ئەركىن ئەكرەم: خىتاي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان قوش بىسلىق سىياسىتىنى قايتا باشلىدى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتىلەردە خىتاينىڭ تۈركىيە ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن 18 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەكنى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەت يىللاردىن بۇيان ئۆز يۇرتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن، بېرىپ-كېلىشلىرى توختىغان، ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىلەرگە ۋە لاگېرلارغا تاشلانغان تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈركىيەدىكى ئۆزىنى «ئۇيغۇر ئىش ئادەملىرى جەمئىيىتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى سابىر بوغدانىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 16 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن 2 نەپەر قازاقنى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» سالاھىيىتىدە ئىچكىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان بىرقانچە مىليون كىشىنى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۇيغۇر تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى شۇنىڭدەك ئىسلامىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق مەخسۇس زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللىشىدىكى مەقسەت نېمە؟

بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنداق بىر ئۆمەكنى تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىغا ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇشىدىكى مەقسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز پېڭ فامىلىلىك ئەلچىخانا خادىمىدىن «سىلەر مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپسىلەر، بۇنىڭدىكى مەقسەت نېمە؟ قانداق كىشىلەرنى سىلەر بۇنداق ئۆمەكلەرگە تاللايسىلەر؟ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئاتا-ئانىلىرى، بالىلىرىنى، ھەتتا تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقانلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىدىڭلار، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر سىلەرنى ئەيىبلىمەكتە، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ، بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پەقەتلا «خىتايغا ئىشىكنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى» نى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھەئە شۇنداق، بىر ئۆمەك ئېكسكۇرسىيەگە باردىغۇ دەيمەن. ئەگەر يۇرتىغا بارالمىغانلار بولسا تىزىملىكىنى بىزگە ئېلخەت بىلەن يوللىساڭلار مەن مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن. ھازىر ئىشىكنى ئېچىۋەتتۇق، ھەممە ئادەم قايتالايدۇ».

تۈركىيەدىكى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار ئۆمىكى» نىڭ تىزىملىكى.
تۈركىيەدىكى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار ئۆمىكى» نىڭ تىزىملىكى. (RFA/Erkin Tarim)

بىز يۇقىرىقىدەك سوئاللىرىمىزنى سوراپ، ئۆز كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر ئېكسكۇرسىيەنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان، ئۆزىنى «ئۇيغۇر ئىش ئادەملىرى جەمئىيىتى» دەپ ئاتىۋالغان جەمئىيەتنىڭ رەئىسى سابىر بوغداغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، قوپاللىق بىلەن: «سېنىڭ مېنىڭ نەگە بېرىشىمنى سوراش ھوقۇقۇڭ يوق» دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

ئاندىن ئاتالمىش مەزكۇر «مۇھاجىرلار ئۆمىكى» تەركىبىدە ئۇيغۇر دىيارىغا ئېكسكۇرسىيەگە بارغان تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خادىمى، قازاقلاردىن زەينەش ئىسمائىلغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، زىيارەت توغرىلىق بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز 18 نەپەر ئادەم باردۇق. بىز بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇق. 10 كۈنلۈك ساياھىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىمىزنىڭ باشلىقى سابىر بوغدا ئىدى» دېدى.

«كۆپ ساندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرىغا قامالغان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر-ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئۇيغۇرلار يوق بولۇپ كېتىش گىردابىغا قاراپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ زىيارەتكە بېرىشىڭلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىد قىلىنىۋاتىدۇ؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا زەينەش ئىسمائىل مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزنىڭ تۇغۇلغان جايلىرىمىزنى، دوست بۇرادەرلىرىمىزنى كۆرۈپ كېلىشىمىز نورمال بىر ئىش. بۇنىڭ سىياسىي بىر تەرىپى يوق. خىتاي ئەلچىخانىسى تەكلىپ قىلدى. بىزمۇ بېرىپ ئايلىنىپ كەلدۇق. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە 6-ئاينىڭ 18-كۈنى قازاقىستاندىكى مۇھاجىر قازاقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئالتاي، چۆچەك ۋە غۇلجا رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مۇھاجىر قاتارىدا تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلدۇرۇشىغا قارىتا بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەنقەرەدىكى ھاجېتتېپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللىشىنى «بىر خىل سىياسىي تاكتىكا» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ نورمال بىر ساياھەت ياكى زىيارەت ئەمەس. بۇ بىر غەرەزلىك ھەرىكەت.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەم كومپارتىيەنىڭ ھەمدە دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن خىتايدا زور سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. تاشقى سىياسەتتە ئامېرىكىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. چەتئەللىكلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىمۇ تەكلىپ قىلدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئوبرازىنى بۇزدى. بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇڭا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ما شىڭرۈي تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنى تەكىتلەپ كەلگەن. خىتاي چەتئەلدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇھاجىرلار، مۇخبىرلار ۋە سىياسەتچىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشقا باشلىدى».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەن ۋە شۇنىڭدەك مۇنداق نارازىلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش ئومۇميۈزلۈكلەشكەن ھەم كۆلەملەشكەن ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتاي دائىرىلىرى مۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك سېپىنى بۇزۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زىيارەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش ۋە باشقا ئۇسسۇللارنى قوللىنىشى مۇمكىن.

زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن زەينەش ئىسمائىلنىڭ خىزمەتدىشى، يەنى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خىزمەتچىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ مۇنداق زىيارەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللىگەنىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنى قايتا باشلىشىدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى پەردىلەشتىن ئىبارەت.

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى بەزى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تاللىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغانىدى. ھەتتا تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم پارتىيە رەھبەرلىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرغانىدى. ئارىلىقتا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ساياھەتچىلىك كۈچىيىپ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن، تۈركىيەدە ئۆيلەرنى سېتىۋالغان، لېكىن 2017-يىلىدىن تارتىپ ئاشۇ تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغانلار، ئوقۇغانلار ياكى تۇرغانلارنىڭ كۆپى لاگېرلارغا سولاش ھەم قاماققا ھۆكۈم قىلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنىدى.