خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى «سەمىمىي ئەمەس» دەپ ئەيىبلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.09.06
Amerika-xitay-bayriqi-soda-AP سودا دېگەن خەت يېزىلغان ئامېرىكا ۋە خىتاي بايرىقى چۈشۈرۈلگەن يۈك ساندۇقى
AP

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بىر قانچە مۇھىم ئەمەلدارلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتايغا ئەۋەتكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتى بىلەن باشلانغان بۇ دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى، مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلىن، كىلىمات ئالاھىدە ئەلچىسى جون كەررى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو خانىمنىڭ زىيارىتى بىلەن داۋام قىلغان.

يۇقىرىقى بۇ زىيارەتلەردىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغان بولسىمۇ، خىتاينى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۆز نۇتۇقلىرىدا بىردەك خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن «ئايرىلىش» نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

بىراق يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ زىيارەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان بىر بايانات، خىتاينىڭ بۇ زىيارەتلەردىن بەك خۇرسەن بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

 «مالىيە ۋاقتى» (FT) گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار تورى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

 «يېقىندا، بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى كەينى-كەينىدىن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ياكى خىتايدىن ئايرىلىش نىيىتى يوق، دېدى. بىراق ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئىستراتېگىيەسى خۇددى ‹يېڭى بوتۇلكىدىكى كونا ئۈزۈم ھارىقى› غا ئوخشايدۇ. خىتاي ئامېرىكانىڭ بىر قانچە كەلىمە چىرايلىق سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ھوشيارلىقىنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدۇ.»

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بىلىنكىن باشلىق ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى يەنىمۇ ئۇلغايماقتا. «ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» (American Foreign Policy Council) ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك (Michael Sobolik) خىتاينىڭ يۇقىرىقى باياناتىنى خىتاينىڭ «ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ، دەپ باھالىدى. ئۇ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئەمدى ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

 «بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى باشلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇشقا قىزىقمايدۇ. ئۇ پەقەت ئامېرىكانى مەغلۇپ قىلىشقا قىزىقىدۇ.»

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتىدا يەنە «1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرى، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا ‹ئارىلىشىش ۋە چەكلەش› نىڭ بىرىكمىسى بولۇپ كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا يەنە «ئامېرىكا بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يامان قىلىپ كۆرسەتتى» دېگەن ئىبارىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىقى بايانات، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندونىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان. جىنا رايموندو خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ «ئۆزى ۋە باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ قانداقتۇر مۇرەسسە قىلىش ياكى تەسلىم بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى «گېرمان-مارشال فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، «خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئۇرۇشىنىڭ ئىچكى ھېكايىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئاندرۇ سىمول (Andrew Small) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ياخشى سودا شېرىكى دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما بۇ غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىدارە قىلىشى كېرەككەن. ئۇ بۇنىڭ يالغۇز ئامېرىكانىڭلا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

 «ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ئورتاق. ئۇ بولسىمۇ بۇ دۆلەتلەر گەرچە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈنسايىن مۇستەبىتلىشىشى، دۆلەت سىرتىدا چەت ئەللەرگە قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئاشقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بۇ غايەت زور ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىدارە قىلىشى كېرەك. چۈنكى كونكرېت ساھەلەردىكى سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرۇش بولمىغان ئەھۋالدا تېخىمۇ چوڭقۇر بۇزۇلۇش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدۇ.»

ئاندرۇ سىمولنىڭ دېيىشىچە، شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى ياخشى ئىقتىسادىي شېرىك دەپ قارىمىسىمۇ، ئۇنى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارايدىكەن ۋە بۇ يەردە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۆزىدىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: «بىز ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلمايمىز» دېگەن. جىنا رايموندو خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرى جۈملىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى سودا مەخپىيەتلىكىنى بېرىشكە قىستىشى ۋە ھەمدە يەنە چەت ئەل شىركەتلىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشخانىلىرىغا باستۇرۇپ كىرىشتەك قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، «ئامېرىكالىقلار ھازىر خىتاينى مەبلەغ سېلىش ئىنتايىن قېيىن بىر يەر دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن دەرھال نەتىجە چىقىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنىمۇ ئىپادە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي ھەرىكەت بولامدۇ-يوق، بىز بۇنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز» .

تەتقىقاتچى ئاندرۇ سىمولنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتايدىكى ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى بىر قارا قۇتىغا ئايلىنىشى بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر رىقابەت تەشكىل قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

 «ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى رىقابەت بولۇپ قالدى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان قارا قۇتىغا ئايلىنىشى پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ھەقىقىي مەسىلە بولۇپ قالدى» .

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ يىل 11-ئايدا ئامېرىكانىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» دە پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى. بىراق خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى باياناتىدا ئاخىرىقى قېتىم ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا بىر ئارىغا كەلگەن ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، «بالىدىن سان-فىرانسىسكوغىچە كېلىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا سەمىمىيىتىنى يېتەرلىك كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.

 ئۇلار باياناتىدا يالغۇز ترامپ ھۆكۈمىتىنىلا ئەمەس، بايدىن ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەيىبلىگەن، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئىقتىسادىي ئايرىلىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋە خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا، «ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇم... تارىخى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئامېرىكا تەرەپتە ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زور گۈللىنىشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچقا كىردى» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان.

تەتقىقاتچى مايكىل سوبولىك رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكالىق قانۇن تۈزگۈچىلەر ئامېرىكانىڭ ھازىر خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دەيدۇ. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:

 «ئامېرىكالىق تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى رىقابىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە دەرھال غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى تىكلىشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقىنى تېپىش ۋە ئۇنى قوللىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. پىرېزىدېنت بايدېن دىپلوماتىيەنى دەپ قۇربان بېرىشنى ۋە رىقابەت ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك» .

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2023-يىللىق G20 دۆلەتلىرى گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئۇنىڭ 2013-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر سورۇنغا قاتناشماسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلىرىنى قانداق يوسۇندا ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.