شى جىنپىڭ جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.19
joe-biden-xi-jinping.jpg ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى پەريادىدا كۆرۈشتى. 2024-يىلى 16-نويابىر، لىما پېرۇ.
AP

مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك موھتاج.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى 21 دۆلەت رەھبىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پېرۇ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن. 15-16-نويابىر كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق سۆھبەتلىرى جەريانىدا شى جىنپىڭ ھەدەپ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى بۇ دەۋردىكى ئاساسىي ئېقىم بولماسلىقى كېرەك. پەقەت ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقلا ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ» دېگەن.

شى جىنپىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، «خىتاي، يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى ئىدارە قىلىپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

كېلەر يىلى 1-ئايدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىدە كەسكىن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تەكىتلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكادىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمى دىرېكتورى بوننى گلەيسىر (Bonnie Glaser) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرلۈك مەسىلىلەر بىلەن تىركىشىۋاتقان خىتاينىڭ ھازىر مۇقىملىققا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك ئېھتىياجى بار ئىكەن. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن ئىجتىمائىي خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇقىم خەلقئارا مۇھىتقا، بولۇپمۇ مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك موھتاج.»

ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ ئاخباراتقا يېپىق قىسمىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئامېرىكا تەرەپتىن تارقىتىلغان رەسمىي باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىش، فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكنى توسۇش، ھەربىي ئالاقە، سۈنئىي ئەقىل، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ۋە ھەمدە خىتايدا تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكالىقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە يۇقىرىقى ھالقىلىق مەسىلىلەر بويىچە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، شى جىنپىڭ قارىماققا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئامېرىكانى خىتاينىڭ تەلىپىگە كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنغان:

«گەرچە شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار شەرتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. يەنى، ئامېرىكانى تەيۋەننىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن كارى بولماسلىققا، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى قىلماسلىققا چاقىردى. قىسقىسى، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور بۇ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا ئۆزىنى خوجا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يىغىندا شى جىنپىڭ سۆزنى ئاۋال باشلىغان، ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىگەندە ئۆزىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مۇخبىرلارنى قوغلىغان. ئۇنىڭ ئېچىلىش سۆزىنىڭ مەزمۇنىغا قارىسىڭىزمۇ ئۇ ئامېرىكاغا شەرتلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى خوجايىن، ئامېرىكانى بولسا چېكىنىۋاتقان كۈچ قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا ئەمەلىيەتتە پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن ئارقىلىق، كەلگۈسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا سىگنال ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قويغان شەرتلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىگە قويۇلغان دېيىشكە بولىدىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خۇددى ‹قىزىم ساڭا دەي، كېلىنىم سەن ئاڭلا› دېگەندەك بىر گەپ. شى جىنپىڭ بۇ يەردە ترامپ ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ياخشى ئۆتۈشنىڭ شەرتىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ.»

گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمى دىرېكتورى بوننى گلەيسىرنىڭ دېيىشىچە، شى جىنپىڭ كەلگۈسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ترامپنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردا خىتاي بىلەن ئورناتقان خىتاينى چۈشىنىش ۋە دىيالوگدىن ئىبارەت بىر مېخانىزمغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.»

شى جىنپىڭ پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىكى سۆزىدە، دەل دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە باشلاتقان «مۇناسىۋەتلەرنى يىراقلاشتۇرۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە خىتايغا باغلىنىپ قالماي، كۆپ خىللاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان دەۋردە، مۇناسىۋەتلەرنى يىراقلاشتۇرۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى قالايمىقان قىلىش ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس. پەقەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقلا ئورتاق تەرەققىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كورمۇ خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى باشلاتقان «مۇناسىۋەتلەرنى يىراقلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى دىكتاتورلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغاندا، ھەمكارلىققا مەركەزلىشىۋالماسلىقى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھە دېسە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت بىرلا نىشانغا مەركەزلىشىپ قېلىشىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىشى كېرەك. ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنى زورلاپ دوست قىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكا بۇ خۇمارىنى ئەمدى تاشلىشى كېرەك. مەن يېڭى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇۋاتقان، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلغان دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئامېرىكانى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە تەھدىت قىلىۋاتقان خىتاينى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ھەممىدىن ئاۋۋال ئامېرىكا› سىياسىتىنى كەسكىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.