ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇربان ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مەكىت ناھىيەسىدە مەخپىي سوت ئېچىلىپ زۇلقۇم يېزىسىدىن 3 كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى يېڭىلا تۈگەتكەن، ئەمما تېخى ئائىلىسىگە قايتمىغان خەيرىنىسا مەمەت ئىسىملىك سابىق مەھبۇس ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ قېتىم 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
قەشقەرگە قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مەكىت ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمى، قۇربان ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، مەكىت ناھىيەسىدە 2017-يىلدىن بۇيان ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت بۇ جىددىيچىلىكنىڭ شەكلىدە پەرق بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2017- ۋە 2018 -يىللىرى ئاھالىلەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتۇلۇش ياكى كېسىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشىغان بولسا، ئەمدىلىكتە كېسىلىپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئازابلىق ھاياتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشىماقتا ئىكەن. ساقچى خادىملىرى ئىلگىرى ئادەم تۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن بولسا، ئەمدى تۇتقۇن ئائىلىلىرىنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە كەيپىياتىنى كۆزىتىش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە 2014-يىلىدىكى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا جازالانغانلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىن چىققان ھامان ئائىلىسىگە ئەمەس قاماقخانىغا يۆتكەلگەن. قاماقخانىدا بەزىلىرى بىر ئاي، بەزىلىرى بىر يىلچە تۇرغۇزۇلۇپ قايتىدىن كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى، يەنى قۇربان ھېيتتىن 5 كۈن بۇرۇن مەكىتنىڭ زۇلقۇم يېزىسىدىن جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن 3 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ، ئالدىغا 18 يىل، ئارقىسىغا 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
مەكىت ناھىيە زۇلقۇم يېزىلىق ساقچىخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، 11-ئىيۇن كۈنى ناھىيەدە بىر مەيدان سوت ئېچىلىپ، زۇلقۇم يېزىسىدىن 3 كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. زۇلقۇم يېزىسىدىكى كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆز كەنتىدىن مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى جازالانغانلارنىڭ ئەسلىدە جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغانلار ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقىسىنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇلاپلا ئىككىنچى قېتىم كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۈچ مەھكۇمدىن بىرى خەيرىنىسا مەمەت بولۇپ، 2014-يىلى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا 10 يىللىق كېسىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ كېسىلىشىگە مەھەللىدە ئۆسمۈر بالىلارغا دىنىي تەلىم بېرىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خەيرىنىسا مەمەت گەرچە تەبلىغ قىلغۇدەك يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولمىسىمۇ، مەھەللىدىكى قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خەيرىنىسا بىلەن بىرلىكتە كېسىلگەن ئىككى مەھكۇممۇ يېڭى جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىقى سەۋەبلىك دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئىكەن. دېيىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پەقەت ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئالغان تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولماي قالغانلىقى، شۇڭا داۋاملىق «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
خەيرىنىسا مەمەت بۇ يىل 45 ياشلارغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بار-يوقلۇقى، بۇ قېتىم ئىلگىرىكى جازانى تۈگىتىپ يېڭى جازاسىنى باشلاش ئالدىدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ئايدىڭ ئەمەس.