ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ۋە خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىرىگە قەدەر سىڭىپ كىرىشىدىكى سىياسىي غەرەزلەر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.07.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ۋە خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىرىگە قەدەر سىڭىپ كىرىشىدىكى سىياسىي غەرەزلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى سەھنىلەشكەن سۈنئىي سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ پارچىسىغا ئايلانغان. 2022-يىلى 9-ئىيۇل، ئاقسۇ.
ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ساختا سىياسىي تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرى بىلەن بىللە «قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگەنلىكى» تەشۋىق قىلىنماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمىتى» (ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ماھىل قىلىش) ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى» ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەردە كەنت-مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھېيتلىق دەستۇرخان سېلىپ، ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرىنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى سەھنىلەشكەن سۈنئىي سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ پارچىسىغا ئايلانغان. 2022-يىلى 9-ئىيۇل، ئاقسۇ.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لااگېر شاھىتى ئۆمەر بەكئەلى خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىدىن قاتتىق بىزار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈرۈپ: «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىدەك ئەڭ ئەقەللىي ئادەتلەرنىمۇ بىلمەيدىغان بۇ ئاتالمىش ‹ئۈچ ئەل خىزمىتى› كادىرلىرى، قانداقسىگە ئەل رايىنى بىلسۇن؟» دەپ سوئال قويدى.

ئۆمەر بەكئەلى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرىپ ئوبچە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىلا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھېيتنىڭ 1-كۈنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەت بويىچە ئاۋۋال قۇربان ھېيت نامىزىغا بارىدىغانلىقى، ئاندىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مازارلىرىنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدىغانلىقى، ئاندىن كېيىن قۇربانلىق قوي سويۇش بىلەن ئالدىراش بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئائىلىسىدىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىدەك ھېيت ئەنئەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ماھىل قىلىش» دېگەن نام ئاستىدىكى ئاتالمىش «ئۈل ئەل خىزمىتى» سىياسىتى، يەنى پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، كەنت-مەھەللىلەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ سىياسەت تېخىمۇ جىددىي تۈستە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. چېن چۈەنگونىڭ شەخسەن ئۆزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ مەزكۇر سىياسەتنى خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان بولۇش» تەدبىرى بىلەن باشلاپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرىنى يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى بىۋاسىتە كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان.

رادىيومىز ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىدىمۇ بۇ ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئەترىتىدىكى خىتاي كادىرلىرىنىڭ، ئېتىقادى، ئۈرپ-ئادەتلىرى ۋە تىلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۈچۈپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن «تاماقتا، تۇرمۇشتا، ھەتتا ئۇخلاشتا بىللە بولۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بەشتە بىرگە بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ھاياتى، دىنىي تۇرمۇشى، ئىدىيىۋى ئەھۋالى، ھەتتا ئوي-خىياللىرىغىچە قەدەر تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە ئۆيمۇ-ئۆي جەدۋەل تارقىتىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالى، دىنىي پائالىيەتلىرى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسى ھەمدە پارتىيە-ھۆكۈمەتكە ماھىل بولۇش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى ئىنچىلىكىك بىلەن تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى ئاشكارىلىغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئىچىدىكى «سېكرىتار چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلانغان چوڭ تۇتقۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دەل ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئاساس سېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۇەنگو 2018-يىلى 18-ئىيۇندا چاقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا ئۇزۇن سۆز قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارغا مۇنداق يوليورۇق بەرگەن: «ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارلىرى ئاممىۋىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك (كەنتلەردىكى) ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قەدەر بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. . . بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدا ئائىلىلەرگە قەدەر بېرىپ خىزمەت ئىشلەشنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك. بىر قىسىم مۇقىملىق ساقلىغۇچى كۈچلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، دېلو بېجىرىۋاتقانلار ۋە دېلونى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلاردىن باشقا بارلىق كادىرلارنىڭ ھەممىسى كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگىچە ئورۇنلىشىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرىدىن «ئىككىنى قاپلاش» (两个覆盖) نى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. چېن چۈەنگو مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە قوشماق تۇغقاندارچىلىق پائالىيىتى ھەممە جاينى قاپلاش؛ ئىككىنچىدىن، كادىرلارنىڭ كەنت-مەھەللىلەرگىچە بېرىپ، ئائىلىلەردە يەرلىك دېھقانلار بىلەن بىللە تۇرۇش ئىشى ھەممە جاينى قاپلاش» كېرەك.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگىچە، جۈملىدىن تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگىچە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆز ئۆيىدە ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرى بىلەن بىللە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى نورمال ئىنسانلار قوبۇل قىلالمايدىغان ھەر خىل كەمسىتىش ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرايدىكەن. ئۇ يەنە ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرى، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئەشەددىي ئىجراچىلىرىدۇر، دېدى.

«شىنجاڭ ھۆججەتلىرى»، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا پاش بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلەردىمۇ، مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ئارتىلغان ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇماندارى» دېيىلگەن جىنايەتلەرنىڭ دەل «ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ توپلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا «جىنايەت» تۇرغۇزۇلغانلىقى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇلتۇر 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، «خىتاي ئۈچ ئەل خىزمىتى» كادىرلىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا «2014-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇدا سەككىز يىل ‹ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ماھىل قىلىش› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار يېزا-كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكتى، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى،» دېيىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2018-يىلى 13-ماي كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن بۇ كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت نازارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئارخىپلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا ئەۋەتىشتە مانا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تۇغقان بولۇش› سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى، 2017-2018-يىللىرىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوللانغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىكى ئەڭ ئاشقۇن ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە بىللە تاماق يەپ، ھەتتا كارىۋاتلىرىدا بىللە يېتىشتەك غەلىتە قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىشنى مەقسەت قىلغان. كېيىن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتا پاكىت ئاساسىدا قوللانغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرى ھازىر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى دەرھال توختىتىش ئىنتايىن تەخىرسىز ۋە جىددىي مەسىلە. خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇلار جازالىنىشى كېرەك.»

2022-يىلىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە ما شىڭرۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەربىيەلەش ۋە قۇتقۇزۇپ قېلىش لازىم،» دەپ تەكىتلىمەكتە. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ باش نىشانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.