ئامېرىكا، خىتاينىڭ شېين ۋە تىمۇ ئەپلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.04.18
خىتايدا «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
AFP

خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە ئېپى تىك-توكنىڭ قوللانغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ مىليونلىغان قوللانغۇچىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتايدا ئارخىپلىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ ئەپ كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ۋە سوئال-سوراققا ئۇچرىغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئەپنى ئورگان تېلىفونلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بولسا، ئامېرىكانىڭ مونتانا شتاتى تۇنجى بولۇپ بۇ ئەپنى خۇسۇسىي تېلېفونلاردا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى» (USCC) خەتەرنىڭ تىك-توك ئېپى بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقى، باشقا خىتاي ئەپلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا خىتاينىڭ شيىن (Shein) ۋە تېمۇ (Temu) قاتارلىق ئەپلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەپلەر پەقەت خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا تەھدىت بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىش ۋە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ھەقسىز رىقابەت مۇھىتى شەكىللەندۈرمەكتىكەن.

14-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان «شېيىن، تېمۇ ۋە خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق سودىسى: سانلىق مەلۇمات خەتىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەسىلىلەر ۋە سودا يوچۇقلىرى» ماۋزۇلۇق مەخسۇس دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شېيىن ۋە تىمۇ ئادىل بولمىغان رىقابەت ئۇسۇلى ھەمدە ئامېرىكا قانۇنىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا سودا بازىرىدا تېز ئۆرلىگەن. ئۇ ئامېرىكا بازىرىدىكى مودا كىيىم-كېچەك سودىسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوخشاش ساھەدىكى رىقابەتچىلىرى بولغان «Zara ,H & M» لاردىن ئېشىپ كەتكەن.

شېيىن تور بېتى (Shein) خىتاي مىلياردېر كىرىس شۈ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، باش مەركىزى سىنگاپوردىكى كىيىم-كېچەك تور بېتى. ئامېرىكانىڭ بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورى 2022-يىلى شېيندا سېتىلغان كىيىم-كېچەكلەردە ئىشلىتىلگەن پاختىنىڭ د ن ئا سىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بۇ پاختىلارنىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ بىلىنىدىغان بۇ پاختىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەن بولسىمۇ، بۇ مەھسۇلاتلار شېين ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كەڭ-كۇشادە كىرمەكتىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار خىتايدىن بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكىلىق ئىستېمالچىلارغا مال سېتىش ھەمدە ھەربىر قېتىمدا زاكاز قىلىنغان ماللارنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولۇش شەرتى قويۇش ئارقىلىق تاموژنىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن. چۈنكى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تەكشۈرۈلمەيدىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىننىڭ دېيىشىچە، قانۇندىكى بۇ بوشلۇق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشكە توسقۇنلۇق قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدىكى بوشلۇق. شېىين شىركىتىنىڭ بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارغا بىۋاستە يەتكۈزۈشى ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم مەسىلە. بۇنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا چوقۇم قانۇندىكى بوشلۇقنى ئېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەك. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە ئورگانلار بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىپ، شېينغا ئوخشاش شىركەتلەرنى بايقاش ۋە ئۇنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى قانۇندىكى يوچۇقنى ئېتىش كېرەك».

«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شېيندا سېتىلىۋاتقان بۇ ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچىكلەر خىتايدا سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنىگە ھەمدە مۇھىتقا زىيانلىق خىمىيەلىك تەركىبلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. شېين ۋە تىمۇ تور بېـتىدىكى مەھسۇلاتلار يەنە، نەشر ھوقۇقى ۋە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇپ، شېين شىركىتىگە نەشر ھوقۇقى سەۋەبىدىن ئېچىلغان داۋالارمۇ بار ئىكەن.

تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شېين ۋە تىمۇ قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ شىركەتلىرىدەك ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پاكىز تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئىشلىتىش، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىپ ئولتۇرمىغانلىقتىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى رىقابەتچى شىركەتلىرى بىلەن ھەقسىز رىقابەت قىلىدىكەن. مەسىلەن، تېمۇ شىركىتى قىسقىغىنە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تەمىنلەش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئامازون (Amazon) ۋە ۋالمارت (Walmart) شىركەتلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.

پىتىر ئىرۋىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرى ياكى ئامېرىكىلىق ئىمپورت قىلغۇچىلار ئۆز تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتقاندا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇندىكى يوچۇقتىن پايدىنىلىنىپ كېتىشىدەك ھەقسىز رىقابەتنىڭ توختىتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلە ئامېرىكالىق سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە، مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى كېرەك. ئامېرىكالىق ئىمپورت قىلغۇچىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ بۇ قانۇنغا بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، دېگەن سوئالنى قويۇش كېرەك. بۇ مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك».

«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى» دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇ ھەقتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سۇنغان ۋە «شېين ۋە خىتايدىكى باشقا ئېلېكترونلۇق تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى بازار ئۈلۈشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىغاندا ئادالەتسىز ھالدا ئەۋزەللىككە ئېرىشەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.» دېگەن. ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكىنىڭ تور تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-قانۇنلىرىدىكى بوشلۇقنى ئەتكەندىلا خىتاينىڭ شېين قاتارلىق شىركەتلىرى قوللىنىۋاتقان سودا ئەندىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇلار دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «بىلۇمبېرگ خەۋەر تورىنىڭ شېيندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ شىنجاڭ پاختىسى بىلەن ياسالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن تور ئارقىلىق سېتىۋېلىنغان ماللارنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرىدىغان قورالىنىڭ يوقلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكاغا كىرگەن پوسۇلكىلار، جۈملىدىن ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش ئۆلچىمى ئاستىدىكى مىليونلارچە پوسۇلكا تەكشۈرۈلمەيدۇ. . . دېمەك، مۇۋاپىق خىزمەتچى ۋە تېخنىكا قوراللىرى بولمىسا، ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى خادىملارنىڭ ئامېرىكانىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا كىرىۋاتقان ئەرزان باھالىق ماللارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە توختىتىشى ئۈنۈملۈك بولمايدۇ».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ھەممە تۈردىكى مەھسۇلاتلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بارلىقى ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى ئىسپاتلار بىلەن ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاينىڭ ھەرقانداق شىركىتىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.