«يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» گە قاماقتىكى 40 ئۇيغۇر زىيالىيسى كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق «يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەنە يازغۇچى، زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ قامالغان دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتقا قاماقتىكى 40 نەپەر ۇيغۇرلار زىيالىيسى كىرگۈزۈلگەن.

23-ئاپرېل دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرنېت يىغىنىغا يازغۇچىلار ئەڭ كۆپ تۇتۇلغان رايونلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، داڭلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ ئوغلى بەھرام سىنتاش تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىندا دوكلات تەييارلىغۇچىلارنىڭ كارىن كارلىكار (Karin Deutsch Karlekar) خانىم سۆز قىلىپ، دكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنى تېررورىزم قالپىقى بىلەن باستۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي ھادىسىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەھرام سىنتاش مۇنداق دېگەن: «2017- يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 380 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرى تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك قالپىقى بىلەن تۈرمە ياكى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاندى. خەلقئارادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ پۈتكۈل بىر مىللەت ياكى ئېتنىك توپلۇقنى تېررورىزم قالپىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك جازالاشتەك يولسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.»

دوكلاتقا 2020-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى 35 دۆلەتتە يازغان ئەسەرلىرى سەۋەبلىك ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان 273 نەپەر زىيالىي، تەنقىدچى ۋە يازغۇچى-شائىرلار كىرگۈزۈلگەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 81 نەپەر يازغۇچى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 50 پىرسەنتى يەنى 40 نەچچە نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونى دۇنيادا يازغۇچى-شائىرلار ئەڭ كۆپ قامالغان رايون، دەپ ئاتالغان.

دوكلاتتا، ھازىر خىتايدا تۇتقۇندىكى قۇربان مامۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى، ئابدۇراخمان ئەبەي، ۋاھىتجان ئوسمان، ياسىن زىلال ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق 40 داڭدار ئۇيغۇر زىيالىيسى، جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچىسى قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلھام توختى مۇددەتسىز، يالقۇن روزى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا، قۇربان مامۇت ۋە راھىلە داۋۇت قاتارلىقلارنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.