خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا «خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھوقۇق دائىرىسى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان قورالغا ئايلاندى، دەپ قارىماقتا
«خىتاي ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىغا ئائىت قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. خىتاي كومپارتىيەسىگە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۈستىدىن تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ قانۇندا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتايدىكى 21 ھۆكۈمەت مىنىستىرلىقىنى نازارەت قىلىدۇ، دېيىلگەن.
خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى دوكتور تېڭ بىياۋ (滕彪) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن ۋە قارارلار ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى:
«خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەمەلىيەتتە ئىسمى بار، جىسمى يوق بىر قورچاق ئورگان. يەنى بۇ ئورگاننىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوق. خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىدۇ. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، كومپارتىيە ياكى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بولغان كونتروللۇقنى قاتتىق كۈچەيتتى. گەرچە كۆرۈنۈشتە خەلق قۇرۇلتىيى خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلانسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدۇ. خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئىچىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىدا. شى جىنپىڭ بارغانسېرى كومپارتىيەنى بىر كىشىلىك ھاكىممۇتلەق گەۋدىگە ئايلاندۇردى. شۇڭلاشقا، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ شەخسى ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان قورالىغا ئايلاندى. دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوق. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ۋە شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي مۇستەبىتلىكىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈشتىن باشقا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تىلغا ئالغۇچىلىك ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى يوق».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، قانۇن-تۈزۈملەرنى قايرىپ قۇيۇپ، سىياسەت ۋە نىزاملار ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى، خىتاي ئارمىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا بارلىق ھوقۇقلىرىنى قۇلىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. بۇ قېتىمى ‹ئىككى يىغىن› دا خىتاي ھۆكۈمىتى، يەنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۈچەيدى. شى جىنىپىڭ مۇستەبىتلىك يولىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ».
بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن»دا يەنە خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش يېڭى قانۇنلار ماقۇللانغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ «قەتئىي قوغدىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى› ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولماستىن، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىدۇر. بۇ يەردىكى مەقسەت شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان» .
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كۆپلىگەن سىستېمىلىق مەسىلىلىرى ئۇنىڭ 2024-يىلدىكى ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن.
خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى تېخىمۇ كۆپەيتىلىپ ماقۇللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 1 تىرىللىيون 600 مىليارد يۈەن، يەنى 222 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، دەپ ئېلان قىلغان. يەنى 7.2 پىرسەنت ئۆستۈرگەن.
ئۇنداقتا، خىتاي ئىقتىسادىي كىرىزىسكە يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر قىيىن مەزگىلىدە يەنە نېمە ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى ( Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، خىتاي بارغانسېرى پۈتۈن دۇنياغا دۈشمەنلىك مۇئامىلىسى قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابىتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەتلىرى ئىقتىساد ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ رىقابەت ھەربىي جەھەتتىنمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە ئۆزىنى قوراللاندۇرماقتا، شۇنداقلا بۇنى ئۆزىنى قوغداش تەدبىرى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. يەنى، ‹ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن قوراللاندىم› دېيىلمەكتە. بۇ قوراللىنىشنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرى ۋە بېشارىتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەيۋەن ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىل ئېيتىمى ئۆزگەردى. يەنى تەيۋەن ئۈچۈن قاتتىق شەكىلدىكى تىل ئېيتىمى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، تەيۋەن خىتاي ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى ھەربىي پارتلاش نۇقتىسى، يەنى ھەربىي توقۇنۇش نۇقتىسى. شۇڭا مەن خىتاينىڭ شۇ ھەربىي توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. رۇسىيەمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كۈنسېرى قۇتۇپلاشقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. خۇلاسە قىلغاندا، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ‹ئىككى يىغىن› ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كۈچنى (ھوقۇقنى) قۇلىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى».
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، باش لايىھەلىگۈچىسى ۋە باش يېتەكچىسىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ما شىڭرۈي بىلەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ مەدھىيەلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۇستەبىتكە ئايلانغانلىقىنى ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
