نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۆۋرۈكلۈك رايون بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ كەلگۈسى گېئو-سىياسىي ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا قاراتقان زېمىن كېڭەيمىچىلىكىدە مەلۇم سىياسىي قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان بىر جاي ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس جاۋاب خەت قايتۇرغان. شى جىنپىڭ خېتىدە، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەر ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى» دە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ بۇ خېتىدە، 2013-يىلى باشلانغان خىتاينىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا توپ-توغرا 10 يىل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شى جىنپىڭ مۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالاقىلىرىنىڭ نۆۋەتتە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «تەقدىرداشلىق» مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى شىئەندە ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس جاۋاب خەت يېزىشى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ تۈردىكى ئاتالمىش <جاۋاب خەت> يېزىش ئىشى، خىتايدا ئىلگىرىدىن بار بولغان، شۇنداقلا قېلىپلىشىپ قالغان بىر سىياسىي شەكىلۋازلىقتۇر، خالاس. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم تاللىغان ئوبيېكتى ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق بولغان. يەنى ئۇ مەخسۇس خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىشنى تاللىغان.»

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى زورايماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ رايوننىڭ بايلىق ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىزچىل كۆز تىكىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نېفىت-تەبىئىي گاز خېرىدارى بولۇپ، ئىچكىي قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن، خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتمۇ ئۇلارنى خىتايغا تايىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان 10 يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا مەركەزلىك ھالدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەن. شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي چۈشى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە چوڭ دۆلەتلەردىن تەڭ پايدىلىنىپ كۈچلىنىش نىشانى بۇنىڭغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتىكەن.
تۈركىيە ھاجىتېپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس جاۋاب خەت يېزىشى، خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچى» نى ئىشقا سېلىش، يەنى «يۇمشاق كۈچ» تاكتىكىسى ئارقىلىق ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدە خىتايغا چوقۇنىدىغان، خىتاينى چوڭ بىلىدىغان كەيپىياتقا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە خىتاينىڭ قۇدرىتىنى تۇرغۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر خېتىدە، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، قۇرغۇچىسى ۋە ۋاسىتىچىسى بولۇشقا چاقىرغان. ئۇلارنىڭ «يىپەك يولى» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىتاي ھېكايىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلىشىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئەلچىسى ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىردىن باشلاپلا خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي ئادىتى ۋە خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە «تەربىيەلەش» كە باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ نېفىت ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تېىخمۇ كونترول قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
سىياسىي ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى، شى جىنپىڭ راستىنلا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش خېتىگە «جاۋاب» يازغانمۇ، دېگەن بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭغا خەت يازدى دەپ خەۋەر بېرىشىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى قاتناش، سودا-تىجارەت ۋە ئېنېرگىيە يۆتكەشكە دائىر خەۋەرلەر پەۋقۇلئاددە كۆپەيمەكتە. ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى گېئو-سىياسىي ئىستراتېگىيەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە كۆۋرۈكلۈك رايون بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشمەكتە.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئەگەر خىتاي كەلگۈسىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا بازىسى بولۇپ قالىدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىنقى بىر-ئىككى ئاي مابەينىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە سودا ھەمكارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيمەكتە. 15-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى» غا كېلىپ مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. خىتاي ۋاقتى 18-ماي كۈنى شىئەندە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرى بۇ ئۇچرىشىشقا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
