«شىنجاڭ سىنىپلىرى» دىكى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئايرىلماسلىق كېلىشىمى
2021.03.06

2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يېڭى پاراڭ تېمىسى بولغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى تولۇق ئوتتۇرا يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىشى بولدى. بەزى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي بېسىمدىن خالاس قىلىشتەك رولى بولغانلىقىنى سۆزلىسە، يەنە بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇشۇ باھانىدە ئىچكىرىدىكى يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر يېڭى يول ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. ئەمما ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتكەندە بۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش» ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاسمىلاتسىيە قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىنغان بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس، ئىندىيانا شىتاتىدىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىموسىي گروسنىڭ ئون يىللىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «خىتايدىكى ئايرىلماسلىق كېلىشىمى: شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى» ناملىق ئەسىرىدە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر ئالاھىدە شەرھىلىنىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشلىرى ھەمدە نەق مەيدان زىيارەتلىرى جەريانىدا ئۇ بايقىغان بىر گەۋدىلىك ئەھۋال نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا تەكرار-تەكرار ئاڭلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىقى» ھەققىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نەزىرىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى «پەللە» بولۇپ قالغانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان «خىتاينى سۆيىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» قوشۇنى بەرپا قىلىپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىملىك چۈشەنچىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۇرۇنۇشى بولغان. ئەمما بۇ خىل سۈنئى تەربىيەنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئاپتور بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۈتكەندەك «سىڭمىگەنلىكى» نى بايقىغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە شەرھىلەپ ئۆتتى.
«بۇ بەكمۇ قىزىق بىر تېما ھېساپلىنىدۇ. مەن تەتقىقاتىم ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن، بولۇپمۇ ئىچكىرىدە سەككىز-ئون يىللاپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئۇلاردىن سورىغان ئىدىم. بۇ جەرياندا مەن ئىگە بولغان مەلۇماتلار بىردەك بۇنىڭدىكى بىر تەرەپلىمىلىكنى تولۇق ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ مۇشۇ خىل ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى قانچىلىك ئاساس قىلغانلىقىنى سورىغىنىمدا بۇ خىل ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەرقاچان خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق تېڭىۋاتقان ‹خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن ئىلغار مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ خىل ئىتتىپاقلىق شەكلىدە ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتكە يېتەكلەيدۇ› دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى ئاساس قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مەن ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان ‹دوستلۇقى› نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەسۋىرلىگەندەك بىغۇبار دوستلۇق ئەمەسلىكىنى تېزلا بايقىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىزمەت ۋە باشقا پۇرسەتلەر ئالدىدا چەتكە قېقىلىدىغانلىقىدىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش ‹ئىتتىپاقلىق› سىياسەتلىرىنىڭ پايدىسى پەقەت خىتايلار ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىدىن، يەنە كېلىپ خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس ھېچقانداق ھادىسىنىڭ ھېچقاچان ھۇجۇم نىشانى بولمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىشتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ‹مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› دېگەن ئۈلگىگە ماس كېلىدىغان شەكىلدە خىتايلاردىن دوستلىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئومۇمى نۇقتىدىن نەزەر سالغاندا ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولىدۇ.»
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور بىر قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەنلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۇنياقارىشىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىملىكى ئاۋات شەھەرلەردە ئوقۇش بىلەن تېزدىن غايىپ بولۇپ كەتمىگەن. بولۇپمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى تەربىيىنىڭ قانچىلىك تېڭىلىشىدىن، خىتاي خەلقىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش ھەققىدىكى تەربىيەنىڭ قانداق شەكىلدا داۋام قىلىشىدىن قەتئىنەنەز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ «قائىدە ھەرقاچان باشقىلار ئۈچۈن ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەندەك قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارتۇقتىن ئارتۇق شۇنچە پۇل خەجلەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرىدە ئوقۇتۇشىمۇ بۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ئاشكارا قىلغان.
