خىتايدىن ئايرىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان
2020.04.19
سۈپەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان «QIMA» ناملىق تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك خىتايدىن ئايرىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 80 پىرسەنت ئامېرىكا شىركىتى ۋە 67 پىرسەنت ياۋروپا شىركىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسەن ھاسىل قىلىنغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ماللارنىڭ تەننەرخى ۋە چېگرا بېجى سەۋەبىدىن چەتئەل شىركەتلىرى زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن يۆتكەپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى تەلەپ قىلىدىغان خىتايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار 2019-يىلى 13 پىرسەنت كېمەيگەن.
مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ياۋروپا شىركەتلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە بۇ سەۋەبلىك كۆپەيگەن چېگرا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئېغىر ئۇچراپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىشنى كېمەيتىش قاتارلىق سەۋەبلىرى بار ئىكەن.
ئۇلار ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كېمەيتىش ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىغان.
تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى ۋىيېتنام، كامبودژا، باڭگېلادىش، تۈركىيە ۋە ئافرىقادىكى بىر قىسىم ئەللەرگە يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشە باشلىغان.
ئىلگىرى كىيىم-كەچلەردە «خىتايدا ياسالدى» دەپ كۆزگە كۆپ چېلىقىدىغان ماركىلارنىڭ ئورنىنى «ۋىيېتنامدا ياسالدى» دېگەن ماركىلار ئىگىلەشكە باشلىغان.
QIMA نىڭ تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 75 پىرسەنتى چېگرا بېجى ۋە خىتايدا بارغانچە ئېشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش چىقىمىنىڭ سودىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلەردىن خىتايدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ياكى ئايرىلىش قەدىمىنى بۇرۇن پىلان قىلغاندىن تېزلىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىشقان.
ياۋروپا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئاساسەن تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان.
دونالد ترامپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تاشقى سودىدا كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەمنى كېمەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى ئالغان. بۇلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىكى خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان چېگرا بېجى ئىدى.
ترامپ خىتاينى سودا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خىتاي ماللىرىغا قارىتىلغان جازا بېجىنى بىر نەچچە قېتىم ئاشۇرغان.
نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 2019-13-دېكابىر بىر يېڭى سودا كېلىشىمىنىڭ «بىرىنچى باسقۇچ كېلىشىمى» ئىمزالانغان. كېلىشىم بويىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى 360 مىليارد دوللارلىق خىتاي مېلىغا قويۇلغان 25 پىرسەنت چېگرا بېجىدا ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى.