خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەش پىلانى قارشىلىققا ئۇچرىغان

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەش پىلانى ئەلچىخانا كۆچۈرۈلىدىغان رايونلۇق كېڭەش ئەزالىرى ۋە يەرلىك پۇقرالارنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوننىڭ شەھەر مەركىزىدىكى باش ئەلچىخانىسىنى 2018-يىلى لوندوننىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە جايلاشقان خان جەمەتى تەڭگە شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى بىناسىغا يۆتكەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خان جەمەتى تەڭگە شىركىتىنىڭ مەزكۇر بىناسى 1805-يىلى ياسالغان ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر بىنانىڭ كەينىدىكى مەھەللىدىكىلەردىكى ھەر 10 كىشىنىڭ 4 نەپىرى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا خاتىمە بەرمىگۈچە ئۇنىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەردە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاينىڭ 1.8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى مەزكۇر لاگېرلارنى تاقاپ، بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان لاگېر، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى بارغانچە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە سىياسىيونلىرى ۋە پۇقرالىرى ئارىسىدا خىتايغا بولغان نارازىلىق سادالىرى ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرۈشنى پىلان قىلىۋاتقان رايوندىكى بىر مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى مو رابىك خىتاينىڭ بۇنداق كۆپ دىنلىق ۋە مۇسۇلمانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بىر مەھەللىگە كۆچمەكچى بولغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ رايوننىڭ باشلىقى جون بىگگس خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رايوننىڭ كېڭەش ئەزالىرىدىن رابىنا خان كېڭەشتە بىر جىددىي چاقىرىق تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
چاقىرىقتا كېڭەش ئەزالىرى ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭغا مەكتۇپ يوللاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز خىتايغا ئىنكاس يوللاش، ئەگەر ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلسە، شۇنى بىلىشى كېرەككى، رايونىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغان جاي.»