«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىشنى كۆزلەۋاتقان شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.10.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shijinping-herbiy-mozey خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە يېنىدىكى كومپارتىيە بايرىقى كۆرسىتىلگەن بۈيۈك ئېكراننىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان زىيارەتچىلەر. جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيى، بېيجىڭ، خىتاي، 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
Reuters

20-قۇرۇلتايدا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ گەرچە ئامېرىكانى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئۇنى بېسىپ چۈشۈش ئىرادىسى»نى كۆرسەتكەن.

«ۋاشنىگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينى ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىدىغان دۆلەت قىلماقچى بولغان شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشى مۇمكىن» ناملىق بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ساۋاق ئالمايۋاتقان شى جىنپىڭ، بۇ قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ «چوڭ دۆلەت غايىسى»نىلا ئەمەس، دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزىنى ئاشكارىلىغان. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قىلىدىغان پىلانى «خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش»، يەنى تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئىكەن.

ئەنگىلىيە «تېلېگراف» تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى مايكول گىلداي (Michael Gilday) خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ 17-ئۆكتەبىر كۈنى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئامېرىكا ئويلىغاندىنمۇ بالدۇرراق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.  

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھازىر خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە ئالدىراپ ھۇجۇم قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.        

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى مۇداپىيە ئىتتىپاقى» ناملىق ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىتتىپاقى ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بارغانسېرى ئېغىر تەھدىت سالماقتا ئىكەن.

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى 2007-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىدىنلا خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەيۋەنگە تەھدىت سالغان. ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ۋە خىتايغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم ھوقۇق تۇتۇشى ۋە رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاينى ھامان بىر مەيدان يۈز بېرىدىغان توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرەمدۇ؟ ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Kuo) نىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ناتايىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن، مەن خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ھەقىقىي دوست دەپ قارىمايمەن. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى گويا ناتوغا ئوخشاش ھەربىي ھەمكارلىق، خالاس. يەنى سەن ھۇجۇمغا ئۇچرىساڭ مەن قوغدايمەن، ياكى سېنىڭ ئۆزۈڭنى مۇداپىيە قىلىشىڭىغا ياردەم بېرىمەن، دېگەندەكلا بىر مۇناسىۋەت. مەنچە، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇب بولغان  رۇسىيە، خىتاي ئۈچۈن بىر يۈك بولۇپ قالدى. يەنە كېلىپ، رۇسىيە ناتو ياكى ئامېرىكا بىلەن بولغان توقۇنۇشنى كېڭەيتىۋېتىشنى خالىمايدۇ». 

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى مۇداپىيە ئىتتىپاقى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى 8-ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ 2 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي دېڭىزدا ھەربىي مەشق ئېلىپ بارغان ۋە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي رايون تەۋەلىكىگە 5 راكېتالىق بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، تەيۋەننى ئېلىشتا ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك مۇداپىيەلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان.

تەتقىقاتچى رايموند كونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاي تەيۋەنگە مەيلى قاچان بولسۇن ئۇنچە تېز ھۇجۇم قىلىدىغاندەك ئەمەس. بۇ يەردە بىر قانچە مەسىلە بار. بىرىنچىدىن، ئۇكرائىنانىڭ قىرىم ئارىلىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى؛ ئىككىنچىدىن، تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارالىشىپ كەتكەن بىر مەسىلىدۇر. خىتاي تەيۋەننى بېسىۋالسا، نۆۋەت جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا كېلىدۇ؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە راستىنلا ھۇجۇم قىلسا، ئۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىقى ئېغىر بولىدۇ. تەيۋەن ئۇ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك سودا-تىجارەت تورىغا ئىگە بىر جاي، ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغىمۇ زىيانلىق، چۈنكى بۇ جايدىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ ئەھۋال  ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ‹4 دۆلەت ئىتتىپاقى›غا ئەزا ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا، ئەنگىلىيە بىلەن كورىيەنىمۇ خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرىس كور رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تارىخىنىڭ يۈزلىنىشى مۇستەبىتلىككە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا خوجا بولۇش مەقسىتىگە يېتىشى مۇمكىن. ئەگەر كىشىلەر بۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمىسە، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىخۇدلىشىدۇ. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك». 

«ۋاشنىگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇستەبىت، رەزىل كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ جاھان ۋەزىيىتى يامانلىشىشقا باشلىغاندا، دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا تەرەپتە تۇرىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى قوغدايدۇ. ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مۇستەبىتلىككە بولغان چوڭقۇر نەپرەت ئەكس ئەتكەن، شى جىنپىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەن. شى جىنپىڭدەك مۇستەبىتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.   

تارىختىن بېرى مۇستەبىتلەر ئۇرۇش قوزغاپ كەلگەن. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن بىرلىشىپ، ئامېرىكاغا قارشى قۇتۇپقا ئۆتكەن تەقدىردە، ئامېرىكا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟  ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ،  ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى ئاجىزلىتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسىنىڭ دەل خىتاينىڭ ئۆزىگە دۈشمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى بىلەن ئۇرۇشقا كىرسە، غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر كوزېر قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىتا ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.