شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان ۋە تاجىكىستان زىيارىتى: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدا نېمىلەر بار؟

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 2-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن تاجىكىستانغا بارىدىكەن. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ زىيارىتىگە ئالاھىدە ئۇرۇن بەرگەن. ئۇلار خىتاي ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا، جۈملىدىن ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارغا قاتتىق رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ھالبۇكى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھازىر بار كۈچى بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان رايوندىكى زور كۈچلەر بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتكە ئاتلانغان.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن خىتاينى ئالدى بىلەن سىياسىي-جۇغراپىيە، ئاندىن قالسا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ئىككى ئامىل مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ يەردىكى بىرىنچى مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېلىپ چىققان رايوندىكى كۈچلەر بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رۇسىيەدىن ئەنسىرەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى. خىتاينىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىككىنچى مۇھىم ئامىل ئىقتىساد. ئۇلار خام ئەشياغا ئېرىشىشنى ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنى ئىستەيدۇ. بۇ خام ئەشيالارنىڭ بەزىلىرى شۇ يەرگە (ئوتتۇرا ئاسىياغا)، بەزىلىرى چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى يەنى ھىندى ئوكيان تەرەپتىكى ئافغانىستانغا جايلاشقان. خىتايلارنىڭ ئىككىنچى كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان، ئەمما تېخى تاماملانمىغان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى سۈپىتىدە تۆمۈر يول ياساش مەقسەت قىلىنغان. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا، بۇ رۇسىيەدىن ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، كاۋكاز ۋە تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ئېگەي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ».

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان زىيارىتى
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان زىيارىتى

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) نىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ رايوندىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا كونا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي بۇ رايوندىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ يەردە تەبىئىي بايلىق بار. يەنى تەبىئىي گاز، مىنېرال ماددىلار ۋە ئۇلار ئىشلىتەلەيدىغان ئەرزان ئەمگەك كۈچى بار. يەنە كېلىپ خىتاي بۇ رايوننى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ رايوندا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول تىرانسپورتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بار. بۇ رايون يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينى ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئېكسپورت ئۈچۈن خىتاي بازىرىغا كىرىشنى خالايدۇ. مېنىڭچە ئۇلار ئۈچۈن خىتاي بازىرى بەكمۇ مۇھىم. ئۇلار يەنە مۇستەقىللىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىتاينى رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشقا ئۈندەۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، مېنىڭچە بۇنىڭدا ئىككى چوڭ مەسىلە بار: بىرى خىتاي بازىرىغا كىرىشى، يەنە بىرى، خىتايدىن پايدىلىنىپ رۇسىيەگە قارشى تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇلۇق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش».

«ياۋروپا تورى» (Euronet) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2023-يىلى خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان. 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، خىتاي قازاقىستاننىڭ تاشقى سودىسىنىڭ %21.3 نى ئىگىلەپ، تاشقى سودا قىممىتى 21 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئوخشاشلا خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ سودا ئوبوروتىنىڭ %21.3 نى ئىگىلىگەن، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا سودا قىممىتى 12 مىليارد 230 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئېنىقكى، بۇ رايون خىتاينىڭ مۇھىم بازىرىغا ئايلانغان.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى شېرادىل باقتىگۇلوۋ (Sheradil Baktygulov) شىنخۇا تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر دۇنيادىكى مۇقىمسىزلىق ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە مەنپەئەتنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا پارلاق كەلگۈسى ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئۆكتىچىلەردىن بەزىلەر تېزلا ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىنكار قىلغان. قازاقىستانلىق ئادۋوكات، خەلقئارا قانۇنىي ھوقۇق تەشەببۇسچىلىق جەمئىيىتى (International Legal Initiative) نىڭ رەئىسى ئاينا شورمانبايېۋا (Aina Shormanbayeva) شېرادىل باقتىگۇلوۋنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن شېرادىل باقتىگۇلوۋ ئېيتقان ‹شى جىنپىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا پارلاق كەلگۈسى ئېلىپ كېلىدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە قوشۇلمايمەن. خىتاي ئىقتىساد ۋە مۇقىملىق بەدىلىگە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ ئۆتمۈشىمىزدىن شۇ نەرسە يادىمىزدىكى ئۇلار مۇستەبىتلىك ۋە ھوقۇقنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن بېسىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادنى خالىغانچە تەقسىملەيدۇ، يەنى ئادىل تەقسىم قىلمايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىجرائات ئېلىپ باردى، بۇنى تارىخ ئىسپاتلىدى. بىز شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ياردىمىدە نوپۇسنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز زېمىنىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ھەققىدە خىتاي بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىن قېچىپ چىقىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ) زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ».

تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان مەلۇماتلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا ئاسىياغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر ياقتىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مۇقىملىقى» نى قوغداش ۋە خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان ھىدرو كاربون بايلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. »

«كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى» (ORF) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2008-يىلدىكى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن خىتاي ئېنېرگىيەگە باي تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستانغا زور مىقداردا قەرز پۇل بېرىپ، ئۆزىنىڭ رولىنى ۋە تەسىرىنى مۇستەھكەملىگەن. تۈركمەنىستان شۇ قاتاردا ئۈچ مىليارد دوللار ئالغان. قازاقىستان بولسا «نېفىت قەرزى» كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتايدىن 10 مىليارد دوللار ئېلىپ خىتاينىڭ قازاقىستاندىن تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق ياراتقان.

ئاينا شورمانبايېۋا قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتاينىڭ قەرزى ۋە مەبلىغىنىڭ بەدىلىگە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئۆز چېگراسىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.