ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق «تەرەققىياتى» نىڭ ئارقىسىدىكى ئىنسانى تراگېدىيەلەر

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.10.01
xitay-dolet-bayrimi-uyghur-parat.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق مۇراسىمىدا پاراتتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەشۋىقات ئۆمىكى. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي كومپارتىيەسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داغدۇغىلىق پارات ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن «مۆجىزىلىك نەتىجىلىرى» نى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات-تەرغىباتلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق مۇساپىسىدە ئېرىشكەن «مۆجىزىلىك ئۇتۇقلىرى» ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «70 يىل مابەينىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كومپارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىدا مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىقتىسادى تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىتى گۈزەل بۈيۈك شىنجاڭنى بىرگە قۇرۇپ چىققان» ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق مۇساپىسىدە ئېرىشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتى، مەركەزنىڭ مالىيە ياردىمى، ھۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىنىش ئەھۋالى، 3‏-خىل ئىگىلىكنىڭ رايون ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن ئورنى، سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇرىشى، نامراتلىقنىڭ تۈگىتىلىشى، مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئارتىشى، شەھەر-يېزا ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈشى. . . . . . قاتارلىق ساھەلەردە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن دەلىللەشكە تىرىشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت يىغىنلىرىدا ۋە ھەر خىل خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەن بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىل مابەينىدىكى «ئۇتۇقلىرى» نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشى دىققەت قوزغىماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا كومپارتىيەنىڭ رايوندىكى 70 يىلدا ئېرىشكەن نەتىجىسى كەڭ داۋراڭ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ قانداق بەدەللەر بىلەن كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بەدەللەرنى تۆلەۋاتقىلىقى تىلغا ئېلىنمىغانىكەن.

فىرانسىيەلىك ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيا خولزمەن خانىم، خىتاينىڭ «ئىقتىسادىي مۆجىزىسى» تەبئىئەتكە خىلاپ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ 1‏-ئۆكتەبىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ««بىز شۇ سوئالنى قويۇشىمزى كېرەك، سىز غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتىڭىز، بىراق بۇ نېمىشقا؟ نۇرغۇن خىتاي زىيالىيلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەبىئەتكە خىلاپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇ خەلقنىڭ دوستانە مۇھىت ئىچىدە ياشىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە خىزمەت قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە بىز بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولغان شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن قورقۇنچقا چۈشمەكتىمىز.»

بىراق بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەرەققىيات رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن كۇيدې ئەپەندى 1‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل «تەرەققىيات» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا كومپارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زور تۈركۈمدىكى خىتاي مىللىتىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ ئەكەلدى. نەتىجىدە، شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالدى. بەلكىم، شىنجاڭغا زور مىقداردا نوپۇس كۆچۈرۈپ كېلىنىشى سەۋەبلىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى قاتارلىقلاردا زور ئۆسۈش بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە كىشىلىك تۈپ ھەق ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكىگە قاتتىق دەخلى قىلدى.»

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرىقىدەك تەرەققىيات مەنزىرىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇقىملىق سىياسىتى ھالقىلىق رول ئوينىغان. لېكىن، چېن كۇيدې ئەپەندى بۇ خىل مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە ئەڭ مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغدىشى سەۋەبلىك شىنجاڭ خەلقى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، تىنچ تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىلدى، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئۇنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقان مۇقىملىقى تۈرمە شەكىللىك مۇقىملىقتۇر. يەنى كۆپچىلىك زۇۋان سۈرمەيدۇ، گەپ قىلمايدۇ، ئەقەللىي ھوقۇق، دېگەن نەرسە بولمايدۇ. ئەگەر بىز مۇقىملىق دېسەك، تۈرمە ئەڭ مۇقىم يەر. چۈنكى، ئۇنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك زوراۋان نازارەت ماشىنىسى بار. لېكىن تۈرمە شەكىللىك مۇقىملىق ھەرگىز ئۇزۇن مۇددەتلىك بولمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق زوراۋانلىققا تايىنىپ كونتروللۇقنى ساقلاشتەك بۇنداق مۇقىملىق ئۇزۇن مەزگىلدە ئەڭ مۇقىمسىز نەرسە، بۇ ئاخىرى شىنجاڭدا زور قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆككە كۆتۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك نازارەتنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى، زور مىقداردىكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى قامال قاتارلىق ئامىللارنىڭ مەزكۇر رايونغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇ ئىقتىسادى زىياننىڭ كۆلىمى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

ھالبۇكى، مارىيا خولزمەن خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» نىڭ ئارقىسىدا بىر «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» يۈز بەرمەكتىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مارىيا خولىزمەن مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ› دېيىشكە باشلىدى. مېنىڭچە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. چۈنكى، ھەتتا مەسچىتلەرمۇ خىتايلاشتۇرۇلدى. مەسچىت بىنالىرى خىتاي ئىبادەتخانىلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىغا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىگە يول قويۇلمايۋاتىدۇ. ئاشكارا دېيىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىل ۋە كۈچلۈك نىيەت بار. ئەلۋەتتە، مەن بۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بۇ يەردىكى ئىش ئېتنىك قىرغىنچىلىققا كېتىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى قىلمىشلار بارغانسېرى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئوخشاپ قالماقتا. بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق.»

لېكىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى 70 يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 200 ھەسسە ئارتقان. 3‏-خىل ئىگىلىك ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ 3.62 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، رايوندا يېزا ئىگىلىك ئاساسىدىكى سانائەتنى يېتەكچى قىلغان، 3‏-خىل ئىگىلىك مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بىر خىل يېڭى ئىگىلىك قۇرۇلمىسى شەكىللەنگەن. خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى يېقىنقى 40 يىلدا نەچچە يۈز ھەسسە ئاشقان، پۇقرالارنىڭ ئائىلە مۈلكى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خام چوتىنىڭ 70 % ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق تۈرلەرگە سەرپ قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە خەجلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە نامراتلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايغانلىقى، 2018‏-يىلى نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 6.1 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزىرىپ، 1950‏-يىللارنىڭ بېشىدىكى 30 ياشلاردىن ھازىرقى 72.35 ياشقا چىققانلىقى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 1970‏-يىللارنىڭ بېشىدىكى 20% تىن 2018‏-يىلى 91. 99 پىرسەنتكە، يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنىڭ 95.95 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا 3 يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساسى مائارىپنىڭ پۈتۈن رايوننى قاپلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.