«بۇ خىل ئىتتىپاقلىق ۋە ئايرىلماسلىق تەشۋىقاتلىرىغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تىل (پۇتۇڭخۇا) ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىشى، خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچىمى دائىرىسىدىكى ھادىسىلەرگە ھۆرمەت قىلىش لازىملىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى ياكى باشقا بايراملىرىنى تەبرىكلىشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنداق بولدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى دېگەنلەر ھېچقاچان بۇ خىلدىكى ھۆرمەتكە ياكى ئەتىۋارلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇپ باقمىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقسىز دېگۈدەك ئوقۇتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق، ياتاق، يول كىراسى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت چىقاردى. بۇنىڭغا كەتكەن چىقىملارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ھېساپلايدىغان بولساق بۇ بەكمۇ زور بىر سانغا ئايلىنىدۇ. خۇددى سىز ئېيتقاندەك بۇ ئوقۇغۇچىلارنى شۇنچە چىقىم بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا قىلىپ ئىچكىرىدە ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئوقۇتسا ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئاسان بولاتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى سوئاللارغا قارىتا ‹شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز، ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشى ئەمەس› دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئاقماس بىر باھانە. چۈنكى كىچىككىنە سەبىيلەرنى خىتاينىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ تاشلاپ ‹ياخشى مەكتەپ› تە ئوقۇتقاندىن كۆرە شۇ پۇلغا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يارىتىش كۆپ ئاسانغا چۈشەتتى.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆسمۈرلىرىنى ئانا يۇرتىدىن ئايرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ئىشقا ئاشۇرغان بىر تۈرلۈك سىياسىي تەدبىر ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە مەركىزى نىشان يەنىلا شۇ ئۆسمۈرلەرنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆز مىللىي كىملىكىدىن تاندۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئاسمىلاتسىيەگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئىكەن. بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا پروفېسسور تىم گروس بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«نەنجىڭدىكى بۇ خىل ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ باقمىدىم. ئەمما تارىختا بۇ خىل ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ‹ئۈلگىلىرى› نى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، قارايدىغان بولساق، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بۇ خىل مەكتەپلەر بار بولغان بولسا، بۇلار يەنە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان. ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەڭ ئوخشايدىغان مىساللارنى بىز تىبەتلەر رايونىدا 1980-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ ئوقۇتۇشتەك ياتاقلىق ئوقۇتۇش شەكلىدىن تاپالايمىز. بۇنىڭدا بىردەك خىتاي بولمىغانلار خىتايلارنىڭ ‹بۆشۈك› ماكانلىرىدا تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە (مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن) بىردەك مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزلىرىدىن بولمىغان خەلقنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلادىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسەت بولمايدۇ.»
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپ» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە توپلاپ ئوقۇتۇش ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مودېل سىنىقى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ خىل توپلاش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا قاتتىق ھەربىيچە شەكىلدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «ئوقۇتۇش» نامىدا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش سىنىقى ئىجرا بولغان. بولۇپمۇ بۇ خىلدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ» نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئەسەبىيىلىك ۋە تېرورلۇق» قا باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەنە شۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇنجاننىڭ قىسمىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يات مىللەت» بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان ئىشىنىپ باقمىغانلىقىنى ھەم ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بەكمۇ جانلىق نامايەن قىلغان.
«بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىسمىتىدىن ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ساۋاقنى يەكۈنلەش مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان يەكلەنگىنى يەكلەنگەن پېتى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچى دەل ئاشۇ ‹شىنجاڭ سىنىپى› دا ئوقۇغان ۋە ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان، تىل ۋە بىلىمدە خىتايلارغا ئوخشاش سەۋىيىگە يەتكەن. يەنە كېلىپ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسى بەلگىلەپ بەرگەن قائىدە بويىچە تەربىيەلىنىپ چىققان. ئەمما ئاقىۋەت ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىدا ھېچقانداق كاپالەتنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئاشكارا بولغان. تۇرسۇنجاننىڭ قىسمىتىدىن بىزگە مەلۇم بولغان يەنە بىر ساۋاق شۇ بولدىكى، خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقاچان خىتاي مائارىپ سىستېمىسى ھەمدە خىتايغا خاس ئىجتىمائىي سىستېمىدىكى ھېچقانداق ‹مۇنەۋۋەر› ئۇيغۇرغا ئىشىنىپ باققان ئەمەس. بۇنىڭدىكى تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىدا يەنە بىراز ئۆزگىچە بولغان بىر ئامىلمۇ بار. يەنى ئۇ قانداقتۇر بىر ‹جىھادچى› گۇرۇھقا چېتىلىپ قالغان. ئۇنىڭ قانداق تەشكىلات ئىكەنلىكى ھەققىدە بىز ھېچنەرسە بىلمەيمىز. ئەمما باشقا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق بىلگەنلىرىمىز شۇ بولدىكى، خىتاينىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار مەيلى ئۆگىنىش نەتىجىسى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كەتسۇن، مەيلى خىتايچىنى قانچىلىك ياخشى ئۆگەنگەن بولسۇن، مەيلى خىتاي كومپارتىيەسىگە قانچىلىك سادىق بولۇپ كەتسۇن ھېچقاچان قولغا ئېلىنىشتىن ئامان قالغان ئەمەس. يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۇيغۇرلار قانچىلىك ‹مۇنەۋۋەر› بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر ھەرقاچان گۇمانلىق كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ.»
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش» شامىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاساسەن توختىغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر «بۇنىڭدىكى سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى بۇ خىلدىكى ئاستا سۈرئەتلىك ئاسمىلاتسىيەگە ئېھتىياجى قالمىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئەمەس، بەلكى مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى رەڭگا-رەڭ ناملىرى كۆزنى جۇلالاندۇرىدىغان «مەركەز» لەرگە توپلاپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆزگەرتىشنى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.