ئۇيغۇر خەتتاتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكادا تاشلانغان قەدەم
2022.12.19
مەلۇم بولۇشىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەتتات، رەسسام، مۇزىكانت قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلارغا ئۇلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇۋاپىق شەرت-شارائىت ھازىرلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان سەنئەت مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان داڭلىق ئۇيغۇر فوتوگراف، خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئەنە شۇ ئاز ساندىكى ئۆز ۋەتىنى سىرتىدا ياشاۋاتقان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. ئۇ 2017-يىلى ئامېرىكاغا ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنى داۋام قىلىپ كەلگەن.
ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى ھەققىدە توختالغاندا، ئانا ۋەتىنىدىكى تەڭرىتاغ ۋە باغراش كۆلىگە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزىنى سەنئەتكار قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تارتقان گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەنلا تونۇشلۇق بولماستىن بەلكى خەتتاتلىقتىكى ماھارىتى بىلەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تارىخى قىممىتىنى تەكىتلەپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئۆزى قىممەتلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇر سەنئىتىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىش ۋە ئەڭ مۇھىمى بۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن. بوستوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ماسساچۇستىس شىتاتىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش تۈرىگە ئاجراتقان مەدەنىيەت پروگراممىلىرىغا ئىلتىماس قىلغان. نەتىجىدە مەزكۇر شتاتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت كېڭىشى يولغا قويغان «ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرلىرى ئۈچۈن شاگىرت تەربىيەلەش» تۈرى بويىچە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى بۇ يىل 9-ئايدا قوبۇل بولغان. ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسى رەسمىي ئۆتۈلۈۋېتىپتۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇللا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسىنىڭ ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم رەسمىي دەرس سۈپىتىدە ئۈتۈلۈشى ئۈچۈن باشتىن ئاخىرى كۆپ كۈچ چىقارغان بوستوندىكى ياشلارنىڭ بىرى. ئۇ نۆۋەتتە ئابلىكىم ئەپەندىمدىن خەتتاتلىق دەرسى ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ خەتتاتلىق دەرسىنىڭ روياپقا چىقىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ماسساچۇستىس شىتاتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت كېڭىشىنىڭ بىر فوندىغا ئىلتىماس قىلدۇق. بۇ فوند ماسساچۇستىستا ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. بۇ خىل ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرلىرىگە شاگىرت تەربىيەلەش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ياشلار ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنى ئابلىكىم ئەمەتكە ئوخشاش كەسپى خەتتاتلار مەزكۇر فوند بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ھەم خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئەنئەنىۋى سەنئىتى ئۈچۈن شاگىرت تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. مەدەنىيەت مىراسلىرى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلمىسە ناھايىتى ئاساس يوقاپ كېتىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ۋەتەندە تەربىيەلەنگەن ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، يازغۇچىلار ۋە ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ھاياتى بىر ئاز قىيىن. چۈنكى ئۇلار شۇ تۇرۇۋاتقان جاينىڭ تىلىغا پىششىق بولمىغاچقا كىمدىن، قەيەردىن ياردەم سوراش ۋە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلمەيدۇ. ھەتتا سەنئەت تۈرىدە تەربىيەلەنگەن يەرلىك سەنئەتكارلارغا نىسبەتەنمۇ رىقابەت كۈچلۈك، پۇرسەت ئاز بولغاچقا، بىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىزغا تېخىمۇ تەس بولىدۇ. بىزنىڭ شۇنداق تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىز بار، ئۇلار تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ سەنئىتى ئارقىلىق بىز مەدەنىيىتىمىزنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز بەك مۇھىم. لېكىن سەنئەتكارلىرىمىز تۇرمۇشىنى قامدىمىسا تېخى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە. ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىغا كەلسەك، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئۇلارغا تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالماي ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئۆيىدە كۆزگە چېلىقىدىغان يەردە ساقلاش ئارقىلىق ئۆز سەنئىتىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. نەتىجىدە ئۆزىمىزنىڭ سەنئەتكارلىرىغا ئورۇن بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى تېخىمۇ كەڭرى شەكىلدە باشقا مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىگە باغلىغان بولىمىز».
ئابلىكىم ئەپەندىمۇ مۇنەۋۋەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە چۇشلۇق ئورۇنلاردىن خىزمەت تېپىش پۇرسىتى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئابلىكىم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ساناقلىق ۋە قىممەتلىك سەنئەتكارلارنىڭ ئەگەر تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتئەللەردە ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئەڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سەنئەتكار كەسىپداشلىرىغا ئۆزىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى.
مۇنەۋۋەر ئابدۇللا ئابلىكىم ئەمەتكە ئوخشاش ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا مۇنداق تەكلىپتە بولدى: «ھەر تۈرلۈك فوندلارغا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۆزىنىڭ ساھەسىگە ئائىت تور بەتلەردىن ئىزدىسە كەسپىگە ئائىت ئېلانلارنى ئۇچرىتالايدۇ. ئەگەر ئۇچۇرلارنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلمىگەنلەر بولسا پۇرسەتنى ئۆزى يارىتالايدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە مەدەنىيەت-سەنئەت تۈرلىرىگە ئاجرىتىلغان فوندلار بولىدۇ. مەسىلەن ئامېرىكىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان دۆلەتلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك تۈرلەر بار. مەن ئالدى بىلەن ئاشۇنداق تۈرلەرنى ئىزدەپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزلىرى ئالاقىلىشەلەيدىغان يەرلىك سەنئەت جەمئىيەتلىرى بىلەن دائىم ئالاقىدە بولۇپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ خىل جەمئىيەتلەر دائىم پۇرسەت تېپىشتا ئۆز-ئارا ياردەمدە بولىدۇ. ئۇ يەرلەردە ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى نامايان قىلىش، نەشرىياتلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن. ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىش بەكمۇ مۇھىم. ئەمما ئۇيغۇر بولمىغان يەرلىك سەنئەتكارلار بىلەن ھەمكارلىشىش تېخىمۇ مۇھىم. سەنئەت جەھەتتىكى ئېستېتىك قاراشلىرىمىز يېقىن كېلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق سەنئەتكارلار جامائىتى ۋە مۇسۇلمان سەنئەتكارلار جامائىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆتۈشمۇ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ».
ئاخىرىدا ئابلىكىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر خەتتاتلىقنى ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2012-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي رايونى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە «تەبىئىي قۇم يېزا» ناملىق ئەسىرى تاللىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.