ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشقا چاقىرغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى، ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات كارىم خان(ئوڭدىن ئىككىنچى) ب د ت دا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 22-سېنتەبىر.
AP

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 38 نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، ئەنگىلىيەلىك ئادۋوكات كارىم خانغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ مەزكۇر باش تەپتىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئۈسىتىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئىمزالىق خەتكە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىن فرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، لېتۋا، سلوۋاكىيە، چېخىيە قاتارلىق 12 دەك دۆلەتنىڭ 38 نەپەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىمزا قويغان. ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار رافائېل گلۇكىسمان، پېتېر فون دالېن، مىرىيام لېكسمان، مايكېل گاھلېر، ئەنگىن ئەرئوغلۇ، فابىئو ماسسىمو ئوخشاش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىيونلاردىن تەشكىل تاپقان.

پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئ‍ىشخانىسىغا مەلۇم بولغاندەك 2020-يىلى 7-ئايدا «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى» ۋە ئۇيغۇر شاھىتلىرىنىڭ نامىدىن دەسلەپكى ئەرز سۇنۇلغانلىقى، باش تەپتىشنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادالەتنى ئىشقا ئ‍اشۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ قەبىھلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا بولۇشنىڭ «رىم ئەھدىنامىسى» غا ھازىرغا قەدەر ئىمزا قويمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولغان تاجىكىستاننى جاۋابكارلىققا تارتقان. تاجىكىستان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، خىتايغا تۇتۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قەبىھ مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ خەلقئارا جىناي ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەت ئەمەسلىكىنى چۈشەنسەكمۇ، بىراق شىكايەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى تاجىكىستاندا ئېغىر خەلقئارا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ خىتايدىمۇ داۋاملاشقانلىقى ئاساسىدا سۇنۇلغان.»

خەتتە يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «تۇنجى ئەرزنامە سۇنۇلغاندىن بۇيان، مەھكىمىگە يەنە قوشۇمچە 3 يۈرۈش مۇھىم دەلىللەرنىڭ سۇنۇلغانلىقى، بۇ دەلىللەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى زىمىنلاردا سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كونكىرېت ئاشكارىلاپ بەرگەن.»

خەلقئارالىق قانۇنچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادۋوكاتلار بۇ ئەرزدە بېرما-بېنگال دەۋاسىنى ئۈلگە ئالغان ئىكەن. كانادادىكى خەلقئارالىق قانۇن ئادۋوكاتى، ماكدولاند لاۋرېر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ تايىچ 21-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دىدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ئەرز خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئاۋۋالقى بېرما-بېنگال دەۋاسىنى ئۈلگە ئالغاندەك قىلىدۇ. بۇ دېلودا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇش بىردىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن. ئەمەلىەيەتتە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە جىنايەت بىردىن ئارتۇق دۆلەتتە يۈز بەرگەن بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەر بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە قايتۇرىلىدۇ. مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، بۇ ئەرزنىڭ ئاساسى شۇنىڭغا تايانغان.»

«رىم ئەدىنامىسى» غا ئەزا بولمىغان خىتايدەك بىر دۆلەتنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىش ئىشى، ئىزچىل سۇئال قويۇلۇپ كەلگەن بىر مەسىلە. بىراق ئادۋوكات ساراھ تايىچنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئەرز بۇرۇن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ساراھ تايىچ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار تاجىكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن قايتۇرۇلغان، يەنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا بولغان بىر دۆلەتتىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ جىنايەتنىڭ بىر قىسمى سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ سوتنىڭ ھوقۇقنى ئىشلىتىشىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ كۈچلۈك ئ‍ۈلگىسى بولغان ياخشى بىر پىكىر. بۇ ئەرزنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن قانداق دەلىللەرگە تايانغانلىقىنى بىلمىدىم. ئەمما بېرما-بېنگال دەۋاسىنى ئاساسقا ئالغىنىمىزدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ دېلونى قوبۇل قىلسا بولىدۇ ھەم قوبۇل قىلىشى كېرەك.»

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خېتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۈمكىنلىكى» نى جاكارلىغان، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىدە ب د ت نىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىش چۇقانلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يوللانغان.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئامېرىكا «ئاتلانتىك كېڭەشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى رەيھان ئەسەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل دېلولاردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچالايدىغانلىقىغا دائىر يېڭى قانۇنىي نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىكەن.

رەيھان ئەسەت 21-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «قانۇن نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەردىن كامبودژا، تاجىكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىلايدۇ. لېكىن بۇنىڭدا خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس. ئادەتتە، سوتنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن سىز ‹رىم ئەھدىنامىسى› غا ئىمزا قويغان بولۇشىڭىز كېرەك، لېكىن خىتاي ئۇنىڭغا ئىمزا قويمىغان. شۇنداقتىمۇ نۆۋەتتە خەلقئارا سوتنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى قانۇن نەزەرىيەلىرى بار. شۇڭا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېتىلغان بۇ دەۋا سوتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.»

رەيھان ئەسەتنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ خېتىگە جىددىي قارىشى، بېرماغا ئ‍وخشاش دۆلەتلەرنىلا ئەمەس، خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىكەن. رەيھان ئەسەت مۇنداق دېدى: «مەن سوتنىڭ بۇ خەتكە ۋە باياناتقا جىددىي قارىشى ۋە ئۇنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىنسانىيەتكە قارشى كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغان جىنايەت سادىر قىلىندى. بۇ نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماسلىقى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى مەيلى بېرمادەك دۆلەتلەر بولسۇن ياكى خىتايدەك كۈچلۈك دۆلەتلەر بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ھەممىسىگە تەڭ ئىشلىتىشى كېرەك. مېنىڭچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ خېتى قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك تۇنجى قەدەم، لېكىن بىز قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز.»

خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا بولمايلا قالماي، ئۇنىڭ ۋاقتى كەلسە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، خەلقئارا سوتنى توسۇشى مۇمكىنلىكىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ كەلەن. ساراھ تايىچنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئەرزدارلار 15-ماددىغا ئاساسان ئەرز قىلسا، خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ ئىشقا يارىمايدىكەن.

ساراھ تايىچ مۇنداق دەيدۇ: «ئەھدىنامىنىڭ 15-ماددىسى سۆز تېمىسى بولغاندا رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ، چۈنكى مەن بايا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىشتىكى ئۈچ يولنىڭ بىرى. بۇنىڭ بىرى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش. ئەگەر بۇنداق بولسا ئەلۋەتتە خىتاي رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدۇ. بىراق بۇ ئەرزدە بۇنداق بولمايدۇ. بۇ ئەرزدە ئاممىۋىي تەشكىلات ياكى شەخسلەر باش تەپتىشنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئ‍ېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋالدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدا باش تەپتىشنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش-تۇرماسلىقىنى پەقەت دەلىللەرنىڭ كۈچلۈك ۋە ئېنىق بولۇشى بەلگىلەيدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ خېتىدە، نۇرغۇن دوكلاتلار ۋە تەكشۈرۈشلەر خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنىڭ ئوبېيكتىغا ئايلانغانلىقىنى ئاشكارلىغانلىقى، ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەتتە يەنە «دەلىللەر تاجىكىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دىگەندە 90 پىرسەنتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا تاجىكىستاندا ھەرىكەت قىلىدىغان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى»، شۇڭا باش تەپتىشنىڭ «بۇ تەكشۈرۈشنى دەرھال باشلىتىپ، سانسىزلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ قەبىھلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.