خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى بىر ئۆرنىكى
2024.07.05
بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالدىنقى يىللىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەردە مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، غەربتە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا سەزگۈرلۈك تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. ئاخىرقى بىرقانچە يىلدىن بېرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي جاسۇسلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
2-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوسلو ئايرودۇرۇمىدا خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات توپلىغان بىر جاسۇس گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بۈگۈن ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنى قاپلىدى. ئالدىنقى ئايلاردا تۈركىيەدىمۇ خىتايغا ئىشلىگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارا بولۇپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەم چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا دائىر ئۇچۇرلار پات-پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بىر ئۆكتىچىنى گېرمانىيەدە تۇتۇپ، فىرانسىيەگە ئاپىرىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا سولاپ، خىتاينىڭ مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىدا قىيناپ، ئاقىۋەتتە «ئەركىنلىكنىڭ بۆشۈكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان فىرانسىيەدىن خىتايغا يولغا سېلىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشتەك چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئاز كۆرۈلگەن بىر ھادىسە بولسا كېرەك.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 3-ئىيۇل ئېلان قىلغان «دۇنيا گېزىتى: ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسى بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنى مەجبۇرىي دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن فىرانسىيەدىن ئايرىلىشى تەلەپ قىلىندى» ناملىق خەۋەردە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا ئۆرنەك بولغۇدەك بىر ۋەقە ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى فىرانسىيەنىڭ چارلىز دېگول ئايرودۇرۇمىدا 7 نەپەر خىتاينىڭ بىرلىشىپ، يەنە بىر نەپەر خىتاينى ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىگە قارىماي، ئايروپىلانغا چىقىدىغان يەردىكى بېلەت تەكشۈرىدىغان جايدىن ئۆتۈشكە قىستاۋاتقانلىقىدەك بىنورمال ھەرىكەتلىرى فىرانسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ساقچىلار ۋەقەگە دەرھال ئارىلىشىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماقچى بولۇۋاتقان لىڭ خۇاجەن ئىسىملىك بۇ خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالغان. ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەمدى تولۇق ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىگە دائىر مۇنازىرىلەر فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا قانات يايغان.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ تىلغا ئېلىشىچە، فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قىپيالىڭاچ بىر ئىپادىسى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۇلباھار جېلىلوۋا ئۇچرىغان تەھدىت بۇنىڭ بىر مىسالى سانىلىدىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جىددىي بىر ئويغىنىش ۋەزىيىتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ بۇ ساھەدە خىزمەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقى كارغا كەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پارىژدىكى ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ فىرانسىيەدىن دەرھال ئايرىلىشى بۇيرۇلغان. بۇ بۇيرۇق فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئېلىيسې سارىيىدىن چۈشۈرۈلگەن. «بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سەزگۈر نېرۋىسىنى قوچۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن» مەزكۇر بۇيرۇق ھازىرغا قەدەر مەخپىي تۇتۇلغان.
ۋەقەنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، 26 ياشلىق گۇاڭدۇڭلۇق ئۆكتىچى لىڭ خۇاجەن خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيەدە تۇتۇلغان. ئۇ مەخپىي ھالدا فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراق قىلىنغان ۋە پارىژنىڭ شىمالىدىكى ئاۋبېرۋىللېرس (aubervillers) دېگەن رايوندىكى بىر يەر ئاستى ئۆيگە سولاپ قويۇلغان. ئۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن پارىژنىڭ 9-رايونىدىكى ئىككى خىتاي رېستورانىغا ئاپىرىلىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى رېستوراننىڭ بىرى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەخپىي ساقچى پونكىتى ئىكەن.
مەركىزى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا لىڭ خۇاجەن دۇچ كەلگەندىنمۇ ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان 20 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنى «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانى بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلىۋاتقان ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارمۇ گۈلباھار جېلىلوۋاغا ئوخشاش خىتاينىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لىڭ خۇاجەننى بويسۇندۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشنىڭ بىر پىلانىنى تۈزگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى بىلەن لىڭ خۇاجەننى «فالۈنگۇڭنىڭ مۇرتى» بولغانلىقىغا دائىر بىر ئىقرارنامىگە مەجبۇرىي قول قويغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى چارلىز دېگول ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ بېرىپ، خىتايغا ئەۋەتىۋەتمەكچى بولغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى كېيىن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، لىڭ خۇاجەننىڭ «فالۈنگۇڭنىڭ مۇرتى» بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ «ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ»، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «دۆلىتىگە قايتىپ تەسلىم بولماقچى» بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما لىڭ خۇاجەن فىرانسىيەنىڭ «دەۋر» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن فالۈنگۇڭچىلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزىنى سوراقتا ئىقرارنامىگە مەجبۇرىي قول قويغۇزغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلەر نۆۋەتتە فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان.