىرلا تەرەپتىن كۆزىتىش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭدا ھەممىلا تەرەپتىكى ئامىللارنى ئويلىشىش زۆرۈر. چۈنكى بۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى، خىتاينىڭ مەنپەئەتى، غەرپ دۇنياسىنىڭ ئەندىشىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئارزۇسى بىرلىشىپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقىسى ئەڭ مۇھىم. شۇڭا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ خەلق ھەركىتىدىن پەخىرلىنىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئاشۇ ھەركەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق ۋەتەننى ئازاد قىلىش ھەركىتى ئىدى.»

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنە شۇ تەرىقىدە شېڭ شىسەي ئون يىلدىن ئارتۇق دەۋران سۈرگەن ئۈرۈمچىدىن نەچچە ئايرۇپىلان ۋە 187 يۈك ماشىنىسىغا لىق بېسىلغان غايەت زور مىقداردىكى بايلىق بىلەن 1944-يىلى سېنتەبىردە چوڭچىڭغا بارغان ھەمدە گومىڭداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق-دېھقانچىلىق مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ ئورنىغا جياڭ جېشىنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن ۋۇ جوڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلجا شەھرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» يەنە بىر قېتىم قۇرۇلغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەقىللىقنىڭ پەردىسىنى ئاچقان. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا پايتەخت بولغان ھالدا ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇشتەك پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت يارىتىلغان. گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ توققۇز ماددىلىق باياناتىدىكى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىممۇتلەقلىقىگە خاتىمە بېرىش، شەرقىي تۈركىستاننى ھۆر ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلار ئ‍وڭچىل، سولچىل، مىللەتچى ياكى دىندار قاتارلىق توپقا تەۋە كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشقانلىقتىن ستالىن يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1946-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى 11 بېتىم سۆھبىتى» ئارقىلىق بىرلەشمە ھاكىمىيەت ھاسىل قىلىشقا بۇيرۇغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ھەسەنلى مۇنداق دەيدۇ: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئىككى خىل تىپقا مەنسۇپ كىشىلەر ئىدى: بىرى، سوۋېتقا مايىل كىشىلەر بولۇپ ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئىسھاقبېك مۇنۇنوۋ قاتارلىقلار ئىدى؛ يەنە بىرى بولسا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئىدى. ئەلىخان تۆرە يالغۇز ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشنىلا ئەمەس، يەنە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتلاردا دەل سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينى تاشقىي موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەن ئېلىشقا قىستاۋاتقان ۋاقىتلار بولغاچقا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن سىياسىي سودىلار داۋام قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي تاشقىي موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، سىتالىنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەۋەلىكىدە قېلىشىغا يول قويىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاراكتېرىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان ئەلىخان تۆرە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە كەبى ھەقلەرگە ئىگە بولىشىدىن قەتئىي نارازى ئىدى. شۇڭا بۇ ھالدىن ئالىقاچان خەۋەردار بولغان ستالىن ئالدى بىلەن ئەلىخان تۆرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى مەخپىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەتتى. خاتالاشمىسام، ئۇ كىشى 1975-يىلىغىچە تاشكەنتتە نەزەربەندتە ياشىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ راۋرۇس ئالداندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلاردىن ئالتە-يەتتە كىشى قاتناشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجوڭ بولدى. بۇ ھال تاكى مسئۇد سابىرى رەئىس بولغىچە داۋام قىلدى.»

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى گۇرۇھتىكى كىشىلەر گومىنداڭغا ماھىل، دەپ قارىلىۋاتقان مەسئۇت سابىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار جياڭ جېشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەندىشە قىلىشتەك ئېھتىياجى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مۇھىم مەنسەپلەرگە قويۇلغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك يالقۇنلىرىنى پەسەيتىشنىمۇ كۆزلىگەن. ئەمما رېئاللىقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرى ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز مەقسەدلىرىگە يېتەلمىگەن. يەنى گومىنداڭغا ماھىل مەسئۇت سابىرى گۇرۇھى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا ھالاك بولۇپ، تېرە-پېرەڭ بولۇپ كەتكەن بولسا، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدىن پايدىللىنىپ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىمىز» دېگۈچىلەر ستالىننىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ مەۋقەدە چىڭ تۇرغانلىقتىن 1949-يىلىدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە سىرلىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ھەسەنلى بۇنىڭ بىر مەيدان ئالدىن تەييارلانغان سىياسىي دىراما ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «سىياسىي بيۇرونىڭ قارارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايرۇپىلانى ئارقىلىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى بېيجىڭغا ئاپىرىش بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۈچۈن سوۋېتنىڭ ئايرۇپىلانى تەييارلاندى. سوۋېت تەرەپ كىملەرنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئىسىملىك تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ھەركەتلىرىدە سەركىلىك رولىنى ئوينىغان كىشىلەر ئىدى. مېنىڭچە، ستالىن بۇ ئىشتا ئۆزىگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق قالدۇرماسلىقنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ كىشىلەرنى يوقاتمىغاندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا كوممۇنىزىم ھەركىتىدە بىر يېڭى گۈللىنىش بەرپا قىلىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلاتتى. يەنە بىر ياقتىن بۇنداق زور گۈللىنىشكە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتى بەكلا كىچىك بىر شەيئى ھېسابلىناتتى. خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى پىلان قىلىشتىن ئىلگىرىلا ستالىن 1949-يىلى خىتاي ئارمىيەسىگە شەرقىي تۈركىستانغا يۈرۈش قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، پاكىستان، يەنى 1949-يىلى يارىتىلغان ئىسلام دۆلىتى بۇ تەۋەلىك ئۈچۈن يېتىپ ئاشاتتى. بۇ رايوندا ئىككىنچى بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتىنى بەرپا قىلىش ئۇنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپ ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ستالىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ‹شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازات قىلىش ھەركىىتى› نى زۆرۈر بولغان بارچە ياردەملەر بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇڭا ستالىندا ئۇيغۇر ھەركىتىنى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلاپ، خىتاي ئىنقىلابىنى ئالقىشلاش ئىدىيەسى پەيدا بولدى.»

جەمىل ھەسەنلى بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى سوۋېت ئارخىپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا بۇ قېتىملىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىگە چېتىشلىق ھېچقانداق ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئالىقاچان ئەبەدىيلىككە غايىپ قىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بۇ خەلق ھەركىتى كۆپلىگەن قۇربانلارنىڭ قېنى ئاققان بولۇشىغا قارىماي ئاشۇنداق نەتىجىلەنگەن.