د ئۇ ق 2020-يىلىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى


2020.01.08
Uyghur-Medeniyet-Festiwali-Yili-2020.jpg د ئۇ ق 2020-يىلىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 2020-يىلى 7-يانۋار.
Social Media

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 7-يانۋار كۈنى قۇرۇلتاينىڭ تور تېلېۋىزىيەسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، د ئۇ ق نىڭ 2020-يىلىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2020-يىلىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتىش مەسىلىسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قارار قىلىنغان. 
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتى يالغۇز ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رۇشەن ھالدا مەدەنىيەت-سەن´ئەت قىرغىنچىلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تۇتقۇندىكى سەنەتكارلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش نۆۋەتتىكى مىللىي دەۋانىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى سانىلىدىكەن. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2020-يىلىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالغاندا، مۇھاجىرەتتىكى دەۋانى ھەم سىياسىي يولدا ھەم مەدەنىي بىر شەكىلدە باراۋەر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا دائىما جىددىي تېما ھالىدا تۇتۇپ تۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورىزم بىلەن قارىلاش شۈيقەستىنى بىت-چىت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ خۇسۇستا توختالغاندا مەدەنىيەت فېستىۋالى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، سەنئەتنىڭ مىللەتنى ئويغىتىش، كىشىلەر قەلبىگە تەسىر قىلىشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى. 

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەدەنىيەت فېستىۋالى 2020-يىلى 6-ئايدا ئالدى بىلەن ميۇنخېن شەھرىدە باشلىنىپ، ئارقىدىن ياۋروپادىكى تەسىرى كۈچلۈك بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ پايتەختى ياكى سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان چوڭ شەھەرلىرىدە، مەسىلەن: بېرلىن، لوندۇن، پارىزھ، ئامستېردام، بىريۇسسېل، ستوكھولىم قاتارلىق شەھەرلەردە داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەتتە سەن´ئەت نومۇرلىرى، مىللىي مەدەنىيەتكە دائىر بويۇملارنىڭ كۆرەكلىرى، جازا لاگېرلىرىغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار بىر گەۋدە ھالىدا نامايەن قىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.