مۇتەخەسسىسلەر: «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى-باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»
2023.08.31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلىدە، شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن يېنىپلا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ سىياسىي تەدبىرلەرنى تەكىتلىشى ۋە يوليورۇق بېرىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، پارتكوم ۋە بىڭتۈەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان يىغىندا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن ۋە يىغىندا سۆز قىلغان.
شى جىنپىڭ سۆزىدە: «شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ سىياسەتلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش زۆرۈر» دېگەن يوليورۇقنى بەرگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان رۇنى ستېنبېرگ ۋە گوردون چاڭغا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قوبۇل قىلغان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىش ئېھتىمالىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئانتروپولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن يېنىپلا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ بۇنداق سىياسىي يوليورۇقلارنى بېرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇنداق سىياسىي يوليورۇقلارنى بېرىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بەك مۇھىم. ھەممە ئىش نورمال. سىياسەت ياخشى مېڭىۋاتىدۇ ۋە داۋام قىلىدۇ دېمەكچى» دېدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن سۆزىدە: «شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكى رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىچكى رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك» دېگەن.
دوكتور رۇنى ستېنبېرگ شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ: ئۇيغۇرلارنى ئىچكى رايونلارغا ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشنىڭ خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن داۋام قىلىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى يۆتكەش خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى. نوپۇس يۆتكەش مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئامىلى» دېدى.
شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىنىدا يەنە : «شىنجاڭ بىلەن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىچكى رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.
ئانتروپلوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم خىتاينىڭ بۇ خىل كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەش سىياسىي تەدبىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئىچكىرى رايوندىكى شىنجاڭ ۋە مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرىدىن كادىر ئالماشتۇرۇش قارىماققا ياخشىدەك قىلىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە بىز بۇنىڭ پەقەت ئادەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەمما بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ بۇ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە بېغىنى بۇزۇش، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ خىتاي قىلىشتىن ئىبارەت» .
شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىدىكى سىياسەتلەر دەپ قارىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ سۆزىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» كۆز قارشى خىتاي مىللىتىدىن ئىبارەت بىر بىر مىللەتنىڭ ئىدىيەسىگە بەك مەركەزلەشكەن .بۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پىكىرىگە قارشى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«مېنىڭچە بۇ يەردە ئورتاق خىتاي دۆلىتى بار. بۇ بولسىمۇ ئىنسانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى كونا كوممۇنىست پىكىرلىرىدىن ئىبارەت. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان تىل گۇرۇپپىلىرى ۋە ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنداق قارىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىمىز جۇڭگولۇق دەيدۇ. ئامېرىكادا بىز ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىمىز. بىز ئامېرىكالىق، ئەمما بۇ يەردە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە تىللار بار. شۇڭا بۇ پاكىت. شىنجاڭدىكى كىشىلەر باشقا يەرگە كۆچۈشنى خالىمايدۇ.، ئۇلار داۋاملىق، ئۆز تىلىدا سۆزلەشنى خالايدۇ، بىلەمسىز، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆز دىنى، ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسى بار. ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىمنى مۇشۇ ئاساستا قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ئويلايدۇ. شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرىمەن دېدى. تېخىمۇ كۆپ خەنزۇلار كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆچۈپ كېتىدۇ دەۋاتىدۇ. ئۇ دەل بۇنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ» .
شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن يېنىپلا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ سىياسىي تەدبىرلەرنى تەكىتلىشى ۋە يوليورۇق بېرىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ھالدا قوللاش ۋە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى.
«شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلدى. چۈنكى، دۇنيا خىتايغا بۇ دەھشەتلىك زۇلۇمغا قارىتا بەدەل تۆلەتكۈزمىدى. دۇنيا ئۇنىڭغا بەدەل تۆلەتمىگۈچە شى جىنپىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇمنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار، چۈنكى ئامېرىكا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان تەرەپ بولۇپ، ئەھدىنامىگە قاتناشقان تەرەپلەردىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى جازالاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، شى جىنپىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كەڭ ۋە ئاشكارا ئېلان قىلماقچى. بۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەس».