خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جنپىڭ دەۋرىدىكى ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ «خىتاي بولمىغان مىللەتلەر» نى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەركىتىنى ئاشكارا ھالدا «خىتاي چۈشى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى قىلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكى مەلۇم. «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا بۇ يۈزلىنىشنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى تەپسىلىي شەرسىلەندى ھەمدە بۇنىڭدىكى ئاخىرقى مەقسەدنىڭ «خىتايدا خىتايدىن باشقا مىللەت بولماسلىق» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپىنى دۆلەت تىلىدا يۈرگۈزۈش» ھەققىدىكى كۆرسەتمىدە بۇندىن كېيىن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا شۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلىنى قوللانماسلىق ھەققىدە ئاشكارا بەلگىلىمىلەر ئورۇن ئالدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ يېڭى پەللىسى دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى ئىلگىرىكى باسقۇچلاردا ئاسسىمىلاتسىيە ئۇرۇنۇشلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەر شەكلىدە ئىجرا قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئاشكارا مەنئىي قىلىش تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەن. «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا مانا مۇشۇ رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتە شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «خىتاي چۈشى» نىڭ ئاجرالماس قىسمى ئىكەنلىكى ئالاھىدە شەرھىيلەنگەن.
كېيىس جەي ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتىكى يېڭى ئاسسىمىلاتسىيە چاقىرىقىنىڭ مەنبەسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئاچقۇچى بارچە مىللەتلەر بىرلىكتە زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت بەرپا قىلىشتا» دېگەن يوليورۇقى ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان شى جىنپىڭ ھازىر «سوتسىيالىزىم مۇھىتىدا يېتەرلىك ماكان ۋە زاماندىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇپ كېتىشى تەبىئىي ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن ئىلگىرىكى «ماركىسىزىملىق چۈشەنچە» نىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. يەنە بىر ياقتىن شى جىنپىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان «مىللىي مەسىلىلەر» نى «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ يىل بولغان 2049-يىلى ئۈچۈن «بۇزغۇنچىلىق رول ئوينايدۇ» دەپ قاراشقا ئىشەنگەن. بۇنىڭ بىلەن «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش» نۆۋەتتىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزەرىدە «مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى» دەپ قارالماقتا ھەمدە ئورتاق چۈشەنچىگە ئايلانماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئۈلگە ئالغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش» تەك چارىلىرىدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش»، «پىلانلىق تۇغۇتتا ئېتىبار قىلىش» دېگەنلەر، شۇنىڭدەك نامدا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئەمدى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شى جىنپىڭ 2020-يىلى يۈرەكلىك ھالدا «دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى» نىڭ مۇدىرلىقىغا بىر خىتاينى سەپلىگەن. ئارقىدىنلا لياۋنىڭدا تۇغۇلغان، ئەمما ئۆزىنى «موڭغۇل» دەۋالغان ۋاڭ لىشيانى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللىي مەسىلە» سىياسىتىگە دائىر بۇ زور ئۆزگىرىش توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىسى فېڭ شېڭپىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ‹جۇڭخۇا مىللىتى› كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە، دېگەن قاراشنى خىتاي ئالىمى فېي شياۋتوڭ ئوتتۇرىغا قويغان. شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بولسا فېي شياۋتوڭنىڭ نەزەرىيىسىنى مەنبە قىلغان. ئەمما قارايدىغان بولساق بۇ فېي شياۋتوڭنىڭ ‹ئىجادىيىتى› مۇ ئەمەس. بۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدە، يەنى بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى سۇن جوڭشەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەردىن كەلگەن. ئەشۇ خىلدىكى ‹كۆپ مەنبەلىك بىر ئورتاق گەۋدە› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى شى جىنپىڭ ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى بۇ چۈشەنچە بويىچە خىتاي تەۋەسىدىكى دىنلار خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى، ئىنسانلارمۇ خىتايلىشىشى لازىم. يەنى خىتايدا بىرلا ‹جۇڭخۇا مىللىتى› بولۇشى كېرەك. ئىرق بولسا قانداشلىقنى ئاساس قىلمايدۇ. شۇڭا خىتايدا ھازىر ئوخشىمىغان ئىرققا يول قويۇلىدۇ، ئەمما مىللەت پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ خىتايلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ‹جۇڭخۇا مىللىتى›. ھازىر شى جىنپىڭ مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ.»
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر، موڭغۇل تىللىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى قانۇنلۇق ئورنى بىكار قىلىنغان. تىل جەھەتتىكى بىرىنچى قەدەم بېسىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئاسسىمىلاتسىيەنى ئاخىرقى نىشان قىلغان زور پىلاننىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىغا زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈشنى تېزلەشتۈرگەن. بۇنىڭدا تىل، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ساھەلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش بىر ‹رېلىس› تا، خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يەنە بىر ‹رېلىس› تا ماڭىدىغان قوش يۆنۈلۈشلۈك سىياسەت ئىجراسى ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكىدىكى لاگېرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادريان زېنز بۇنىڭدىكى نوپۇس كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك «ئىتىبار چارىلىرى» دىن بۇنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكتىلەيدۇ.
«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىگىرمىدىن ئوتتۇز پىرسەنتىگىچە بولغان نوپۇسى ‹قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› دېگەن نامدا خىتايلار مۇتلەق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ بولغان شىمالىي شىنجاڭدىكى سانائەت رايونىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. يەنە بۇنىڭدىن ئازراق بىر قىسمى شەرقىي خىتايدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ تەرىقىدە يىلتىزىنى بويلاپ قومۇرىۋېتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى ئىچكىردىن كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى ئىگىلەۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىچكى ماتېرىياللىرىدا تېخى يېقىندىلا 300 مىڭ خىتاي ئاققۇننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بىراقلا ماكانلاشتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ بەكلا ئاشكارا بىر ھادىسىدۇر: ئۇيغۇرلار كۆچۈرۈلدى، ئورنىنى خىتاي ئاققۇنلار ئىگىلىدى. ئۇلارغا بىكارلىق يەر، بىكارلىق مائارىپ، باج كەچۈرۈم قىلىش، بىكارلىق ئۆي دېگەنلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ خىل كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىكى «خىتاي بولمىغان مىللەتلەر» گە قارىتىلغان ئىلگىرىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىلىرى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ 2021-يىلى ئاۋغۇستتىكى «مىللىي ئىشلار يىغىنى» دا «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش» نى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە ئىجرا قىلىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭنىڭ «بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۇلار ئىدىيەدە، ئېتىقادتا، ھېسسىياتتا ۋە مەدەنىيەتتە ئوخشاش بولغاندا ھەقىقى يوسۇندا ئىشقا ئاشىدۇ» دېگەن سۆزى بۇندىن كېيىنكى ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ «ئاممىۋى ئاساسى» بولىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.