ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى» ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى رولى
2024.02.25

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە چوڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى خىتاينىڭ 10 يىللار مابەينىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى بىلەن بولغان باغلىنىشى، ئادرىيان زېنىز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
مەلۇم بولغىنىدەك، شى جىنپىڭ ئىدىيەسى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى نۇقتىسى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، يەنى خىتاينى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، «خىتاي چۈشى» نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش. شى جىنپىڭ ئىدىيەسىدىن قارىغاندا، بۇ يەردىكى «خىتاي چۈشى» تامامەن خىتاينىڭلا چۈشى، كوممۇنىست خىتاينىڭ جاھانغا ھاكىم بولۇش چۈشى بولۇپ، باشقا مىللەتلەر خىتايغا قوشۇلۇپ كەتكەندىلا خىتاينىڭ «بۈيۈك بىرلىكى» ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە قۇدرەت تاپىدۇ.
شى جىنپىڭ 2012-يىل 10-ئايدا كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» 2017-يىل 10-ئايدا «كوممۇنىست خىتاي نىزامنامىسى» غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نەق شۇ يىلى ئۇيغۇرلار مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ قەبىھ شەكىلدە گەۋدىلەنگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيەت ئېڭى ۋە كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنىزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭىچە باستۇرۇش: سىياسىي سىناق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئادەمنى تۇتۇش، مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بۇ جىنايەتنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشى ئىزچىل دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ 2014-يىل ئۇيغۇر رايونىغا بارغان شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ۋە «ھېچكىمگە رەھىم قىلماسلىق» كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقادنى يوق قىلماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇپ، مۇستەبىتلىكنى تەرغىب قىلماقتا. بىز ئەگەر شى جىنپىڭغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دىكتاتورنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىمىز كېرەك».
شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلانغىنىدەك، 2014-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغان، 2017-يىلدىن كېيىن «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» باھانىسىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ۋە باستۇرۇش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، تۇتۇلغانلار تۈرمە-لاگېرلارغا سىغماي قالغان، ئۇلاردىن بىر قىسمى مەجبۇرىي ئەمگەككە ماڭدۇرۇلغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئىدىيە ھەم مەنپەئەت جەھەتتىكى نىشانغا تايىنىدىكەن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» «بىر بەلۋاغ بىر يول» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تامامەن جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئاسسسىمىلاتسىيەسىنى مەزمۇن قىلغان، زوراۋانلىقنى ۋاسىتە قىلغان «ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش» سىياسىتىدىن ئىبارەت بولغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈچلەندۈرۈش ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ رەزىللىك بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا بولسۇن-بولمىسۇن، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى بۇ پارتىيە ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان. خىتاي كومپارتىيەسى بەلكىم تاكتىكا ئىشلىتىپ، بۇ جىنايەتلىرىدىن ئازراق ۋاز كېچىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ‹يوقىتىش كېرەك بولغان يوشۇرۇن خەتەر› دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي كومپارتىيەسى ناھايىتى رەزىل بىر كۈچتۇر».
20-فېۋرال كۈنى، ئامېرىكادا چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنى يوقىتىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلدى؟» ناملىق ماقالىدىمۇ، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلار يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ھەرىكىتىنىڭ قانداق بولۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئايلانغانلىقى، مەھكۇملۇقتا ياشاۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ شى جىنپىڭ ئىدىيەسى بىلەن مېڭىسى يۇيۇلۇۋاتقانلىقى، بىر قىسمىنىڭ مەھبۇس، بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۆزىنى ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش ئۇلۇغلاش ئۈچۈن «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دېگەن بۇ نەرسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادرىيان زېنىزنىڭ 14-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئىچكىرى خىتايغا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش سىياسىتىنى قوللىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىنىمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئادرىيان زېنىزنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» سىناقلىرىنى باشلىغان بولسا، چېن چۈەنگو 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا سولاپ، شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان. 2021-يىل ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ما شىڭرۇي بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش» يۆنىلىشىگە ماڭغان. شى جىنپىڭ دىكتاتورىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ئۇنى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ۋە نورمال شەكىلگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.