پرېزىدېنت بۇش: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئازادلىقى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش نۇتىقى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.14

 پرېزىدېنت بۇش نۇتىقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسىمىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە يەر ئاستى خرىستىئان مۇرتلىرىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت روھانى داھىيسى ۋە بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنى تىلغا ئالدى.

بۇش مۇنداق دەيدۇ " بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۇنۇتمايمىز، بىز يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. مەن رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. مەن يەنە خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىئان مۇرتلىرىنى كۆرۈش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم شۇنداقلا بىز يەنە، دالاي لاما ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ."

بۇش ئۇيغۇر ئازادلىقى ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدە ساقچىلار " تاڭنۇرى باغچىسى" دىكى بىر بىناغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 ئۇيغۇر ياشنى ئۆلتۈرگەن، قەشقەردە 5 ئۇيغۇر ياشقا سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىدا يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى": ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار بولىدىكەن، ئامېرىكا ئۇلار بىلەن بىر مەۋقەدە تۇرىدۇ."

پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاخىرقى قېتىم يېقىندا ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىدىكى 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلار سىياسىي ئەركىنلىك، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 8 ‏ - ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاي رەھبەرلىرىگە يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى يەنە تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.