خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى نازارەت يۇمتاللىرى بىلەن تەمىنلىگەن فىرانسىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە شىركەتلىرىنى ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.22
kozitish-kamera-camera.jpg قارشى تەرىپى ئېگىز بىنالار بىلەن تولغان خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە پورتىغا ئېسىلغان كۆزىتىش كامېراسى. 2020-يىلى 28-ئىيۇل. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم تېخنىكا ئېكسپورتىنى نازارەت قىلىش قائىدىسىنى چىڭىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
REUTERS

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا نازارەت قوراللىرىنى سېتىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

22-سېنتەبىر بىريۇسسېلدا چاقىرىلماقچى بولغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «ياۋروپا شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى خىتايلارغا نازارەت قوراللىرىنى سېتىپ بەرمەكتە» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر يىغىنىدا نازارەت قوراللىرىنى ئېكسپورت قىلىش بەلگىلىمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا جىددىي بىر قارار ئېلىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان.

21-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى خىتايلارغا نازارەت قوراللىرىنى سېتىپ بەرمەكتە» ناملىق دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەدىكى 3 شىركەت خىتاينىڭ نازارەت كامېرالىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە تور كامېراسى سىستېمىسىنى خىتاي تەرەپكە سېتىپ بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل دىگىتال (سىفىرلاشتۇرۇلغان) نازارەت كامېرالىرىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەقىب ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتىكەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، «ئاسماندا تور» ۋە «ئۆتكۈر كۆز» ناملىق بۇ سىفىرلاشتۇرۇلغان يۇمتاللار خىتايدا پۇخرالارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ساقچى دائىرىسى نازارەت ساھەسىدە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان كۆزىتىش قوراللىرىغا ئېرىشكەن. بۇ بىئولوگىيەلىك كۆزىتىش قوراللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئورنىتىلمىغان يەرلىرى قالمىغان. بۇنىڭ بىلەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل تېخنىكىلارنى خىتايغا داۋاملىق سېتىشىغا يول قويغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشلارغا چەكلىمە قويۇش ئىرادىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ».

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان «بىئولوگىيەلىك نازارەت» سىستېمىسى چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان يۇمتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىگە تاجاۋۇز قىلىش خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سىفىرلاشتۇرۇلغان نازارەت تېخنىكىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ شەخسلەرنى فىزىلوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، شەخسىي مەخپىيەتلىك، سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىك، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تىشكىلاتى ياۋروپا شىركەتلىرى خىتايغا سېتىپ بەرگەن، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئوخشاش بولمىغان 3 خىل دېگىتال نازارەت تېخنىكىسىنى ئېنىقلاپ چىققان.

فىرانسىيەنىڭ دۆلەت ھالقىغان «Idemia» شىركىتىگە تەۋە بولغان «Morpho» شىركىتى 2015-يىلى شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن چىراي تونۇش ئۈسكۈنىلىرى توختامى ئىمزالىغان. بۇ شىركەت خىتاينى چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە فىزىلوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

شىۋېتسىيەنىڭ «ئاخىس» شىركىتى خىتاينى تور كامېراسى سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلىتكەن. بۇ تور كامېراسى ئارقىلىق بىخەتەر نازارەت بىلەن شۇغۇللانغىلى ۋە يىراقتىن نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. يەنى 360 گرادۇسلۇق دائىرىنى، 300-400 مېتىر ئارىلىقنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن. مەزكۇر شىركەت ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان بۇ تۆھپىلىرى ئۈچۈن ماختانغان. خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىرقانچە قېتىم «تەۋسىيەلىك مەھسۇلات» قاتارىغا كىرگۈزگەن.

گوللاندىيەنىڭ «نولدۇس» ناملىق ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە باشقا قانۇن ئورگانلىرىغا «ھېسسىياتنى پەرقلەندۈرۈش» سىستېمىسىنى ساتقان. بۇ شىركەتنىڭ «Face  reader» (چىراي تونۇش) ناملىق يۇمتالى ئىنسانلاردىكى خۇشاللىنىش، قايغۇرۇش، ئاچچىقلىنىش، ھەيران بولۇش ياكى سەسكىنىشتەك چىراي ئىپادىلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا تەھلىل قىلالايدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن. مەزكۇر شىركەت 2012-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىش يۇمتالىنى شىنجاڭدىكى 2 ئۇنىۋېرسىتېتقا ساتقان. بۇنىڭ بىرى 2012-يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ساتقان «كۆزەتكۈچى T X» يۇمتالى ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك يۇمتاللارنى خىتايغا سېتىپ بېرىشىگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا جىددىي ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ئەزاسى زەينىدىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىغا قارشى سادالار خەلقئارادا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 18-سېنتەبىر نورۋېگىيە نېفت فوندى جەمئىيىتى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى كۆزىتىش كامېراسى ياسايدىغان ھىكۋىسون دىگىتال( سىفىرلاشتۇرۇلغان) تېخنولوگىيە شىركىتىگە سالغان 1 مىليارد 200 مىليونلۇق مەبلىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇنىڭ سەۋەبى ھىكۋىسون ياسىغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قوللىنىلغانلىقى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.