خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھىندىستان توغرىسىدىكى باياناتى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-05-03
Share
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھىندىستان توغرىسىدىكى باياناتى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدىكى خەۋەر سۇپىسى «چاڭئەن» تورىنىڭ مىكرو بلوگىدا «خىتايچە ئوت يېقىش بىلەن ھىندىستانچە ئوت يېقىشنىڭ پەرقى» تېمىسىدىكى يازمىغا قويۇلغان سۈرەت. 2021-يىلى ئاپرېل.
Social Media

1-ماي كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدىكى خەۋەر سۇپىسى «چاڭئەن» تورىنىڭ مىكرو بلوگىدا «خىتايچە ئوت يېقىش بىلەن ھىندىستانچە ئوت يېقىشنىڭ پەرقى» دېگەن تېمىدا بىر يازما ھەمبەھىرلەنگەن. مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ھىندىستاندىكى كۈندىلىك يۇقۇم سانىنىڭ 400 مىڭدىن ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر يازما بىلەن بىللە ھەمبەھىرلەنگەن رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋابا سەۋەبلىك ھىندىستاندا ۋاپات بولغانلارنىڭ جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشى يەر ئالغان بولۇپ، سول تەرىپىگە خىتاينىڭ 29-ئاپىرىل قويۇپ بېرىلگەن تىئەنخې يادرولۇق مودېلىنىڭ كۆرۈنۈشى يەرلەشتۈرۈلگەن.

مەزكۇر رەسىم ھەمبەھىرلەنگەندىن كىيىن خىتاينىڭ داڭلىق مىكرو بلوگى «ۋىيبو» دا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان بولۇپ، كىشىلەر مەزكۇر رەسىم ۋە يازمىنىڭ ئىنتايىن ئۇيغۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاينىڭ ھىندىستانغا بولغان بۇ خىل ئۆچمەنلىكى ۋە نەپرىتى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم مەزكۇر ئۆچمەنلىكنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تەۋە مەزكۇر ئاخبارات قۇرۇلۇشى ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك، مەزكۇر رەسىمنى توردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.

«بىلۇمبېرگ» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر يازما ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «كۆپچىلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ھىندىستاننىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى جامائەت پىكرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

مەزكۇر رەسىملىك يازما شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىغا Covid-19 پاجىئەسىدىن ھال سوراش ئۇچۇرى ئەۋەتكەندىن بىر كۈن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان چېگرا مەسىلىلىرى سەۋەبلىك ھەمىشە جىددىي ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كېلەچەكتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقىدا ھىندىستاننىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى خىتاي بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھىندىستان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارشى كۈرەشتە قاتتىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە 368 مىڭ 147 يېڭى يۇقۇملانغۇچى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئومۇمىي يۇقۇملىنىش سانى 19 مىليون 930 مىڭغا يەتكەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3417 نەپەر ئېشىپ، 218 مىڭ 959 گە يەتكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆلۈم ئەھۋالىنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىشى كىشىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مۇستەبىتلىك ۋە شوۋىنىزملىق سىياسىتىدە بارغانسېرى رادىكاللىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رەسىملىك يازمىسىنىڭ زادى قانداق بىر سىگنالنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەر يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەھىمسىز ۋە ئىنسانلىقتىن يىراق پوزىتسىيەسىنىڭ ئۇنىڭ تاشقىي سىياسىتىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، دىپلوماتىك باياناتلىرىنىڭ بارغانسېرى خەلئارا دىپلوماتىيە ئەخلاقىدىن ئۇزاقلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت