خىتاينىڭ ب د ت دا ئاجىز دۆلەتلەرگە قانداق تەھدىت سالىدىغانلىقىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا 39 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە مىللىي زۇلۇملىرى ئەيىبلەنگەن بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» ب د ت خادىملىرىنى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ب د ت دا ئاجىز دۆلەتلەرگە قانداق تەھدىت سالىدىغانلىقىغا دائىر بەزى مەلۇماتلارنى ئېنىقلاپ چىققان.
7-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئۇرۇش بۆرىسى» ناملىق بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى خادىملىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرىگە «كۆزىگە كىرىۋېلىش»، «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»، «ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىكار قىلىمىز، دەپ تەھدىت سېلىش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان باياناتلارغا ئىمزا قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 دۆلەت 6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. دەل شۇ كۈنى قانچىلىغان چەت´ئەل دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قانداق بېسىم ئىشلىتىپ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان باياناتقا قول قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى بىلەن ئورتاقلاشتى».
ئوبزوردا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «ب د ت تاشقى مۇناسىۋەت ئورگىنىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 39 دۆلەتنىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتىدىن بۇ قەدەر بىئارام بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ دۆلەتنىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتنى ئاشكارا قوللايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. خىتاي ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان بۇ بىرلەشمە باياناتقا كۆپ بولسا 30 دۆلەت ئىمزا قويىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان ئىدى».
دەرۋەقە، 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ سانى 23 ئىدى. بۇ يىل 6-ئايدا 28 دۆلەتكە كۆپەيگەن. بۇ قېتىم بولسا 39 دۆلەتكە يەتكەنىدى. ھەيران قالارلىقى تۇنجى قېتىم ياۋروپادىكى 2 مۇسۇلمان دۆلىتى، يەنى ئالبانىيە بىلەن بوسنىيە ھەرسەگوۋىنا بۇ سەپكە قوشۇلغانىدى.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى جوناسان ئاللەن ب د ت يىغىنىدىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن دۆلەتلەر بىزگە خىتايدىن كەلگەن بېسىملارغا يولۇققانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار خىتاينى قوللىمىسا، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىكار قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى».
خىتاينىڭ تەھدىتى ھەر ساھەگە كېڭەيگەن. ئوبزوردا قەيت قىلىنىشىچە، 2019-يىلى ئاۋسترىيە بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنى يۆتكەپ، باشقا جايغا يېڭىدىن قۇرىدىغان بىر قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ. دەل شۇ چاغدا ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەيىبلەنگەن بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاۋسترىيە ئەلچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بۇ باياناتقا ئىمزا قويسا، ئاۋسترىيەنىڭ باش ئەلچىخانىسىنى يېڭىدىن قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بىراق ئاۋسترىيە خىتاينىڭ تەھدىتىگە پەرۋا قىلماي، بىرلەشمە باياناتقا يەنىلا ئىمزا قويىدۇ. خىتاي ئاۋسترىيەگە تەھدىت سېلىپ ئاقتۇرالمىغان بولسىمۇ، بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىگە بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمىنى بىكار قىلىدۇ.
ب د ت دا داۋاملىق سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار ب د ت دا ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىغا سوۋغا-سالام بېرىش، پارا بېرىش، ھەرخىل ناملاردا يالغاندىن «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى» نى قۇرۇپ ب د ت خادىملىرىنى ئالداش قاتارلىق ھىيلە-مىكىرلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ماددىي ئىمكانلىرىغا تايىنىپ بەزى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرىنى قولغا كەلتۈرىۋالغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
ب د ت دىكى بىر چەتئەل دىپلوماتى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىغا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ دىپلوماتلىرى داۋاملىق ئالدىڭدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۈزۈلدۈرمەي ساڭا تېلېفون قىلىدۇ، ئۇچۇرلار يوللايدۇ، ئاخشاملىرىدىمۇ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش چاغلىرىدىمۇ. ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى ھېچقاچان توختاپ باقمىدى».
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ دىپلومات يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار مېنى بەزىدە يىغىن زالىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئاندىن مېنى قورشاۋغا ئېلىۋالىدۇ. كۆپىنچە 3 كە قارشى بىر ھالەتتە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.»
ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتايلار يەنە باشقا رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەنمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى دىپلوماتلىرىنى ئالدايدىكەن ھەمدە ئۇلارنى يالغان مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ مىسالى، خىتاي ئەلچىلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى دىپلوماتلىرىغا ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرۇشنى ئېيتىپ «سىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرىڭلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى» دەپ يالغان سۆزلەيدىكەن. بۇ دىپلوماتلار ئۆز دۆلىتىدىن سۈرۈشتۈرسە بۇنداق ئەھۋال يوق بولۇپ چىقىدىكەن. يەنى خىتاي دىپلوماتلىرى قاراپ تۇرۇپلا يالغان سۆزلەيدىكەن.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ پارىخورلۇق ئەنئەنىسىنى ب د ت دىمۇ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بىر جەھەتتىن بۇنىڭ خىتاينىڭ قانداق بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى تونۇتۇش رولىنىمۇ ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لۈ چاربانېي مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە، سۈرىيە، كۇبا، ۋېنسۇئىلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن دۆلەتلەر خىتاينى قوللاشنى خالايدۇ. باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينى قوللاش مەيدانىنى تاللىغان».
ب د ت دا 39 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئوتتۇرىغا قويغان گېرمانىيە دىپلوماتى كىرىستوف خويىسگېن گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ دۇنيادا ئەكسى تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر خىتاينىڭ قىلمىشلىرىدىن بىئارام بولماقتا» دېگەن.
ئوبزور مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتلارغا ئىمزا قويۇشى بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى رەت قىلىش ئۈچۈن تۆلەيدىغان سىياسىي بەدەللىرى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى خالىسا، ئۇ چوقۇم ئۆزگىرىشى لازىم».
0:00 / 0:00