يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى» ھەققىدە يالغان-ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ خىتاينىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان چەت ئەللىك مۇخبىرلار ۋە تور چولپانلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
دەرۋەقە، خىتاينىڭ بۇ تور تەشۋىقات سېپىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ئامېرىكالىق دەنىي خايفوڭ (Danny Haiphong) نىڭ X سۇپىسىدا تارقاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئۇيغۇر پىروفېسسورى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى، ھالبۇكى بۇنىڭ تامامەن ئامېرىكانىڭ «يامان غەرەزلىك ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىقاتى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆھبەت ۋىدىيوسى دەل بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بۇ ئىككى كىشىنىڭ ۋىدىيولۇق سۆھبىتىنى ئۆزىنىڭ X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ ئىلھام توختى بىلەن راھىلە داۋۇتنى خەشتەگ قىلىپ، ئاتالمىش «بۇ يەردە زۇلۇم يوق» دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، دەنىي خايفوڭغا رەددىيە بەرگەن. ھەمدە ئۇنىڭدىن مۇنۇلارنى سورىغان؛ «ھەي دەنىي، … سەن نېمىشقا بۇ ئىككى ئۇيغۇر پىروفېسسورنى زىيارەت قىلمايسەن؟ ئۇلار مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمىگە كىرەلەمسەن؟ ئۇلار قايسى ‹جىنايەت› ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان؟ #rahiledawut #ilhamtohti (بۇ يەردە زۇلۇم يوق…)»
بۇچ ۋېئىر (Butch Ware) نامىدىكى بىر X قوللانغۇچىسىمۇ دەنىي خايفوڭنىڭ X سۇپىسىدا تارقىتىلغان بۇ سۆھبەت ۋىدىيوسىغا قارىتا: «خىتاينىڭ ئىرقچىلىقىنى قوغداشنى توختات. مەن بىۋاسىتە بۇ سەۋەبلەردىن ئازابلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن. بۇ يەردىن چىقىپ كەت» دەپ ئۆز پىكرىنى بىلدۈرگەن.
X سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلا ھەققىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تۈرلۈك ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ غەربلىك مۇخبىرلار ۋە تور چولپانلىرى پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئامېرىكا ۋە غەرب سەپسەتىلىرىگە» قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كەڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن دېدى. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارادا ئىشەنچسىز بىر ئوبراز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا مېنىڭچە، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بايانلىرى ھەققىدىكى پىكىر، كۆز قاراشلىرى ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، غەربنىڭ بايان-سەپسەتىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر. يەنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلەنگەن قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىشتۇر. ۋاھالەنكى دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇ تور مۇخبىرلىرى ھازىر باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش ھوقۇقى بولمىغان شارائىتتا ئۇ يەرگە بېرىپ، ئەركىن-ئازادە سىنلىق ۋىدىيولارنى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ۋە ياكى ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان رايوننى، ئائىلىسىنى بىۋاسىتە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رايونغا كىرىشى چەكلىنىۋاتىدۇ.»
X سۇپىسىدا ئۆزىنى يۇتۇبې قانىلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋە ژۇرنالىست دەپ ئاتىغان دەنىي خايفوڭ مەزكۇر سۆھبەتتە تۇرسۇن ئەبەي ئىسىملىك ئۇيغۇر پىروفېسسوردىن ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلىرىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىن كەلگەنلىكىنى، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ پىكىر-بايانلىرىنىڭ بىر سەلبىي رىۋايەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئۇيغۇر پىروفېسسور سۆھبەت جەريانىدا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ سەپسەتىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى نامىدا بەزى شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ نۇرغۇن شىركەتلەرگە زىيان سالغانلىقىنى ئېيتقان.»

ئېنىقلاشلىرىمىزغا ئاساسەن، تۇرسۇن ئەبەي ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر پىروفېسسور خىتاينىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات ۋە ئالاقە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، 1983-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ھازىرغىچە 20 دىن ئارتۇق ھەر خىل خەۋەر ماقالىسى، ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرىنى يازغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ياخشى باھالارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان چەت ئەل تاراتقۇ ۋە مۇخبىرلىرىدىن پايدىلىنىشنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋجگە چىقارماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ مانا بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتىغا يۇقىرىدىكى ۋىدىيودا كۆرگىنىدەك بەزى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقى ۋە ياكى قورقۇنچتىن بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمرانلارغا، مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرگە خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە بىلىپ تۇرۇپ تاشقى دۇنياغا يالغان سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قورقۇش تۈپەيلىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بىز ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆردۇق. خۇددى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە ئوخشاش ئۇ ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان، ئەكسىچە بولغاندا ئېغىر جازالارغا ئۇچرىغان. شۇڭا مېنىڭچە، ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئىشقا جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنى، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بىر تەكشۈرۈش-زىيارەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ رايونغا بېرىپ كىملەرنى، قانداق كىشىلەر ۋە ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىدىغان بىر تىزىملىك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
«خىتاينىڭ دېپىنى چېلىش سېپىگە قوشۇلغان» دەپ تەنقىد قىلىنغان ئامېرىكالىق مەزكۇر تور مۇخبىرى دەنىي خايفوڭ X سۇپىسىدا تارقاتقان ئۇيغۇر پىروفېسسور بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، يەنە ئامېرىكادا شىنجاڭدا ئەركىنلىك يوق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئۇيغۇر پىروفېسسوردىن ئەركىنلىك دېگەن سۆزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاھالەنكى بۇ پىروفېسسور ئاتالمىش «ئەركىنلىك» ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛ «ئەركىنلىك نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىش ئەمەس، بەلكى قانۇن دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قوغلىشىش دېگەن گەپ بار. بۇ مېنىڭ ئەركىنلىككە بولغان چۈشەنچەمدۇر.»
ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات كانىيى قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يەنئەن دەۋرىدىن تارتىپلا قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاقلاش ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنىڭ يەنە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق، بىز بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئىران بىلەن قاتارنىڭ چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە نۇرغۇن ساھەگە كۆپلىگەن مەبلەغ سالغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى ۋە بەزى جىنايەتلىرىنى ھەقلىق قىلىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكا-ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا غەرب دۆلەتلىرى ئىران، قاتار، ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەل تاراتقۇلىرى ياكى تەتقىقاتچىلاردىن قانداق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى ۋە ئىدىيەسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭچە بۇ ئىككى تەرەپلىمىلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، بۇ تەشۋىقات سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ.»
دەرۋەقە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋىدىيولۇق سۆھبەتكە ئوخشاش نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە سۇپىلار ئارقىلىق شىنجاڭ ھەققىدىكى ئىجابىي بايانلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ جۈملىدىن، ئامېرىكانىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. ھەتتا ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنياز قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي رەھبەرلىرىمۇ بەزى چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۆمەكلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئاشكارا ھالدا ئامېرىكانى «خىتاينىڭ يۈزىگە قارا سۈركىدى» ، «شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلىمەكچى» ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگىنى يالغان» دەپ قارىلىدى. خىتاي بۇ خىل تەشۋىقاتى ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتقانىدى.