خىتاينىڭ خەلقئارا تەشۋىقات قانىلى بولغان CGTN نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىلىپ، يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشكە باشلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس كۆرسەتمە يوللىغان. ئۇ كۆرسەتمىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن تېخىمۇ ساداقەتمەن، تېخىمۇ دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك تەربىيەلەشكە قاتناشقان كادىرلارنىڭ «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشى، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق رايوندا كۈچلۈك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» ىنى تەلەپ قىلغان.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى «تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان» 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمران كۈچ ئىكەنلىكىنى تەن ئالدۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش» نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ «سىياسىي كادىرلىرى» نى يۈزلەپ، مىڭلاپ تەربىيەلەپ چىققان. نەتىجىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈلگە ئېلىنغان بۇ خىلدىكى «دۆلەتنىڭ كادىر تەربىيەلەش» مېخانىزمى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە «كوممۇنىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغان» بىر تۈركۈم مىللىي كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىنغان، شۇنداقلا مۇشۇ قوشۇننىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىلدىكى «ئۇيغۇر كوممۇنىستلار قوشۇنى» نىڭ ئىچىدە «قەلبى بېيجىڭ بىلەن بىر بولمىغان» كۆپلىگەن كادىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغاندىن كېيىن بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىر «سىياسىي جەھەتتىن تازىلانغان.» ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش»، «سىناش» ۋە «تازىلاش» ھالقىلىرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تەدرىجىي ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش» مېخانىزمىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ھاسىل قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق «ساداقەتمەنلىك» يوليورۇقىمۇ خاراكتېر جەھەتتە ئاشۇ خىل ئەندىزىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى مەلۇم.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ سادىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. تەلەپلىرىنىڭ قاتارىدا نېمىشقا ساداقەتمەنلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. بەلكىم بۇ نۇقتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. يەنى بۇ، شى جىنپىڭ ئۆز سۆزىدىن چىقمايدىغان ساداقەتمەن كادىرلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىشقا مايىل، دېگەنلىكتۇر. دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ چىقىپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك.»
شى جىنپىڭ كۆرسەتمىسىدە بۇ تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ 70 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا «ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇ تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق مىللىي ئىشلارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى خىتاي كومپارتىيەسى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر خىزمىتى نەزەرىيەسى» ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىقتىسادىي تالان-تاراجلىرىنى «زامانىۋىلىققا يۈزلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش» دېگەندەك ناملاردا پەردازلاپ كېلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكى ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىر مۇقىم ۋە ئاشقۇنلۇقىدىن تازىلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار تىنچلىقتىن قانچە كۆپ سۆز ئاچقانسېرى بىز ئۇ يەردە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرغا سولاش، شۇنداقلا مەدەنىيەتنى يوقىتىش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۆرلەۋاتىدۇ، دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.»
ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئىدىيەنىڭ مەنبەسىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ماۋ زېدۇڭدىن ئىزدەش مۇمكىن. چۈنكى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، توختىماي ئىنقىلاب قىلغان ئەمەلدارلار ھېچقاچان ئۆز ئورنىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ، ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىپ قىلىشتىن ھوشيار تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل سىياسىي مۇھىتتا ئىشلار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزىنى قوللىغان كىشىلەر تۇيۇقسىزدىن ئۆزىگە قارشى كۈچلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغاچقا بۇ تۈردىكى ئەمەلدارلار دائىم ئۆزىگە ئەڭ سادىق كىشىلەرنى تاللايدۇ. شۇنداق بولغاندا «ساداقەتمەن» كىشىلەرنىڭ پارتىيەگە ۋە بۇيرۇققا قارشى چىقىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ.
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى «پارا ئېلىش جىنايىتى» ئۈچۈن شېنياڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى دائىم ئۇيغۇرلارغا ‹زوراۋان تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئاشقۇن ئۇنسۇرلار› دەيدىغان ئۈچ چوڭ جىنايەتنى ئارتىدۇ. نۇر بەكرىنىڭ بۇ جىنايەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭچە، نۇر بەكرى بېيجىڭنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىدىن ئەنسىرىگەن. نەتىجىدە شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلانغان ۋە جازالىغان.»
شۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم تور يازمىلىرىدا بەزىلەر ئۇيغۇر ئېلى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سىياسىي تەسىرى ئاجىز بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەرلىك مىللىي كادىرلارنى ئۆزلىرىگە يانتاياق قىلىش ئېھتىياجى بولغانلىقىنى، شۇڭا بىر تۈركۈم مىللىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئورۇن ئالغانلىقىنى، يېرىم ئەسىرلىك خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىپ بولغان خىتاينىڭ ئەمدى يەرلىك كادىرلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقىنى، شۇڭا نۇر بەكرىدەك «سادىق» كادىرلارنىڭمۇ خىتايغا كېرىكى قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
خۇ پىڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپى كۇرسانتلىرىغا يوللىغان كۆرسەتمىسى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي كومپارتىيەسى ئەزەلدىن ‹بىزنىڭ ئىرقىمىزدىن بولمىغانلارنىڭ نىيىتى باشقا› دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى تۇتۇپ، پارتىيە سېپىنى تازىلىدى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تازىلاشتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇڭا بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە ئۇلار ھەم ئۆزىنىڭ سېپىنى تولۇقلاشنى ھەم يەرلىك كادىرلارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلغاندەك تۇرىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا 2017-يىلىدىن بېرى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خاراكتېر جەھەتتە 1950-يىللاردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان «مىللىي كادىرلارنى تازىلاش» ھەرىكىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ جەرياندا ئىلگىرى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىمۇ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
